كۆتۈمدە ئىشتان يوق، ئېتىم مارجانبۈۋى.

ئەزىز ئۇيغۇرلۇرۇم، دۇنيادا مۇستەقىل بۇلۇشمنى خالىمايدىغان مىللەت يوق. ھەتتا كومپارتىيەگە 30 يىل ئىشلىگەن ئۇيغۇر كادىرلارمۇ مۇستەقىللىقىنى خالايدۇ. لاكىن، ھازىزقى ۋەزىيەت بىزدىن نىمىنى كۈتىدۇ؟ ئائىلىسىنى قۇتقۇزۇزش ئۈچۈن زور بىلەن توڭكاي خىتايغا تىگىۋاتقان ئىپپەت ئابىدىسى ئۇيغۇر قىزلىرىمىز، ئورگانلىرى مەجبۇرى سۈكۈلۈپ سىتىلىۋاتقان قىران يىگىتلىرىمىز، لاگىردا ئۆلىۋاتقان قان قېرىنداشلىرىمىز، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن توپلىنىۋىلىنغان ئۇششاق بالىلىرىمىز بىزدىن نىمە كۈتىدۇ؟ ماركو روبىيو ئۇيغۇر قانۇن لاھىيەسىدە شىنجاڭ دەپتۇ، شەرقى تۈركىستان دىسە بولمامدۇ ئۇ ماز دەمدۇ ۋە ياكى مىنۇت بىشىغا بىر قىزىمىز دەپ

كۆتۈمدە ئىشتان يوق، ئېتىم مارجانبۈۋى.

چاشقاننىڭ ئۆلگىسى كەلسە يولۋاسنىڭ بۇرۇتىنى تارتىپتۇ. – ئۇيغۇر خەلق ماقال تەمسىللىرى

ئاپتۇر: قۇززات ئالتاي

تەھرىر: كۆلتېگىن 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-11-15

 

[ئاگېنتلىقىمزدا ئېلان قىلنغان ئىجادى ئەسەر، ئوبروز، مۇلاھىزە ۋە مۇھاكىمە ماقالىلىرى پۈتۈنلەي يازغۇچىنىڭ شەخسى كۆزقارشى ۋە ئانالىزى بولۇپ ئاگىنتلىقىمزنىڭ كۆزقارشىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ. بىز پەقەت يازغۇچىلارنىڭ كۆزقارشى، ئانالىزى ۋە تەكلىپ- پىكىرلىرىنى كەڭ خەلقىمز بىلەن ئۇچراشتۇرۇش ئۈچۈن سەھنە تەييارلاپ بېرىمىز.]

 

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز قېرىنداشلار،

سىلەر بىلگەندەك ئامىركا دۆلىتى بىر قەبىلە دۆلىتى بۇلۇپ ئامىركا پارلامىنتى دوغاپچى، پىچاقچى ۋە چىلاپچىلاردىن تەركىپ تاپقان سىياسەتنىڭ س سىنى، دېپلوماتىيەنىڭ د سىنى بىلمەيدىغان جاھىل بىر گوروھ ئىنسانلار تەرىپىدىن تەشكىل تاپقان بۇلۇپ ئۇلارغا خەلقئارا سىياسەت، دىپلوماتىيە قاتارلىق ساھەلەردە ئ‍ۇيغۇرلاردىن يىتىشىپ چىققان ئاتاقلىق ھەزرەتى شەيخول سىياسىلەر بىراز تەلىم بېرىپ قۇيۇشى شەرت ئىكەن. دىمىسىمۇ ماركو رۇبىيو فىلورىدانىڭ ئىسسق ئاپتىدا دوغاپچىلىق قىلماي نىمە ئىش قىلىدۇ پەنتاگوننىڭ ئەڭ ئ‍سىتىراتىگىيەلىك دۈشمىنى بىلەن ھەپىلىشپ؟

