ئۆمەر بەك ئالى ئائىلىسى جەم بولدى،تاراتقۇلار ۋە ئۇيغۇرلار مۇھەببەت كۆرسەتتى!

2018-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۆمەر بەك ئالى ۋە ئۇنىڭ ئىككى پەرزەنتى قازاقستاندىن كىلىپ،ئستانبۇل ئايرۇدۇرۇمىدا تۇتۇپ قىلىنپ،قايتۇرۋىتىلىش خەۋپى بىلەن پۇتۇن ئۇيغۇر دىياسفوراسنىڭ دىققىتى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىنى قوزغىغان ئايالى ۋە ئوغلى بىلەن جەم بولدى.

ئۆمەر بەك ئالى ئائىلىسى جەم بولدى،تاراتقۇلار ۋە ئۇيغۇرلار مۇھەببەت كۆرسەتتى!

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان،ۋاشنگىتون،2018-يىلى ،9-ئاينىڭ 19-كۈنى

2018-يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۆمەر بەك ئالى ۋە ئۇنىڭ ئىككى پەرزەنتى قازاقستاندىن كىلىپ،ئستانبۇل ئايرۇدۇرۇمىدا تۇتۇپ قىلىنپ،قايتۇرۋىتىلىش خەۋپى بىلەن پۇتۇن ئۇيغۇر دىياسفوراسنىڭ دىققىتى ۋە كۆڭۈل بۆلۈشىنى قوزغىغان ئايالى ۋە ئوغلى بىلەن جەم بولدى.

ئۆمەر بەك قازاقستان پۇقراسى بولۇپ،ئۇ ختتاي بىلەن قازاقستان ئارلىقىدا تىجارەت قىلىدىغان سودىگەر ئىدى.ئۇ ئۇرۇمچىگە قازاقستاننىڭ بىر ساياھەت شركىتى خادىمى سۈپىتىدە بارغان بولۇپ،2017-يىلى 3-ئايدا ختتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ لاگىرغا سولانغان ،ئۇ تۇنجى بولۇپ «ئەركىن ئاسيا رادىئۇسى«(گۈلچىھرە خوجا ئ‍شلىگەن )دا لاگىرلار ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەندىن كىين،ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگىېنتلىقى (گەررى شك ئشلىگەن ) ۋە ۋاشنگىتون پوچتىسى ،كىين يەنە ۋول سچرىت ،ب ب س قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق تاراتقۇلارغا لاگىر ئىچىدىكى قاراڭغۇ ھاياتنى تەپسلى ئاڭلىتىپ،دۇنيا جامائەتچىلىكىگە لاگىر ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ راسلىقىنى تىرىك شاھىت سۈپىتىدە ئسپاتلاپ بەرگەن .

 قازاقستان پۇقراسى بولغانلىقى ئۈچۈن قارامايدىكى تەربىيلەش مەركىزىدىن قويۇپ بىرىلگەن ئۆمەر بەك ئالى قازاقستانغا كىلىپ،لاگىر ھەققىدىكى ئېچنشلىق ھاياتنى ئاشكارىلىغاندىن كىين ،ختتاينىڭ قول سوزۇش خەۋپىنى ھس قىلىپ،2018-يىلى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى تۈركىيەگە قايتىپ كەلگەن.

9-ئاينىڭ 16-كۈنى تۈركىيەگە كىلىش ئۈچۈن يولغا چىققان ئۆمەربەكنىڭ ئايالى روشەنگۇل خانىم ۋە ئوغلى مۇھەممەد تۈركىيە ئستانبۇل ئايرۇپورتىدا پاسپورت ساختا دىگەن ئەيىپلەش بىلەن تۇتۇپ قىلىنغاندىن كىين،ئۇ ئۆزى بىلىدىغان بارلىق كىشلەردىن ياردەم سورىغان،بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەركىن ئاسيا رادىئۇسى مۇخبىرلىرى،ئەنگىلىە  پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى مۇخبىرلىرى،ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى خادىملىرى،ئەنگىلىيەدىكى ئۇيغۇر سەنئەتكار زىيالىسى رەھىمە خانىم،تۇركىيەدىكى ھەر قايسى سياسى تەشكىلات ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بار.

