پرېزىدېنت ماكروننىڭ كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا خىتايغا قىلغان سۆزى

پرېزىدېنت ماكروننىڭ كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا خىتايغا قىلغان سۆزى

 پرېزىدېنت ماكروننىڭ كىشىلىك ھوقۇق توغرىسىدا خىتايغا قىلغان سۆزى

ئارمان

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2023-يىلى 6-ئاپرېل

خىتايدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇۋاتقان فىرانسىيە پرېزىدېنتى ئېممانۈئەل ماكرون 6-ئاپرېل خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغاندىن كېيىن بىرلىكتە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىندا پرېزىدېنت ماكرون رۇسىيە، ئۇكرائىنا ئۇرۇشى، يادرو قوراللار مەسىلىسى ۋە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ بايانلىرىنى دەپ ئۆتتى.

ئۇ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدا توختالغىنىدا،مۇنداق دېدى:

« فىرانسىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىدا بەزى مەسىلىلەر ھەققىدە پەرقلىق تونۇش ھەتتا زىت كۆز قاراشلار مەۋجۇتلۇقى بىزگە ئايان. كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەر ۋاقىت مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى، بىز بۇ ھەققىدە ئىلگىرى توختالغان ئىدۇق، يەنە داۋاملىق تەكىتلەيمىز،شەخسەن مەن يەنە بۇنى داۋاملىق تەكىتلەيمەن. بىز كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغىنىمىزدا، خىتاي تەرەپنى ھۆرمەت قىلغان ئاساستا تەلەپلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويىمىز، ئوتتۇرىمىزدا پەرقلىق كۆز قاراشلار مەۋجۇتلۇقى تۈپەيلى، بۇ ھەقتە سەمىمىي ھالدا سۆھبەت ئېلىپ بارالمىساق، پىكىر ئالماشتۇرمىساق بولمايدۇ. بىز تامامەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا سۆھبەتلىشىشىمىز كېرەك، ھەرگىزمۇ بىر بىرىمىزگە ئىش ئۆگەتمەسلىكىمىز كېرەك. مەن شۇنى بايقىدىمكى، مەيلى خىتاي تەرەپ فىرانسىيە تەرەپكە ياكى فىرانسىيە تەرەپ خىتاي تەرەپكە  ھۆرمەت قىلغان ئاساستا، يەنى قارشى تەرەپكە دەرس ئۆتمىگەن ئاساستا پوزىتسىيە تۇتقىنىمىزدا ھەر دائىم ياخشى نەتىجىلەرگە ئېرىشەلەيمىز. بىز ئورتاق بولغان چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە، شۇڭا بىر بىرىمىز ئوتتۇرىدىكى پەرق ۋە ئوخشىمىغان كۆز قاراشلارنى توغرا چۈشىنىمىز. بىز ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشقان ئاساستا، چوڭقۇر ئىشەنچ ۋە دوستلۇق بىلەن ئالاقىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز.» 

ئەپسۇسكى، ماكرون خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەققىدە سۆز ئاچقىنىدا، نۆۋەتتىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنىڭ قۇربانى بولۇۋاتقان، شۇنداقلا فىرانسىيە پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن ئاللىبۇرۇن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتىدۇ دەپ ئېتىراپ قىلىنغان ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىپمۇ قويمىغان. 

 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ئۇيغۇرىئان: ياۋروپا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە كۈچ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك

پە ئاپرېل 6 , 2023
ئۇيغۇرىئان: ياۋروپا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە كۈچ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك

You May Like