ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاپەت خاراكتىرلىك مەجبۇرى ئەمگىكى خەلقئارا تېرشچانلىقلارغا قارىماي داۋام قىلماقتا.ئادريان: قىرغىنچىلىقنىڭ يادروسدا مەجبۇرى ئەمگەك بار.

ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان ئاپەت خاراكتىرلىك مەجبۇرى ئەمگىكى خەلقئارا تېرشچانلىقلارغا قارىماي داۋام قىلماقتا.ئادريان: قىرغىنچىلىقنىڭ يادروسدا مەجبۇرى ئەمگەك بار.

ئۇيغۇرىئان

 

ئۇيغۇر كىشلىك ھوقۇق تەتقىقات ساھەسدىكى باشلامچى تەتقىقاتچى ئادرىيان زىنىز تەرىپىدىن ئىلىپ بىرىلغان ، خارۋاد ژۇرنىلىدا ئىلان قىلىنغان دوكلاتتا كۆرستىلىشچە،پاختا تېرشقا ئوخشاش پەسل خاراكتىرلىك دىھقانچىلىق ئ‍شلىرىدا مەجبۇرى ئەمگەك -2022-يىلغىچە داۋاملاشقان ۋە ختاينىڭ ئاتالمىش شنجاڭنىڭ 2021-2025 كىچە بولغان بەش يىللىق رەسمى پىلانىنىڭ بىر قسمى سۈپىتىدە داۋاملشىدىكەن.

تەتقىقاتتا دىيشلىچە،دۆلەت يتەكچىلىك قىلغان مەجبۇرى ئەمگەكئىجتىمائى مەدەنى قۇرۇلما ئىچىگە چوڭقۇر سڭىپ كەتكەن سستىمىلىق دىنامىكا ۋە ھەممە يەرگە ئومۇملىشپ كەتكەن دۆلەت ھەرىكىتى دەپ خاراكتىرلەنگەن.

ختاينىڭ مەجبۇرى ئەمگەككە سالغان ئۇيغۇرلار ئىچىدە 77 ياشلىق ئۇيغۇرلارمۇ بار، ئوقۇغۇچىلار ۋە كۆپچىلىك 60 ياشلىق چوڭلارمۇ بار بولۇپ،دىھقانچلىق،پاختا تېرىش،كۆكتات تېرىش قاتارلىق ئ‍شلارغا سلىنغان.دائىرىلەر كىچىك بالىلارنى مەجبۇرى ئەمگەككە سلىنىۋاتقان ئانىلىرىدىن ئايرىپ بېقىشقا ئورۇنلاشتۇرغان.

مەجبۇرى ئەمگەكنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھاياتى،سالامەتلىكى ۋە نورمال تۇرمۇشغا كۆرستىدىغان تەسرى ناھايتى ئىغىر بولۇپ،ئادىريان زىنز ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىغا مۇنداق دىگەن:مەجبۇرى ئەمگەك ئۇيغۇرلارنىڭ يادرولۇق ئائىلە ئەزالىرىنى يۆتكەيدۇ.ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ۋە روھىيتنىڭ مۇكەممەللىشگە ھۇجۇم قىلىدۇ.بۇ بېجىڭنىڭ «نوپۇسنى ئىلغارلاشتۇرۇش» تەدبىرىنىڭ بىر قسمى ۋە ئاستا قىرغىنچىلىقنىڭ مەركىزى تاكتكىسى.مەجبۇرى ئەمگەكئۇيغۇرلارنىڭ ئورگانىك جەمئەتلىرىنى ۋەيران قىلىشتا  ۋە رايوندىكى ئىتنىك گۇرۇپىپىلارنى پۈتۈنلەي ئاسسلماتسيە قىلشتا ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ

 

ئۇ تەدبىر ۋە تەۋسيە شەكلىدە ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىغا  مۇنۇلارنى ئىيتتى :مەجبۇرى ئەمگەك داۋام قىلماقتا.كۆلىمى ئاشماقتا،ئۇنى ئىز قوغلاش تەسلەشمەكتە.بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر مەجبۇرى ئەمگىكىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن يەككە تەمىنلەش زەنجىرىگە ئەمەس بەلكى پۈتۈن رايوندىكى بارلىق مەھسۇلاتلارنى نۇقتىلىق نشان قىلغان ناھايتى قاتتىق كەسكىن ۋە مۇكەممەل تەدبىر ئىلىش كىرەك

ئامېرىكا 2021-يىلى ئۇيغۇر مەجبۇرى ئ‍ەمگەكنى چەكلەش قانۇن لايىھىسى ماقۇللاپ،ئامېرىكا شركەتلىرىنىڭ ئاتالمىش شنجاڭدىن ستۋىلىنغان مەھسۇلاتلىرىنى تاكى مەجبۇرى ئەمگەككە چېتىلمايدىغانلىقىنى ئ‍سپاتلىمىغۇچە ئۇنى ئامېرىكا بازىرىغا ئىلىپ كىرىشكە بولمايدىغانلىقىنى قانۇنلاشتۇرغان.

 

 

 

 

Uyghur Reporter

Next Post

ختاي ياشلىرىنىڭ ئ‍شسزلىق نسبىتى20 پىرسەنتكە يېتىپ رىكورت ياراتتى

جۈ ماي 19 , 2023
ختاي ياشلىرىنىڭ ئ‍شسزلىق نسبىتى20 پىرسەنتكە يېتىپ رىكورت ياراتتى.

You May Like