نۇرى تۈركەل خادسوندا تەيۋەن پارلامېنىت رەئىسى قاتارلىقلار بىلەن مۇھاكىمە ئىلىپ باردى.(1)

نۇرى تۈركەل خادسوندا تەيۋەن پارلامېنىت رەئىسى قاتارلىقلار بىلەن مۇھاكىمە ئىلىپ باردى.(1)

نۇرى تۈركەل خادسوندا تەيۋەن پارلامېنىت رەئىسى قاتارلىقلار بىلەن مۇھاكىمە ئىلىپ باردى.(1)

 

تۇرسۇنجان، ئ‍ۇيغۇر ئاگېنتلىقى

17-ماي

 

16-ماي كۈنى ۋاشنگىتوندىكى كونسرۋاتىپ (ئوڭچىل)تەتقىقات مەركەزلىرىدىن بىرى بولغان ھادسون ئېنۇستىتۇتىدا تەيۋەن پارلامېنتى رەئىسى يوۋ سى كۈن بىلەن ختاينىڭ تەھدىتى، تەيۋەننىڭ مۇداپىئە ئەھۋالى، ئامېرىكاتەيۋەنختاي مۇناسۋەتلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە ئىلىپ باردى.

بۇ تەيۋەن قانۇن چىقرىش ئورگىنى رەئ‍سنىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكا تەتقىقات ئورنىدا سۆز قىلىشى بولۇپ ھسابلىنىدۇ.

 

https://www.hudson.org/events/defending-democracy-conversation-taiwan-legislative-yuan-president-you-si-kun

 

خادسون ئېنۇستىتۇتىنىڭ ئالى تەتقىقاتچىسى نۇرى تۈركەل باشلاش سۆزىدە مۇنداق دىدى: مەن ئۆتكەن يىلى تەيۋەن ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشپ ئۆتكۈزۈلگەن رايون خاراكتىرلىك دىنى ئەركىنلىك يېغىنىدا، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ۋە ختاينىڭ تەيۋەنلىكلەرنى قايتا تەربىيلەش لاگىرىغا سولاش مەقسدى ھەققىدە ئۆگىنشكە تېگىشلىك دەرسلەر ھەققىدە سۆزلىگەنىدىم.تەيۋەنباشقا دىموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن باراۋەر بولغان سياسى كۈچتۈر.تەيۋەننىڭ دىنى ئەركىنلىك ۋە كىشلىك ھوقۇقنى قوغداشقا كۆرسەتكەن تېرشچانلىقىئۇنىڭ دۇنيا تىچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى قىممىتىنى كۆرستىدىغان بىر مسالدۇر.نۇرى تۈركەل يەنە تەيۋەن بىلەن ختتايدىكى پۇقرالار ئەركىنلىكى ھەققىدە سلىشتۇرما ئىلىپ باردى.تەيۋەننىڭ سەھيە جەھەتتىكى نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردىئۇ يەنە مۇنداق دىدىبىز (ئامېرىكا)نىڭ دىموكراتىيەنى قوغداش جەھەتتىكى ئىرادىسى ئەزەلدىن بۇنچىلىك كۈچلۈك بولۇپ باقمىغان…»

 

 

تەيۋەن پارلامىنت رەئىسى سۆزىدە، رەئ‍س نۇرى تۈركەلگە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە، ھادسون پىرەزدىنتىغا رەھمەت ئىيتتى، ئۇ تەيۋەن پارلامنتىدىن كەلگەن ئوخشمىغان پارتىيەلىك پارلامىنىت ئەزالىرىنى تونۇشتۇردى.خادسوننىڭ دۇنيا بويلاپ دىموكراتىيە ۋە ئەركىنلىكنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتىكى تۆھپسنى مۇئەييەنلەشتۈردى.ئامېرىكا دۆلەت مەجلسنىڭ تەيۋەن مۇداپىئەسىگە ياردەم بىرىش ئۈچۈن كەلگۈسى بەش  يىل ئىچىدە 10 مىلىيارد دوللارلىق ھەربى ياردەم ھەققىدىكى قانۇن لايىھىسى ئۈچۈن رەھمەت ئىيتتى.ئۇ يەنە پىرەزدىنت جوۋ بايدىننىڭ پىرەزدىنتلىق ھوقۇقىنى ئ‍شلىتىپ تەيۋەنگە 500 مىلىيون دوللارلىق ياردەم بىرىش لايىھىسى ئۈچۈن رەھمەت ئىيتتى.

 

«گەرچە يېقىندا ئېقتسادشۇناس ژۇرنىلى تەيۋەننى دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك جاي دىگەن بولسمۇ، بۈگۈن مەن سلەر بىلەن تەيۋەن ھەققىدىكى پىكىرلىرىمنى ئورتاقلىشمەن

رەئ‍س يوۋ ئەپەندى تەيۋەننىڭ نۆۋەتتىكى دىموكراتىيەسنىڭ تارىخى، جىياڭ كەيشى دەۋرىدە يولغا قويۇلغان دىكتاتۇر سياسەت، ھازىرقى قانۇن چىقىرىش تۈزۈلمىسى، ئامېرىكىنڭ تەيۋەنگە ھەربى ياردەم قىلىش ئەھۋالى، تەيۋەن خەلقنىڭ دىموكراتىيەگە بولغان قىزغىنلىقى ۋە ئامېرىكىغا بولغان چەكسز ھۈرمىتى  قاتارلىقلارنى تونۇشتۇردى.

ئۇ مۇنداق دىدى: تەيۋەننىڭ كەلگۈسى ۋە تىچلىقىدۇنيانىڭ كەلگۈسى ۋە تىچىلىقىغا تەسر كۆرستىدۇ. تەيۋەنختاينىڭ ئەڭ ئاخىرقى ھۇجۇم نشانى ئەمەس.ختاينىڭ نشانى پەقەت تەيۋەن ئەمەس،ختاينىڭ ئاخىرقى نشانىئامېرىكا ۋە ياۋروپا ھەتتا دۇنيانى قاپلاش ۋە ئۇنىڭغا ئىمپراتۇرلۇق قىلىشتۇر.شى جىن پىڭ تەختكە چىققاندىن كىين، دىڭ شياۋپىڭ ۋە خۇجىنتاۋنىڭ تىچلىق ھەققىدىكى سياسەتلىرىدىن ۋاز كەچتى.ئوباما پىرەزدىنىتقا بەرگەن جەنۇبى دىڭىزنى ھەربىيلەشتۈرمەسلىك ھەققىدىكى ۋەدسىگە خىلاپلىق قىلدى.خوڭكوڭنىڭ بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم ۋەدىسدىن ينىۋالدى.ختاي كومپارتىيەسى پۈتۈن دۇنياغا تەھدىت.

مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدىكى خەۋەر داۋاملىق دىققتىڭلاردا بولىدۇ.

 

 

 

 

 

 

 

 

UT-Uyghur Reporter 4

Next Post

ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاپەت خاراكتىرلىك مەجبۇرى ئەمگىكى خەلقئارا تېرشچانلىقلارغا قارىماي داۋام قىلماقتا.ئادريان: قىرغىنچىلىقنىڭ يادروسدا مەجبۇرى ئەمگەك بار.

چا ماي 17 , 2023
ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاپەت خاراكتىرلىك مەجبۇرى ئەمگىكى خەلقئارا تېرشچانلىقلارغا قارىماي داۋام قىلماقتا.ئادريان: قىرغىنچىلىقنىڭ يادروسدا مەجبۇرى ئەمگەك بار.

You May Like