ناتودىن ئاگاھلاندۇرۇش: ئەگەر گېرمانىيە خۇا ۋېينىڭ 5گ تورىنى تاللىسا، گېرمانىيە ئارمىيىسى بىلەن ئالاقىلىشىشنى توختىتىمىز

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) ئىتتىپاقداش ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر گېرمانىيە خۇاۋېي بىلەن 5گ تورى قورۇلۇشىدا ھەمكارلاشسا، ناتو ئارمىيسى گېرمانىيە ئارمىيىسى بىلەن ئالاقىلىشىشنى توختىتىدىكەن.

فرانسىيە خەلقئارا رادىيوسى خىتايىچە قانىلى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2019- يىلى 14- مارت

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-03-16

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) ئىتتىپاقداش ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر گېرمانىيە خۇاۋېي بىلەن 5گ تورى قورۇلۇشىدا ھەمكارلاشسا، ناتو ئارمىيسى گېرمانىيە ئارمىيىسى بىلەن ئالاقىلىشىشنى توختىتىدىكەن.

گېرمانىيە 3- ئاينىڭ 19- كۈنى 5گ تورى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە بولغان ئىتراپ قىلىش تەلەپلىرىنى ئېلان قىلىدۇ. ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ خۇا ۋېي بىلەن 5گ ئاساسى قورۇلۇشىدا ھەمكارلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئامېرىكا بېسىمنى تېخىمۇ ئاشۇردى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ھەربىي ئىشلار  كومىتىتى (House Armed Services Committee) ياۋروپانىڭ، بولۇپمۇ گىرمانىيەنىڭ خۇاۋېي قاتارلىق خىتاينىڭ تېلېگراف شىركەتلىرى بىلەن بولغان سودا سۆھبىتى ھەققىدە سورىغاندا، ناتونىڭ باش قوماندانى، ئامېرىكىنىڭ ياۋروپا قوماندانلىق شىتابى قوماندانى كۇرتىس سكاپارروتى (Curtis Scaparrotti) ئاگاھلاندۇرۇپ، ئەگەر گېرمانىيە خۇا ۋېي بىلەن 5گ ئاساسى قۇرۇلۇشىدا ھەمكارلاشسا، ناتو ئارمىيىسى گېرمانىيە ئارمىيىسى بىلەن ئالاقىلىشىشنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. كۇرتىس سكاپارروتىنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار گىرمانىيەنىڭ ئۇچۇر-ئالاقە ئاساسىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن، بولۇپمۇ 5گ دىن، 5گ تورىنىڭ ئۇچۇر ئېلىش ئىقتىدارى ئىنساننى ھەيرەتتە قالدۇرىدىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىيە ئالاقىسىدا خۇا ۋېينىڭ 5گ تورىنى قوللانسا، ناتو بۇ سىستېمىدا ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلمايدىكەن، سەۋەبى بولسا ئارمىيىگە نىسبەتەن بۇ بىر مەسىلە ئىكەن.

»ۋال كوچىسى گېزىتى»نىڭ 3- ئاينىڭ 11- كۈنىدىكى خەۋىرىدە، ۋاشىنگتون بېرلىننى ئاللىبۇرۇن ئاگاھلاندۇرغان بولۇپ، ئەگەر خۇا ۋېي گىرمانىيەنىڭ 5گ تور قورۇلۇشىغا قاتناشسا، ئامېرىكىنىڭ گېرمانىيە بىلەن ئورتاقلىشىدىغان ئۇچۇرلىرى چەكلىمىگە ئۇچرايدىكەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ گېرمانىيىدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى رىچارد گرېنېل (Richard A. Grenell) ئاللىقاچان گېرمانىيە ئىقتىساد مىنىستىرىغا خەت يېزىپ، ئەگەر گېرمانىيە خۇا ۋېي ۋەياكى باشقا خىتاي شىركەتلىرىنىڭ 5گ تو قۇرۇلىشىغا قاتنىشىشىغا ئىشىكىنى ئېچىۋەتسە، ئامېرىكىنىڭ گېرمانىيە بىخەتەرلىك ئورگانلىرى بىلەن ئوخشاش ھەمكارلىق سەۋىيسىنى ساقلاپ قالالمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.

گېرمانىيە باش مىنىستىرى مېركىل بۇنىڭغا قارىتا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، بېرلىننىڭ ۋاشىنگتون بىلەن خۇا ۋېي مەسىلىسى ھەققىدە مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقىنى، بىراق « گېرمانىيە 5گ تورىنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىنى ئۆزى بەلگىلەيدىغانلىقىنى» قەتئىي ھالدا بىلدۈرگەن. مېركېل ئىلگىرى، خۇا ۋېي گېرمانىيە بازىرىغا كىرىشتىن بۇرۇن گىرمانىيەگە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىمەيدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بېرىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقان.

فرانسىيە ئاگېنتلىقى خەۋىرىگە كۆرە، خىتاي ھۆكىمىتى بىلەن بولغان قۇيۇق مۇناسىۋىتى تۈپەيلى كىلىپ چىقىدىغان خەۋپ-خەتەر سەۋەبلىك، ئامېرىكا ۋە باشقا بىرقانچە غەرب دۆلەتلىرى خۇا ۋېينىڭ 5گ تورى قۇرۇلىشى ئۈچۈن خېرىدار بولىشىنى توسقان. خىتاينىڭ خۇا ۋېي شىركىتى 5گ تورى ساھاسىدە ئوخشاش توردىكى كارخانىلار ئىچىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان بولسىمۇ، لېكىن ۋاشىنگتون بېيجىڭنىڭ خۇا ۋېينىڭ چەتئەلدە ئورناتقان ئۈسكۈنىلىرى بىلەن جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىشىدىن ئەنسىرەيدىكەن. ئەمما خۇا ۋېي ئۆزى ئىشلەپچىقارغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ جاسۇسلۇققا قوللىنىدىغانلىقىنى ئىزچىل ئىنكار قىلىپ كەلمەكتە.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرىكى بىر خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى خۇا ۋېينىڭ 5گ تور قۇرۇلىشىنى چەكلەشنى ئويلىشىۋاتقان بولۇپ، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زىنلاندىيە خۇا ۋېينى 5گ تورى قۇرۇلىشىدا چەكلەشنى ئۇزۇندىن بېرى ئويلىشىۋاتماقتا ئىكەن.

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز. 

مەنبە:

http://cn.rfi.fr/欧洲/20190314-北约警告若德国选择华为5g将停止与其部队进行通讯

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى: يېڭى زىلاندىيىلىك قېرىنداشلار، بىز سىلەر بىلەن بىللە

شە مارت 16 , 2019
پەرىشانلىققا تولغان بۇ دەملەردە، 15- مارت تېرورلۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان قېرىنداشلىرىمىزغا قايغۇمىزنى بىلدۈرىمىز،

You May Like