نورۋىگىيەدە خىتايغا قارشى كەسكىن نامايىش

15-ماي نورۋىگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودا شۇجاي ۋاقتى سائەت ئىككىدە باشلانغان خىتايغا قارشى نامايىش ناھايىتى كەسكىن ئېلىپ بېرىلغان. بىز بۇ ھەقتە نورۋىگىيەدە تۇرۇشلۇق سەمەت ئابلا ئەپەندى بىلەن تېلېفۇن زىيارىتى ئۆتكۈزدۇق.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

خەۋەر تەييارلىغۇچى: سايئوغلى

كوررېكتور: مەنزىل

2019-5-15

 

15-ماي نورۋىگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودا شۇجاي ۋاقتى سائەت ئىككىدە باشلانغان خىتايغا قارشى نامايىش ناھايىتى كەسكىن ئېلىپ بېرىلغان. بىز بۇ ھەقتە نورۋىگىيەدە تۇرۇشلۇق سەمەت ئابلا ئەپەندى بىلەن تېلېفۇن زىيارىتى ئۆتكۈزدۇق.

ئىگىلىنىشىچە، بۇقېتىمقى نامايىشقا ئۇيغۇر، تىبەت،  ۋېيتناملىق بولۇپ ئۈچ يۈزدىن ئارتۇق نامايىشچى قاتناشقان. قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇيغۇرلار بولۇپ، قېرىنداشلىرىمىز ناھايىتى قاتتىق تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن. نامايىشقا يىتەكچىلىك قىلغانلارنىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق نامايىش باشقا نامايىشلارغا قارىغاندا ناھايىتى كەسكىن بولغان، چۈنكى نامايىش مەيدانىدا نورۋىگىيەگە كەلگەن خىتاي ئەمەلدارلىرىنى «قارشى ئېلىش» نامىدا، ئەمەلىيەتتە نامايىشقا توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن چىققان بىر تۈركۈم «نامەلۇم خىتايلار »بولۇپ، داققا-دۇمباق چېلىپ، ئەجدىرھا ئوينۇتۇپ نامايىشچىلارنىڭ ئاۋازىنى توسىماقچى بولغان، لېكىن نامايىشچى قېرىنداشلىرىمىز ھىچ بوش كەلمىگەن.

بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتىگە باش بولۇپ كەلگەن خىتاي ئەمەلدارى لى جەنشۇ بولۇپ، خىتاي باشلىقلىرى ئىچىدە 3-نۇمۇرلۇق ئەمەلدار ھىساپلىنىدىكەن ۋە شى جىنپىڭغا سادىق خىتاي دەپ قارىلىدىكەن. خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى 2004-يىلدىن كېينكى تۇنجى يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار زىيارىتى ئىكەن. بۇ قېتىملىق زىيارەتتە ئاساسلىقى تىجارەت مەسىلىسى سۆزلەشكەندىن باشقا نورۋىگىيە – خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ ئەسلىگە كەلگەنلىكىنى تەبرىكلەش ھىساپلىنىدىكەن . خىتاينىڭ بۇ قېتىملىق زىيارىتى نورۋىگىيە پارلامېنتى تەرپىدىن مەخپى تۇتۇلۇپ، كېيىن ئاشكارىلانغان بولىسمۇ، نورۋىگىيە ئۇيغۇر تەشكىلاتى جىددىي تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ نامايىشقا يىتەكلەپ ئۈلگۈرگەن ۋە كەلگەن خىتاي ئۆمىكىگە قاتتىق نەپرىتىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا مەيداندىكى «نامەلۇم خىتايلار» بىلەن يۈزمۇ- يۈز تىركەشكەن. بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتى مەخپى تۇتۇلغانلىقى ئۈچۈن نورۋىگىيەدە قاتتىق غۇلغۇلا قوزغىغان، بۇ سەۋەبلىك بۈگۈنكى نامايىشمۇ مەتبۇئات ئورۇنلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقان، ھەرقايسى قاناللار بەس بەستە تارقاتقان.

نامايىشقا يىتەكچىلىك قىلغانلار قاتتىق چارچىغان بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ بۇ ئەمگىكىدىن سۈيۈنۈپ رازى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

 

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

ئامېرىكا ئاۋازى: سان فرانسىسكو شەھىرى ساقچىلارنىڭ چىراي تۇنۇش تېخنىكىسىنى ئىشلىتىشىنى چەكلىدى

چا ماي 15 , 2019
كالىفورنىيە شتاتىنىڭ سان فرانسىسكو شەھىرى ئامېرىكىدىكى ساقچىلارنىڭ چىراي تۇنۇش تېخنىكىسىنى ئىشلىتىشىنى چەكلىگەن تۇنجى شەھەر بولدى.

You May Like