كىشلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى بايدىننى شى جىن پىڭغا ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى قويۇپ بىرىشكە بېسم چۈشۈرۈشكە چاقىرىق قىلدى

تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 14-نويابىر

(ئۇيغۇرچە خەۋەرلەر ئۈچۈن تور بېكىتىمىزنى زىيارەت قىلىڭ:
www.uyghur.news)

ئامېرىكىدىكى چوڭ كىشلىك ھوقۇق تەشكىلاتى بىلەن «كىشلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» بايدىن بىلەن شى جىن پىڭ كۆرۈشۈش ئالدىدا، بايانات ئ‍ىلان قىلىپ، بايدىننى شى جىن پىڭغا ئۇيغۇر مەھبۇسلارنى قويۇپ بىرىشكە بېسم چۈشۈرۈشكە چاقىرىق قىلدى.
مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ئاسيا بۆلۈمى دېرىكتورى ئىلانىيە پىرسون: « ختاي ھۆكۈمىتى ختايدا كۈنسايىن ئېشۋاتقان باستۇرمىچى سياسەتلىرى، خوڭكوڭدىكى دىموكراتىيەنى تۇنجۇقتۇرۇشى، ئۇيغۇرلار ۋە تېبەتلەرگە قارشى قەبىھ جىنايەتلىرى ھەققىدە ئىزچىل ۋە كەسكىن ئاممىۋى بېسمغا دۇچ كەلمەي تۇرۇپ،سياسەتلىرىنى ئۆزگەرتمەيدۇ.»دىگەن.

مەزكۇر خەۋەرنىڭ ئىنگىلىزچە نۇسخسى ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ئىنگىلىزچە قانىلىدا تولۇق ئىلان قىلىندى (www.uyghurtimes.com)

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ختاي قەشقەرنى غەربى شمالدىكى تۇنجى  ئەركىن سودا سناق رايونى قىلىپ جاكارلىغان؛

سە نويابىر 14 , 2023
تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى 11-نويابىر، ختاي ھۆكۈمىتى غەربىي شىمال چېگرا بويىدىكى تۇنجى ئەركىن سودا سىناق رايونى ـ جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قەشقەر تارماق رايونىنىڭ يوپۇقىنى ئاچقان.  تۇنجى تۈركۈمدە ختاينىڭ 35  چوڭ كارخانىسى ماكانلاشقان،  ختاي تاراتقۇلىرىنىڭ دىيشچە، سودا ئەشيا ئوبوروتى، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، يېڭى ماتېرىيال، ئاپتوموبىل پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ساھەلەرنى ئۆز […]
kashgar-kasha-qeshqer

You May Like