جوۋ بايدىن شى جىن پىڭ بىلەن ئۇچراشقاندىن كىين يەنە « دىكتاتۇر »دەپ چاقىردى

تۇرسۇنجان، ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 16-نويابىر

15-نويابىر كۈنى ئاسيا تىچ ئوكيان ئېقتساد ھەمكارلىق يېغىنىغا قاتناشقىلى كەلگەن ختاي دۆلەت باشلىقى شى جىن پىڭ ئامېرىكا پىرەزدىنتى بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كىين، جوۋ بايدىن ئاخبارات ئىلان قىلىش يېغىنى ئۆتكۈزدى.

مۇخبىرلار جوۋ بايدىندىن مۇنداق سورىغان:« سز شى جىن پىڭ بىلەن سۆزلەشتىڭىز، سز ئۇنى ھازىرمۇ دىكتاتۇر دەپ چاقىرامسز ؟»

جوۋ بايدىن: ئەلۋەتتە، قاراڭ، ئۇ دىكتاتۇر، چۈنكى ئۇ كوممۇنىتسىك دۆلەتنى باشقۇرىدۇ. كوممۇنىزىم دىگەن بىزنىڭ دۆلەت سستىمىزدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق بولغان دۆلەت تۈزۈمىدۇر.»

جوۋ بايدىن بۇ يىل 6-ئايدا شى جىن پىڭنى تۇنجى قېتىم «دىكتاتۇر»دەپ چاقىرىپ، دىپلوماتىيە ساھەسىدە زور غۇلغۇلا ۋە ختاينىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان.

ئامېرىكىدا مۇتلەق كۆپ قسم مۇتەخەسسلەر مۇنداق قارايدۇ: ئامېرىكا بىلەن ختاي كىلىمات ئۆزگىرىشى، تىچلىق مۇساپسى، ئاشلىق، تېخنىكا -سودا جەھەتلەردە بىر-بىرى بىلەن ھەمكارلىششقا مۇھتاج بولسمۇ، ئەمما ئىككى دۆلەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى غايىسى بىر-بىرىگە تۈپتىن زىت. ئامېرىكا دىموكراتىيە، ئەركىنلىك ۋە كىشلىك ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە ھەرىكەت قىلىدۇ. ختاي-كوممۇنىزىم، ھاكىممۇتلەقلىق، كىشلىك ھوقۇقنى باستۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە ئۇنى قوللايدۇ.بۇ سەۋەبتىن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ئالماشقاندا، ياكى مەلۇم تۈردە ھەمكارلىشش سەۋەبى بىلەن ياخشلانغاندىمۇ، ئەڭ ئاخىرىدا،بۇ ئىككى بىر-بىرىگە دۆلەت ئ‍شەنمەيدۇ، دۈشمەنلىكنى داۋام قىلىدۇ.ھەتتا توقۇنۇش ئىھتىماللىقىنى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقت قىلغىلى بولمايدىغان تەيۋەن مەسلىسدەك جىددى ئامىللار مەۋجۇت.ئۇنىڭ ئۈستگە ئامېرىكا ئۇيغۇر مەسلىسى سەۋەبلىك ختايغا زور بېسم چۈشۈردى. ختاينى قىرغىنچى دەپ جىنايەتچى كۆرستىپ دۇنيادا يېتىم قالدۇرۇشنى داۋام قىلىۋاتىدۇ.ختاينىڭ نەچچە يۈز شركەتلىرى ۋە ئەمەلدارلىرىنى جازالاۋاتىدۇ،بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆچمەنلىكىنى ئالدىراپ يوقاتقىلى بولمايدۇ.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

9 - نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان ئالىي قۇرۇلتىيى ۋاشىنگىتوندا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياقلاشتى

پە نويابىر 16 , 2023
ئەسكەرتىش: «مەزكۇر خەۋەر «شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى» سوسيال مېدىيا ھېساۋىدىن ئىلىندى.تەھرىرلەش، قوشۇش،ئىلىش ئىلىپ بىرىلمىدى» 2023 – يىلى 12 – نويابىر ۋاشىنگتون : شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى، شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى پارلامېنتى بىلەن بىرلىكتە 9 – نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان ئالىي قۇرۇلتىيىنىڭ تاماملانغانلىقىنى ئىپتىخارلىق ئىلكىدە ئېلان قىلدى. بۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەت 2023 – يىلى […]
surgunde-hokumet

You May Like