خەۋەر تارقالغاندىن كىين ،ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى مەسئۇلى ئۇيغۇر ئاگېىنتلىقى باشقۇرۇشدىكى «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا فوكۇس خەلقئارا ئاخباراتچىلار كۇلۇبى«نى دەرھال ھەرىكەتكە كەلتۈردى،كۇلۇبتىكى ئاخباراتچىلاردىن بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مەسئۇللىرىدىن بىرى گۇلىيان ۋوڭ دەرھال ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ ،بۇ ھەقتە خەلقئارا دىققەت نۇقتىسى تارتىش ئۇچۇن قسقا خەۋەر يازدۇردى،مەزكۇر خەۋەر ماقالىسى نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى،دەۋر ھەپتىلىكى قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ تور بېكىتىدە ئىلان قىلىندى،خەلقئارا بېسم پەيدا قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى،كۇلۇب ئەزالىرىدىن ئەڭ چوڭ ئ‍نسانى ھوقۇق تەشكىلاتى بولغان -ئ‍نسانى ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىن مايا ۋاڭ مۇناسۋەتلىك ئورۇنلار ئارقىلىق تۈركىيە ھۆكۈمەت تەرەپ بىلەن ئالاقىلاشتى.تاھىر ئىمىن ئامېرىكا تاشقى ئشلار منستىرلىكى مۇناسۋەتلىك بۆلۇم ۋە تۈركىيە باش ئەلچىخانىسغا مۇناسۋەتلىك ئۇچۇرلارنى يەتكۈزدى .تۈركىيەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلاردىن بىرى پىراففىسور ،دوكتۇر ئابدۇرەشد جەلىل قارلۇق ئەپەندى ئۇيغۇر ئاگېىنتلىقى چاقىرىقىغا دەرھال ئاۋاز قوشۇپ،تۈركىيەدىكى مۇھىم سياسى پارتىيەلەردىن بىرى ئىيى پارتىيە ئاساسى رەھبەرلىرىدىن بىرى ،باش ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى ۋە ئادانا مىللەت ۋەكىلى ئسمايىل كونجۇك بىلەن ئالاقىلىشپ مەسلىنىڭ نازۇك تەرەپلىرىنى ئاڭلاتتى،ئسمايىل كونجۇك ئەپەندى تۈركىيە ھۆكۈمىتى مۇناسۋەتلىك تارماقلار بىلەن جىددى ئالاقە قىلدى ۋە ئۆمەربەك ئائىلىسنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتتى.ئابدۇرەشد جەلىل قارلۇق ئەپەندىنىڭ بىلدۈرشىچە،تۈرك ئوجاكلارى ئومۇم باشقانى مەھمەت ئۆز ۋە ياردەمچىسى ئەمراھ بەگلەر بۇ مەسلىگە جىددى كۆڭۈل بۆلۈپ ئالاقىدا بولغان.

خەۋەر يەنە فايس بۇك ئارقىلىق تارقالغاندىن كىين،پۈتۈن دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلار مەسلىگە جىددى كۆڭۈل بۆلۈشتى،سەمىمى تىلەكلەر ۋە دۇئادا بولۇشتى.

رەھىمە خانىم لوندۇن يۇنۇس ئەمرە تەتقىقات جەمئىيتى ئارقىلىق تۈركىيە ھۆكۈمەت دائىرىلىگە مەسلىنى بىلدۇرۇپ،ئۆمەربەك ئائىلىسنىڭ تەقدىرى پۇتۇن دۇنيا ئۇيغۇرلىرى ئۈچۈن جىددى مەسلە ئىكەنلىكىنى ،ئۇنى قويۇۋەتمىسە ئۇيغۇر جامائىتى ھەر قانداق شەكىلدە قەتئى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۇردى.

بۇ مەسلىگە يەنە تۈركىيەدىكى سياسى پائالىيەتچىلەردىن سىيت تومتۈرك ،ھىدايىتۇللا،دولقۇن ئەيسا قاتارلىق كىشلەر ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرگەن ۋە مۇناسۋەتلىك دائىرىلەر بىلەن ئالاقىلاشقان.

19-سىنتەبىر ئۆمەر بەك  ئالى ئايالى بىلەن ئۇچراشقان تۇنجى مىنۇتتىلا ئۇيغۇر ئاگىېنيتلىقىغا ئايدۇرۇدۇرامدا دىدارلىشش مىنۇتلىرى خاتىرلەنگەن سۈرەتنى ئورتاقلاشقاندىن كىين ،مەزكۇر سۇرەت ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى خەلقئارا مۇخبىرلار كۇلۇبى ۋە فايس بۇك ئارقىلىق جامائەتچىلىك بىلەن ھەمبەھىرلەندى.

تۈركىيە ئىيى پارتىيسى باش ئىدارە ھەيئەت ئەزاسى ئسمايىل كونجۇك ئەپەندى تىۋىتتردا بۇ رەسمنى ئورتاقلىشپ،«ختتاينىڭ نازى كامپنى پاش قىلغان ئۇيغۇر تۈركى ئۆمەر بەكالى ئائىلىسى بىلەن جەم بولدى،بۇ تېمىدا ياردەمچى بولغان ھەممەيلەنگە،ئىيى پارتىيسى بۇيۇك مىللەت مەجلىسى گۇرۇپپا باشلىقىمىز ياۋۇز ئاگىرلائوغلۇغا رەھمەت ئىيتىمەن،شەرقى تۈركستاندىكى سويداشلىرىمىزغا قارشى قىلىنىۋاتقان زۇلۇمغا ياق دەيمىز -دەپ ئۇچۇر يوللىدى!

بۇ مەزكۇر مەسلىگە ئائىت ئاشكارا ئىيتىلغان تۈركىيە سياسى ساھەسدىكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدار بولۇپ ھسابلىنىدۇ.

ئۆمەربەك ئالى ئەپەندى جەم بولۇش تەبرىكى ۋە يەنە قانداق ياردەم كىرەكلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرىمىزغا قايتۇرغان ئۇچۇرىدا ئۇيغۇر ئاگىېنتلىقى خادىملىرىغا،دۇنيادىكى بارلىق ئاخباراتچى خادىملارغا،تۈركىيەدىكى ۋەتەنپەرۋەر زاتلار ۋە ئنسانپەرۋەر سياسى پائالىيەتچىلەرگە رەھمەت ئىيتتى!

UT-Uyghur Reporter 11

Next Post

ھازىرچە - خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارشى مەدەنىيەت قىرغىنچىلىقى ئېلىپ بېرىشنى تاللىدى

پە سېنتەبىر 20 , 2018
بىر مىللەتنى پۈتۈن ئۆلتۈرۋەتمەي تۇرۇپ ئاستا-ئاستا ۋەيران قىلىشنىڭ چىقىمى ناھايتى ئېغىرغا توختايدۇ، ئەمما ختتاي ھۆكۈمىتى شۇنداق قىلىشقا رازى!

You May Like