مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت قىيىنچىلىقى ھەققىدە يەنە چاقىرىق

ئىستىقلال تېلېۋىزىيىسى 25 – فېۋرال قىرغىزىستاندىكى قېرىنداشلارنىڭ پاسپورت سەۋەپلىك ئەنسىرەشتە قالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

2019- يىلى 26 -فېۋرال

تەييارلىغۇچى:  بانۇ سۇتۇق

  ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

     ئىستىقلال تېلېۋىزىيىسى 25 – فېۋرال قىرغىزىستاندىكى قېرىنداشلارنىڭ پاسپورت سەۋەپلىك ئەنسىرەشتە قالغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. خەۋەردە مۇنداق دىيىلدى: قىرغىزىستاندا تىجارەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار پاسپورتىنىڭ ۋاقتى توشۇپ  قىرغىزىستاندا ۋاقىتلىق تۇرۇش رەسمىيىتى ئالالمىغانلىق سەۋەبىدىن تەشۋىش ئىچىدە قالغان. ھازىر 50 يېقىن ئۇيغۇرنىڭ پاسپورتىنىڭ ۋاقتى توشقاندىن كېيىن خىتاي كونسۇلىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قايتىشقا بولىدىغان، ئۇندىن باشقا ھىچقانداق ئىشقا ئەسقاتمايدىغان ئاق پاسپورت بەرگەنلىكى سەۋەپلىك قاچاق بولۇپ قالغان. ئالتە ئايدىن كېيىن 300گە يېقىن ئۇيغۇرنىڭ پاسپورتىنىڭ ۋاقتى توشىدىغان بولۇپ، خىتاي كونسۇلى تەرىپىدىن يېڭىلاپ بېرىلمىگەن. پاسپورتىنىڭ ۋاقتى بۇ يىل 10 – ئايدىن كېيىن توشۇپ كېتىدىغان ئۇيغۇرلار 70 پىرسەنتنى ئىگىلەيدىكەن. ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىزىستان نوپۇسىغا تىزىملىتىشى توختىتىلغان بولۇپ، ئالدىنقى يىللىرى شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ كەتكەنلەرنىڭ ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغان. شۇ سەۋەپلىك قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدىن قاتتىق ئەنسىزلىككە چۈشكەن بولۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىگە خىزمەت ئىشلەش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئەندىشىلىرىنى مۇۋاپىق شەكىلدە ھەل قىلىشقا ئۈندىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

      يۇقىرىدىكى خەۋەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتىكى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك جىددىي مەسىلىلەرنىڭ قاتارىغا ئۆتۈۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.  بۇ مەسىلىگە قارىتا جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتمىسەك، قىرغىزىستاندىكى تېخىمۇ كۆپ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ قاچاق ھالەتكە چۈشۈپ قالىدىغانلىقى، ھەتتا خىتايغا قايتۇرۇلۇش خەتىرىگە، ھاياتى خەۋپكە دۈچ كېلىدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلەش قىيىن ئەمەس. بۇ مەسىلىنى قىرغىزىستاندىكى قېرىنداشلار ئۈمىد قىلىغىنىدەك ھەل قىلىش، يەنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىگە خىزمەت ئىشلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋال مۇشۇ ئەمەلىي ئەھۋالنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يەتكۈزۈش كېرەك. شۇ سەۋەپلىك قايتا چاقىرىق قىلىندى.

      تۆۋەندە پاسپورت قىيىنچىلىقىدىن ئەھۋال مەلۇم قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان بىر نەچچە ئورۇنلار ۋە قوشۇمچە چۈشەندۈرۈشلەر بېرىلدى:

1.     قىرغىزىستاندىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار، تەشكىلاتلار:   بۇنىڭغا دائىر ئۇچۇرلار قىرغىزىستاندا تۇرۇشلۇق قېرىنداشلىرىمىزغا ئەڭ مەلۇملۇق بولۇشى، ياكى ئىزدىنىپ تاپالىشى مۈمكىن.

