نۇرسمانگۇلنىڭ نۇتۇقى ت ر ت تەرىپىدىن ئۈزۈۋىتىلدى

نۇرسمانگۇل ئابدۇرشتنىڭ ئىيى پارتىيەدە سۆزلىگەن نۇتۇقى تۈركىيە دۆلەت تېلىۋېزيىسى تەرىپىدىن ئۈزۈۋىتىلدى، ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيە سىياسىي ساھەسىدە كۈچلۈك تەسر قوزغىدى.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 2021- يىلى 29- يانۋار

 

نۇرسمانگۇل ئابدۇرشتنىڭ ئىيى پارتىيەدە سۆزلىگەن نۇتۇقى تۈركىيە دۆلەت تېلىۋېزيىسى تەرىپىدىن ئۈزۈۋىتىلدى، ئۇيغۇر مەسىلىسى تۈركىيە سىياسىي ساھەسىدە كۈچلۈك تەسر قوزغىدى.

 

26-يانۋار كۈنى تۈركىيە پارلامىنتىدىكى ئوڭ قانات مىللەتچى پارتىيەلەردىن بىرى بولغان ئىيى پارتىيەسى رەھبىرى مەرال ئاقشەنەر ئۇيغۇر قىزى نۇرسمانگۇل ئابدۇرشىتنى پارتىيە يىغىن زالىغا ئۆز كەچۈرمىشىنى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلغان. نۇرسمانگۇل جانلىق ۋە تەسىرلىك ئۇسلۇبتا ئاتا-ئانىسى ۋە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بېشغا كەلگەنلەرنى ئاڭلاتقان بولۇپ، بۇ نەق مەيدان ۋە ئىنتىرنىت ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەرنى قاتتىق تەسىرلەندۈرگەن. ئەمما نۇرسمانگۇل ئابدۇرشىتنىڭ نەق مەيداندىن بىۋاستە تارقىتىلىۋاتقان سۆزى تۈركىيە دۆلەت تېلىۋېزىيىسى ت ر ت تەرىپىدىن ئۈزۈۋىتىلگەن بولۇپ، بۇ تۈركىيەدە يەنە بىر مەيدان كۈچلۈك سياسىي مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولغان. بارلىق ئۆكتىچى پارتىيەلەر ھاكېمىيەت بېشىدىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى بوغدى، ئۇيغۇرلارنى خىتاينىڭ تەلىپى بويىچە ئۆتكۈزۈپ بەرمەكچى دەپ تەنقىد قىلدى. بۇ مەسلە ھەققىدە  ت ر ت ياكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيسى تېخىچە مەخسۇس بايانات بەرمىدى.

UT-Uyghur Reporter 7

Next Post

دوغۇ پىرىنچەك خابەر تۈركتە نۇرسمانگۇل ئابدۇرشتنى ئەلقائىدە ئەزاسى، تېررورىست دېدى

شە يانۋار 30 , 2021
تۈركىيەنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپتارى بولغان ئەڭ چوڭ تاراتقۇلىرىدىن بىرى خابەر تۈرك 29- يانۋار ئېلىپ بارغان تېلېۋزىيە زىيارىتىدە، خىتايپەرەسلىكى بىلەن تونۇلغان ۋەتەن پارتىيسى لىدىرى دوغۇ پىرىنچەكنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى سۆزلىرىگە ئالاھىدە، ھەتتا قايتا-قايتا ئورۇن بەرگەن. دوغۇ پىرىنچەك ئەڭ مۇھىم سۆزلىرىنى مۇنداق قايتا تەكىتلىگەن: «ئىي پارتىيەنىڭ كۇرسىغا چىقىپ سۆزلىگەن ئۇ خانىم -ئۇيغۇرلارغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. ئۇ خانىم - ئامېرىكا خىتايغا قارشى قوللانغان، ب د ت ۋە تۈركىيە تېررورچى دەپ ئېتىراپ قىلغان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتىنىڭ بىر ئەزاسى.، تېررورىستتۇر.» دېگەن.

You May Like