مالايسيا باش ۋەزىرى ئەنۋەر ئىبراھىم: غەرپتە ختايدىن قورقۇش كېسلى بار، بىز نىمىشقا ختايدىن ۋاز كىچىدىكەنمىز؟

تۇرغۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 26-فېۋرال

پۇل-مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مالايسيا باش ۋەزىرى ئامېرىكا ۋە غەرپتىكى ختاي ئۆچمەنلىكىنى ئەيىپلىگەن.

ئەنۋەر ئىبراھىم مۇنداق دىگەن: «بىز نىمىشقا ئامېرىكىنىڭ تەنقىدىدىن قورقۇپ،ئۆزىمىزنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شرىكى ختاي بىلەن جىدەللەشكۈدەكمىز؟

نىمىشقا مەن ئۆزۈمنى بىر مەنپەئەتكە باغلىۋالغۇدەكمەن؟مەن ختايغا قارشى بۇنداق كۈچلۈك بتەرەپلىمىلىكنى، ختاي ئۆچمەنلىكىنى قوبۇل قىلمايمەن.»

«بىز دىگەن كىچىك دۆلەت، ئامېرىكا ۋە ختاي جىدىلىگە ئارىلاشمايمىز، بىزگە ئۆزىمىزگە نىمە پايدىلىق بولسا شۇنى قىلىمىز.»

ئەنۋەر ئىبراھىم 2022-يىلى نويابىردا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان،ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشتىن بۇرۇن ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى ئ‍ۇستازى، كىينكى رەقىبى مۇھەممەد ماخاتىر تەرىپىدىن سياسى غەرەزدە ئويدۇرۇلغان «چىرىكلىك» بىلەن ئەيىپلىنىپ 2 قېتىم تۈرمىگە تاشلانغان.2018-يىلى پادىشاھ تەرىپىدىن ئەپۇ قىلىنىپ سياسى سەھنىگە قايتىپ كەلگەن.

2023-يىلى ئەنۋەر ئىبراھىم شى جىن پىڭنىڭ تەكلىۋىگە بىنائەن خەينەندە ئۆتكۈزۈلگەن بوئاۋ مۇنبىرىگە قاتناشقاندا، شى جىن پىڭ مالايسياغا 35.6 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى ۋەدە قىلغان.بۇ مەبلەغ ۋە قەرزنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

مېكسكا ختايدىن ھالقىپ، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شرىكى ئورنىنى ساقلىماقتا

يە فېۋرال 25 , 2024
مېكسكا 2022-يىلدىن باشلاپ ختاينىڭ ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شرىكى بولۇش ئورنىغا خىرىس قىلغان بولۇپ، 2023-يىلى ئامېرىكا بىلەن ئىمپورت-ئېكسپورت سودا مىقدارى ختاينىڭكىدىن ئ‍شپ كەتكەن. ستاتىستا ( Statista)سانلىق مەلۇمات شركىتىنڭ 2023-يىلى ئ‍يۇلدىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، مېكسكا 2023-يىلىلا ئامېرىكىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شرىكى بولغان بولۇپ، ئامېرىكا مېكسكىدىن ختايدىن كۆپ مال ستىۋالغان. ،مېكسكا ئامېرىكىدىن ئىمپورت […]

You May Like