2.     بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى:   كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسىنىڭ 13-ماددىسىدا، ھەر قانداق ئىنساننىڭ يۆتكىلىش ۋە ئولتۇراقلىشىش ئەركىنلىكى، ھەر قانداق دۆلەتتىن باشقا جايغا كۆچۈش ياكى ئۆزىنىڭ دۆلىتىگە قايتىش ئەركىنلىكى بار دىيىلگەن. بۇ ماددىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، قىرغىزىستاندىكى قېرىنداشلار ئۆزلىرىنىڭ پاسپورت سەۋەپلىك يۆتكىلىش ۋە ئولتۇراقلىشىش ئەركىنلىكىدىن مەھرۇم قىلىنغانلىقى، قىرغىزىستاندا قانۇنلۇق تۇرۇش سالاھىيىتىنىڭ تەسىرگە ئۇچراۋاتقانلىقى، خىتايغا قايتىپ كەتسە ھاياتىغا خەۋپ يېتىدىغانلىقىدەك ئەھۋالنى مەلۇم قىلىشى كېرەك.

3.     خەلقئارا كۆچمەنلەر ئورگىنى – International Organisation of Migration (IOM):  بۇ ئورگان دۆلەتلەر، ھۆكۈمەتلەر، ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار ۋە خەيرى-ساخاۋەت ئورۇنلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن تۈرلەر ۋە پروجېكىتلار ئارقىلىق كۆچمەنلەرگە (مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ھەممىمىز كۆچمەن ھىساپلىنىمىز)، بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئارقىلىق پاناھلىق تىلىگۈچىلەرگە ياردەم بېرىدۇ.

 

قىرغىزىستاندىكى قېرىنداشلار بىرەر تەشكىلات ياكى شەخىسنىڭ تەشكىللىشى بىلەن يۇقۇرىدىكى ئۈچ ئورۇنغا ئۆزلىرىنىڭ پاسپورت قىيىنچىلىقىنى كوللېكتىپ ھالەتتە، ئۇچۇرلىرىنى توپلاپ رەتلەپ مەلۇم قىلسا ئۈنۈمى ياخشى بولىدۇ. ھەم بۇ ئورۇنلارنىڭ ھەممىسىگە بىرلا ۋاقىتتا ئوخشاش ئەھۋال مەلۇم قىلىش كېرەك. ئۇندىن باشقا ھەر بىرىسىگە قالغان ئىككى ئورۇنغىمۇ ئەھۋالنى مەلۇم قىلغانلىقىدىن خەۋەر بېرىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندا بىر ئورۇننىڭ مەسىلىگە سەل قارىشى ۋە تەدبىر ئېلىشنى ئويلاشماستىن باستۇرۇپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. بۇ خىل چارە كۆپ ئىشلىتىلمەيدۇ، ئەمما ماس كېلىدىغان ئەھۋاللاردا ئۈنۈم يارىتىش ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغۇچىلار تەرىپىدىن تەۋسىيە قىلىنىدىغان تەدبىر ھىساپلىنىدۇ.

 

4.     خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرى: خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋاللىرىدىن خەۋەر بېرىپ، زۇلۇمنى پاش قىلىشىمىزغا ۋە دەۋايىمىزغا كۈچلۈك ياردىمى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز. پاسپورت مەسىلىسىدىمۇ خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇ جەھەتتىكى ياردىمى ۋە ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىشىمىز كېرەك. ھازىرغىچە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ مۇخبىرى 7- يانۋاردىكى » قۇتۇلغىلى بولمايدىغان قاباھەتلىك چۈش، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلار دۈچ كېلىۋاتقان ئازاپلىق تاللاش» دىگەن خەۋىرىدە مۇھاجىرەتتكى ئۇيغۇرلار دۈچ كەلگەن پاسپورت مەسىلىسىنى تۇنجى قېتىم تىلغا ئالدى. بۇ خەۋەرنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى تور بېتىدە بار. پاسپورت جەھەتتە دۈچ كەلگەن قىيىنچىلىقلىرىمىزنى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ مۇخبىرىنىڭ ئېلخەت ئادرېسىغا بىۋاستە ئەۋەتسەك بولىدۇ. ئېلخەت ئادېرىسى:   p.poon@tuta.io  بۇنىڭغا ئېلخەت ئەۋەتكەندە ئېنگىلىزچە بىلمىسىڭىز ئۇيغۇرچە يېزىپ ئەۋەتىڭ. كوللېكتىپ ئەۋەتىشنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق.

 

ئوقۇرمەنلەردىن باشقا خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرى ۋە مۇخبىرلارنىڭ يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارلىغىلى بولسا، بۇ چاقىرىقنىڭ ئاستىغا پىكىر بېرىش شەكلىدە قېرىنداشلار بىلەن ھەمبەھىرلىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز. ئاخبارات ۋە مۇخبىرلارنىڭ دىققىتىنى بۇ جەھەتكە تارتىش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشتا سىتراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە دىسەك مۇبالىغە قىلغان بولمايمىز. 

      يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ۋە ئېلىنمىغان تەشكىلات، ئورۇنلارغا ئەۋەتىلىدىغان بولسۇن، ياكى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ مۇخبىرىغا بىۋاستە ئەۋەتىلىدىغان ئېلخەت بولسۇن، تۆۋەندىكى ئۇچۇلار بىلەن تەمىنلەپ بېرىشىمىز كېرەك: 

        تولۇق ئىسمى، يەنى ئۆزىنىڭ ۋە دادىسىنىڭ ئىسمى

        نۆۋەتتە تۇرۇشلۇق شەھەر ۋە دۆلەت ئىسمى

        پاسپورت ئەھۋالى

        پاسپورت سەۋەپلىك دۈچ كەلگەن قىيىنچىلىق تەپسىلاتى

        پاسپورتقا ئىلتىماس قىلىش، يېڭىلاش، ئۇزارتىش جەھەتتە ھازىرغىچە قىلىنغان تىرىشچانلىقلار: مەسىلەن، پاسپورتنى ئۇزارتىشقا قەيەردە، قاچان ئىلتىماس قىلدىڭىز؟ نەتىجىسى قانداق بولدى؟ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك بىرەر تەشكىلاتتىن ياردەم سوراپ باقتىڭىزمۇ؟ نەتىجىسى قانداق بولدى؟

        قانداق ياردەمگە مۇھتاجسىز؟

       قېرىنداشلارنىڭ بۇ چاقىرىقتىكى ئۇچۇرلارنى ئوقۇپلا قويماي، ئۆز ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان، ياردىمى بولىدىغان ئۇچۇرلاردىن تەشكىللىك، پىلانلىق ھالدا ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. 20 – يانىۋاردا چىقىرىلغان » چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت قىيىنچىلىقى ھەققىدە چاقىرىق» قا ئاۋاز قوشۇپ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ مۇخبىرىغا ئېلخەت يوللاپ ئەھۋالىنى مەلۇم قىلغان قېرىندىشىمىزنىڭ سانى ئاران ئىككى بولغان. چاقىرىقنى  4 مىڭغا يېقىن كىشى ئوقۇغان تۇرۇقلۇق، ئاران ئىككى قېرىندىشىمىزنىڭ ئەھۋالنى مەلۇم قىلىشى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. پاسپورت مەسىلىسىنىڭ سىياسەت، دىپلوماتىيە ۋە خەلقئارا قانۇنلارغا چېتىشلىق بولۇشتەك مۇرەككەپ ئىكەنلىكى، بۇ جەھەتتە ئالاقىدار بىلىم ۋە تەجرىبىنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى تۈپەيلىدىن، بۇ يازما چاقىرىق قىلىش ۋە ئەھۋالنى مەلۇم قىلىشتا ياردىمى بولۇش ئېھتىمالى بولغان ئۇچۇرلار بىلەن چەكلىنىپ قالدى. كۆپچىلىكنىڭ توغرا چۈشىنىشى، ھەمدە ھازىرقى پەيىتتە خەلقئارانىڭ دىققىتىنى بۇ پاسپورت مەسىلىسىگە تارتىش، شۇ ئارقىلىق مۇۋاپىق شەكىلدە ياردەمگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئەھۋالنى مەلۇم قىلىشتا جىددىي ھەرىكەتكە ئۆتۈشى ئۈمىد قىلىنىدۇ، تەلەپ قىلىنىدۇ. قىرغىزىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز ۋە دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا پاسپورت سەۋەپلىك قىيىنچىلىقلارغا يولۇقىۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزغا ئامانلىق تىلەيمىز. ئۆزىمىزنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ ھەرىكەت قىلىشىمىز لازىملىقىنى تەكىتلەش بىلەن بىرگە تىرىشچانلىقلىرىمىزغا ئاسانلىق ۋە ئۈنۈم تىلەيمىز.

 

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

توغرا يولدا ئىلگىرىلەۋاتقان شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى

سە فېۋرال 26 , 2019
بىر نەرسىنىڭ ياكى بىر ئىشنىڭ ياخشى تەرپىنى تىلغا ئالغانلىق ئونىڭ ناچار تەرىپىنىڭ يوق ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بىراۋنىڭ ياخشى تەرىپىنى قىلغانلىقمۇ ئو شەخسنىڭ نوقسانسىز ئەمەسلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ

You May Like