مۇجاھىد قەشقەرلى تۈرك دۇنياسى ئىلىم- پەن بايرىمىدا ياخشى نەتىجىگە ئىرىشتى

5 – مارت تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك دۇنياسى خەلىقئارالىق ئىلىم _ پەن بايرىمىى 7- مارت كۈنى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.
بۇ بايرامغا 20نەچچە دۆلەتتىن، باشلانغۇچ ۋە تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرنىڭ پەن-تېخنىكىغا ئائىت لاھىيەلىرى قاتناشتۇرۇلىدۇ ۋە دۆلەتتىن بىكىتىلگەن باھالاش ھەيئىتى تەرىپىدىن باھالاپ چىقىلىدۇ.

8.3.2020

 

ئۇيغۇ ئاگىنتلىقى

 

سەدەف

 

5 – مارت تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك دۇنياسى خەلىقئارالىق ئىلىم _ پەن بايرىمىى 7- مارت كۈنى غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.
بۇ بايرامغا 20نەچچە دۆلەتتىن، باشلانغۇچ ۋە تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرنىڭ پەن-تېخنىكىغا ئائىت لاھىيەلىرى قاتناشتۇرۇلىدۇ ۋە دۆلەتتىن بىكىتىلگەن باھالاش ھەيئىتى تەرىپىدىن باھالاپ چىقىلىدۇ.
بايرام ئالدىدا 20 نەچچە دۆلەتتىكى نەچچە يۈزلىگەن ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپتىن، نەچچە مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرنىڭ لاھىيە پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋە شۇنىڭ ئىچىدىن 100 ئەڭ ياخشى لاھىيە تاللىنىپ مۇسابىقىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ.

 

 


ئۇيغۇر ئوغلى مۇجاھىد قەشقەرلى يېقىنقى ئۈچ قېتىملىق بايرامغا تۇلۇق قاتنىشىپ ياخشى مۇكاپاتلارغا ئېرىشتى. بۇ قېتىمقى بايرامدا مۇجاھىد قەشقەرلى لاھىيەلىگەن، يەر ئاستىدىكى مىنا ياكى شۇنىڭدەك مىتالدىن ياسالغان پارتلاتقۇچ بۇيۇملارنى تەكشۈرۈپ سىگنال بىرىدىغان ئۈسكۈنە ئالدىنقى ئالتىنىڭ ئىچىگە كىرىپ رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.

 


ئەڭ دەسلەپتە تۈرك دۇنياسى ئىلىم – پەن ئولىمپىياتى دەپ ئاتالغان ۋە كىين ئىلىم- پەن بايرىمىغا ئۆزگەرتىلگەن بۇ مۇسابىقىغا مۇجاھىد قەشقەرلنىڭ 3 قېتىم قاتنىشىشى بۇلۇپ، بىرىنجى قېتىملىقى ئەسكى شەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن بۇ ۋاقىتتا مۇجاھىد باشلانغۇچ 3- سىنىپتا ئۇقۇۋاتقان بۇلۇپ، كۆيدۈرۈلگەن ئەخلەتتىن ئىلىكتىرىك ياساش تېخنىكىسىنى قاتناشتۇرغان. مۇجاھىد ياساپ ئەكەلگەن ئۈسكۈنە نەق مەيداندا ئەخلەتنى كۆيدۈرۈپ ئۇنىڭدىن چىققان ئېنىرگىيە بىلەن مودىل ئۆيدىكى چىراقنى ياندۇرۇش سىناق قىلىنغان ۋە بايرام ئاخىرىدا «باھالىغۇچى ھەيئەت مۇكاپاتى» دەپ ئاتىلىدىغان 2_دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.

 

 

 

 


شانلى ئۇرفادا ئۆتكۈزۈلگەن 3_ قېتىملىق بايرامغا كۈن بويى كۈن نۇرى چۈشىدىغان ئۆي لاھىيەلەپ قاتناشتۇرغان بۇلۇپ، بۇنىڭدا ئۆي قۇياشنىڭ پېتىشى بويىچە ئاستا_ئاستا ئايلىنىدىغان بولۇپ، ئۆي دىرىزىسى قۇياشقا توغرىلىنىپ كۈن بويى ئۆي يورۇق ھالەتتە تۇرىدۇ.
بۇ لاھىيە شۇ قېتىملىق بايرامدا ئالدىنقى 10 نىڭ ئىچىگە كىرگەن. ئۈچ كۈن داۋام قىلغان بۇ قېتىمقى بايرامدا كىچىك مۇجاھىد ئۆزىنىڭ لاھىيەسنى تۇنۇشتۇرۇدىغان ئورۇندا مىللىيچە كىيىمى ۋە ئېسىلغان شەرقىي تۈركىستان بايرىقى بىلەن يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلارنى تونۇتتى.
پائالىيەت جەريانىدا ئاق پارتىيە مىللەت ۋەكىلى زەينەپ يىلدىز خانىم ۋە شۇنىڭدەك بىر قىسىم رەھبەرلەر ۋە نۇرغۇن زىيارەتچىلەر مۇجاھىتنى زىيارەت قىلدى.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى: ئامېرىكا پارلامىنت ئەزالىرى قانۇن چىقىرىپ، شىنجاڭدىن (ش ت) ئىمپورت قىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارغا قاتتىق چەكلىمە قۇيۇشنى تەلەپ قىلدى

جۈ مارت 13 , 2020
ئامېرىكا قانۇن چىقارغۇچىلىرى چارشەنبە كۈنى بىر قانۇن لاھىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئەگەر بۇ قانۇن ماقۇللانسا، ئۇ خىتاينىڭ غەربىدىكى شىنجاڭ رايونىدىن (ش ت) ئامېرىكىغا ئىمپورت قىىلىنىدىغان مەھسۇلاتلارغا قاتتىق چەكلىمە قۇيىدىغان بولۇپ، بۇ بۈگۈنگە قەدەر بېيجىڭنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىشى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىشىغا قايتۇرۇلغان ئەڭ كۈچلۈك ئىنكاس بولۇپ ھىسابلىنىدۇ.

You May Like