ئەزىز ئۇيغۇرلۇرۇم، دۇنيادا مۇستەقىل بۇلۇشمنى خالىمايدىغان مىللەت يوق. ھەتتا كومپارتىيەگە 30 يىل ئىشلىگەن ئۇيغۇر كادىرلارمۇ مۇستەقىللىقىنى خالايدۇ. لاكىن، ھازىزقى ۋەزىيەت بىزدىن نىمىنى كۈتىدۇ؟ ئائىلىسىنى قۇتقۇزۇزش ئۈچۈن زور بىلەن توڭكاي خىتايغا تىگىۋاتقان ئىپپەت ئابىدىسى ئۇيغۇر قىزلىرىمىز، ئورگانلىرى مەجبۇرى سۈكۈلۈپ سىتىلىۋاتقان قىران يىگىتلىرىمىز، لاگىردا ئۆلىۋاتقان قان قېرىنداشلىرىمىز، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن توپلىنىۋىلىنغان ئۇششاق بالىلىرىمىز بىزدىن نىمە كۈتىدۇ؟ ماركو روبىيو ئۇيغۇر قانۇن لاھىيەسىدە شىنجاڭ دەپتۇ، شەرقى تۈركىستان دىسە بولمامدۇ ئۇ ماز دەمدۇ ۋە ياكى مىنۇت بىشىغا بىر قىزىمىز دەپسەندە بۇلىۋاتىدۇ، مىنۇت بشىغا بىرئۇيغۇر ئۆلىۋاتىدۇ بىز ئ‍ۈچۈن ئەڭ مۇھىمى قەتلىئامنى توختىتىش دەمدۇ؟

بىز ئالاھەزەل ئىككى ھەپتە بۇرۇن ئ‍ادۇكات نۇرى تۈركەل، پىشقەدەم سىياسەتچى ئۆمەر قانات ئەپەندىم بىلەن خەلقىمىزنى بۇ خۇسۇستا بىلگىلەندۈرگەن ئىدۇق. ناھايىتى ئەپسۇسكى، ئامىركا تارىخىدا تۇنجى قېتىم بىر ئۇيغۇر قانۇن لاھىيەسىنىڭ تەستىقلىنىش ئىھتىمالى بۇلىۋاتقان، تەستىقىلىنىپ قالسا دومىنۇ تەسىرى بىلەن پۈتۈن دۇنيا ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە يۆنىلىش بەلگىلەيدىغان بۇ تارىخى پەيتىدە بەزى ئۆپكىسىنى باسالمىغان، تەنتەك، مەسئۇلىيەتسىز ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ ھىيساتى دوڭغۇيۇپ ماركو روبىيوغا دەرس بەرگىلى قوپتى. مىللەتنىڭ مەۋجۇدلىقى، مۇستەقىللىقى ۋە تەرەققىياتى ئىككى ئىنجىقلاپ ئۈچ چىقىراپ قويسا تۆت كۈندە بۇلىدىغان ئىش ئەمەس. بەلكى، بىز بىر قەدەم خاتا ئ‍ىتىپ قويساق مىڭلىغان ئۇيغۇر قىرىلىپ كىتىدۇ دەيدىغان يۈكسەك بىر مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن قىلىدىغان ئىش. بۇزۇقچىلىققا بولغان بىر شەھۋەت شۇ ئىنساننىڭ ئۆزىنىلا ۋەيران قىلسا، سىياسى شەھۋەت پۈتۈن مىللەتنىڭ بىشىغا بالا بۇلىشى مۈمكىن.

ئەزىز قېرىنداشلار، ماركو رۇبىيو 2016 سايلىمىدا ئامىركا پېرىزىدەنتىغا رەقىپ ئىدى، شۇئانمۇ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ يىڭىدىن يۈكسەلگەن يۈلتۇزى دەپ قارىلىدۇ. نۇرغۇن ئامىركىلقلار ئ‍ۇنىڭ 2020 ۋە 2024 پرەزىدىنت سايلىمىغا قاتنىشىدىغان ئەڭ كۈچلۈك نامزاتلارنىڭ بىرى دەپ قارايدۇ. سىزچە ماركو روبىيونىڭ، ئەتراپىدكى مۇشاۋىر ۋە ئاكادىمىسيەنلەرنىڭ سىزنىڭ «دانا» لىقىڭىزغا ئىھتىياجى بارمۇ؟ سىياسى ئ‍سىتىقبالىنى دوغا تىكىپ ئۇيغۇرلارغا ئىش قىلىپ بېرىۋاتسا، «ماركو ئەپەندىم، بۇ قانۇننىڭ تەستىقلىنىشى ئ‍ۈچۈن پۇتىڭىزغا پۇت، قۇلىڭىزغا قول بۇلايلى!» دىمەي ئاتكاچىلىق قىلىپ ئانى ئانداق، مانى مانداق قىل دەپ سويمىلار ئىش ئۆگەتسە ماركو رۇبىيو جىنىدا شۇڭلاشقا خۇدايىم بالاسىنى بېرىپتىكەن بۇ مىللەتنىڭ دەپ ئويلاپ قالمامدۇ. قېرىنداشلار، ماركو رۇبىيوغا ئىش ئۆگەتمەي ياردەم قىلايلى. يازغىلى بولسا نۇرى تۈركەل ئەپەندىم، ئۆمەر قانات ئەپەندىم سوراپ بوپتۇ ئ‍اللىقاچان يازغان بۇلاتتى. سىز ئىككى چىقىراپ قويسىڭىز دەرھاللام ئۆزگەرتىۋىتىدىغان ئىش يوق. پەقەت ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىغا سۇ سەپكەن بۇلىسىز. خىتايغا باھانە بەرگەن بۇلىسىز. بۇ لاھىيە ئۆتمەي قالسا ھەم خىتاي ئۈچۈن بىر غەلبە بۇلىشى ھەم خىتاينىڭ خورىكى تېخىمۇ يوغىناپ ئىرقى قىرغىنچىلىق قىلىشىمۇ مۇمكىن. شۇ ۋاقىتتا شەيخول سىياسىلىرىمىز قىيامەتتە ئاللاھ ئ‍الدىدا سياسى شەھۋەتى ئ‍ۈچۈن ئاتقان قەدىمىنىڭ ۋە ئۆلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھىسابىنى بېرىدۇ.

قېرىنداشلار مىللى مۇستەقىللىق ئايرىم مەسىلە، جازا لاگىرلىرنىڭ تاقىلىشى، ئېرقى قىرغىنچىلىقنىڭ توختىتىلىشى ئايرىم مەسىلە. ئىككىسىنى بىر بىرسىگە چاپلىۋالساق بىزگە ياردەم بەرمەكچى بولغان دۆلەتلەرمۇ ياردەم بېرەلمەيدۇ. چۈنكى ئ‍ەنگىليەنىڭ ئېرلاندىيە مۇستەقىللىق مەسىلىسى، روسىيەنىڭ چىچىنىيە مۇستەقىللىق مەسىلىسى، ئىتالىيە ۋە ئ‍سىپانىيەنىڭمۇ شۇنۇڭغا ئ‍وخشايدىغان مەسىلىسى، ھەتتا قۇبۇل قىلىڭ قىلماڭ تۈركىيەنىڭ كۈرت مەسىلىسى بار. شۇڭا ئاۋال جان ساقلاش، مەۋجۇدلۇقنى ساقلاش مۇھىم. جازا لاگىرلىر بىر تاقالسۇن، مەنمۇ تىجارىتىمگە قايتاي، خالىغانلار سۇلتان، خالىغانلار خانىش بولسۇن پەرۋايىم پەلەك.

مىنى شىنجاڭرىن، ئاپتۇنۇمىيەچى دەيدىغانلار، مەن بىر ئۇيغۇرنىڭ ھاياتىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن بىر خىتاينىڭ چاترىقىدىن ئۆمىلەپ ئۆتىشكە رازى. مەن شۇنچىلىك غورۇرسىز ۋە يۈزسىز ئاتىلىشقا رازى. قىزلىرىمىز دەپسەندە بۇلۇپ، ئۇغۇللىرىمىز قەتلى قىلىنىۋاتقان بىر دۇنيادا ھەر نەپەس ماڭا نۇمۇس، تېخى غورورۇمنى ئ‍ويلاشقىدەك سەۋىيەگە يەتمىدىم، ۋەسسالام!

ئەسكەرتىش، ئالدىراش يېزىلدى ئىملا ۋە جۇملە قۇرۇلما خاتالىقلىرىدىن ئەپۇ سورايمەن!

ھۆرمەت بىلەن: قۇززات ئالتاي مەكىلن، ۋىرجىىنيا شىتاتى

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

رويتېرس: 15 غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دىپلوماتلىرى چېن چۈەنگو بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدى

پە نويابىر 15 , 2018
كانادا باشچىلىقىدا بېيجىڭدىكى 15 غەرب دۆلىتىنىڭ ئەلچىلىرىدىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا تاجاۋۇز قىلىنىشىغا ئالاقىدار ئېنىقلىما ئېلىش ئۈچۈن خىتاينىڭ مۇقىمسىز ،كۆپ مۇسۇلمان ئولتۇراقلاشقان شىنجاڭ رايونىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدى

You May Like