9 – نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان ئالىي قۇرۇلتىيى ۋاشىنگىتوندا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياقلاشتى

ئەسكەرتىش: «مەزكۇر خەۋەر «شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى» سوسيال مېدىيا ھېساۋىدىن ئىلىندى.تەھرىرلەش، قوشۇش،ئىلىش ئىلىپ بىرىلمىدى»

2023 – يىلى 12 – نويابىر

ۋاشىنگتون 🇺🇸: شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى، شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى پارلامېنتى بىلەن بىرلىكتە 9 – نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان ئالىي قۇرۇلتىيىنىڭ تاماملانغانلىقىنى ئىپتىخارلىق ئىلكىدە ئېلان قىلدى. بۇ ئەھمىيەتلىك پائالىيەت 2023 – يىلى 10 – نويابىردىن 12 – نويابىرغىچە ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندا ئېلىپ بېرىلدى.

مۇھىم ئابىدە خاراكتېرلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بۇ ئالىي قۇرۇلتاي بىرىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 90 يىللىقى (1933 – 1934) ۋە ئىككىنچى قېتىملىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ 79 يىللىقى (1944 – 1949) غا توغرا كەلدى. بۇ خاتىرىلەشلەر شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مىللىي مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدىكى تىز پۈكمەس روھى ۋە ئۈزلۈكسىز كۈرىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ.

ئالىي قۇرۇلتايدىن بىر كۈن بۇرۇن، يەنى 9- نويابىر ئىستراتېگىيىلىك پىلان يىغىنى ئېچىلىغان بولۇپ، بۇ يىغىن شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنى كۈچەيتىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي مۇستەقىللىقىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش مەقسەد قىلىنغان ئومۇمىي ئىستراتېگىيىسىنى تۈزۈشكە مەركەزلەشتى.

بۇ يىلقى ئالىي قۇرۇلتايغا شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى پارلامېنتىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان 60 ئەزاسى قاتناشقان بولۇپ، بۇلار 13 دۆلەتتىكى شەرقىي تۈركىستان دىئاسپورا جامائىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئېچىلىش مۇراسىمىدا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغان باش مىنىستىر سالىھ خۇدايار ۋە ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرغان جۇمھۇر رەئىس غۇلام ئوسمان ياغما مۇھىم سۆز قىلدى. چەتئەل پارلامېنت ئەزالىرى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسلىرى، تەتقىقاتچىلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلەردىن تەركىپ تاپقان چەتئەللىك كۆزەتكۈچىلەر ۋە مېھمان سۆزلىگۈچىلەر قاتناشتى، ئۇلار:

🔹چېچىنىيە جۇمھۇرىيىتى ئىچكېرىيا سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى باش مىنىستىرى ئەخمەت زاكايېۋ (Ahkmet Zakayev)

🔹مېكسىكا پارلامېنتى مۇئاۋىن باش مېنىستىرى سالۋادور كارو (Salvador Caro)

🔹ئامېرىكا ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى بېن لوۋسېن (Ben Lowsen)

🔹ئامېرىكا ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر بۆلۈمى سابىق مۇئاۋىن ياردەمچى كاتىپ جون ۋاگنېر (John Wagner)

🔹ئامېرىكا دۆلەت خەۋپسىزلىك كومىتېتى ئىستراتېگىيە پىلانلاش سابىق مۇدىرى گېنېرال روبېرت سپالدىڭ (Robert Spalding)

🔹ئاقساراي پرېزىدېنت خادىملىرى ئىشخانىسى مۇئاۋىن ئىش بىجىرىش مۇدىرى

🔹ئاجىز خەلقلەر پروجەكتى مۇدىرى جەيسېن جونېس (Jason Jones)

🔹خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى ۋە تەتقىقاتچىسى ئېسان گۇتمان (Ethan Gutmann)

🔹شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) ياۋروپا تەرەققىيات كومىتېتىنىڭ رەئىسى گۈنتېر فېلىڭېر (Gunther Fehlinger)

قۇرۇلتايدا جازا لاگېرىدىن ھايات قالغۇچى سايراگۈل ساۋۇتباي ۋە تۇرسۇنئاي زىياۋۇدۇننىڭ شەخسىي گۇۋاھلىق سۆزىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلدى، ئۇلارنىڭ سەرگۈزەشتىلىرى يىغىن ئىشتراكچىلىرىغا چوڭقۇر تەسىر قىلدى.

قۇرۇلتاينىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز ۋە باشقا تۈركىي خەلقلىرىگە يۈرگۈزىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرىنى توختىتىش ئۈچۈن قانۇنىي ۋە ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئىستراتېگىيىلىك پىلانلاش بولدى. بۇ يەنە شەرقىي تۈركىستان دىئاسپوراسىنى ئىتتىپاقلىشىپ، شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنى قوللاش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىشنىمۇ مەقسەت قىلىدۇ.

ئالىي قۇرۇلتاي جۇمھۇر رەئىس دوكتور مەمەتمىن ئەلا، مۇئاۋىن رەئىس دوختۇر سايراگۈل ساۋۇتباي ۋە باش مىنىستىر ئابدۇلئەھەت نۇر قاتارلىق يېڭى ھۆكۈمەت رەھبەرلىرىنى سايلاش بىلەن ئاياقلاشتى. يېڭى ئىجرائىيە كېڭىشى ۋە مىنىستىرلار كابىنېتى، شۇنداقلا يېڭى پارلامېنت كومىتېتلىرى قۇرۇلدى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي مۇستەقىللىق ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن 4 يىللىق ئىستراتېگىيىلىك پىلان تۈزۈلدى.

12 ماددىلىق خىتاپنامە ماقۇللىنىپ، ئۇنىڭغا شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم قارارلىرى ۋە ۋەدىلىرى مۇجەسسەملەندى، ھەمدە دىئاسپورادىكى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ۋە دۇنيا جامائىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق كۈرىشىنى قوللىشىغا چاقىرىق قىلىندى.

قوشۇمچە✒️: شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى رەھبەرلىك قۇرۇلمىسى

1. جۇمھۇر رەئىس: دوكتۇر مەمتىمىن ئەلا

مۇئاۋىن رەئىس: دوختۇر سايراگۈل ساۋۇتباي

2. باش مىنىستىر: ئابدۇلئەھەت نۇر

مۇئاۋىن باش مىنىستىر: سالىھ خۇدايار، مىرقەدىر مىرزات

3. پارلامېنت رەئىسى: يارمەمەت باراتجان

مۇئاۋىن رەئىس: ئابدۇۋەلى ئادەم

4. ھەر قايسى مىنىستىرلىكلەرگە تەيىنلەنگەن مىنىستىرلار تىزىملىكى

1) ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى: ئابدۇشۈكۈر سامساق

2) تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: سالىھ خۇدايار

3) ئۇچۇر-ئالاقە مىنىستىرى: دوكتۇر جۈرئەت ئوبۇل

4) مائارىپ ۋە دىنىي ئىشلار مىنىستىرى: ئادىل ئابلىمىت

5) مالىيە مىنىستىرى: ئىبراھىمجان ئەمىن

6) ئائىلە، ئاياللار، ياشلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق مىنىستىرى: گۈلۋەرەم توختاخۇن قىزى

5. پارلامېنت كومىتېتلىرى:

1) دىئاسپورا ۋە ئىچكى ئىشلار كومىتېتى

2) تاشقى ئىشلار ۋە قانۇنىي ئىشلار كومىتېتى

3) ئىقتىساد ۋە مالىيە ئىشلىرى كومىتېتى

4) مەدەنىيەت، مائارىپ، تەتقىقات ۋە دىنىي ئىشلار كومىتېتى

5) ئۇچۇر-ئالاقە كومىتېتى

6) ئائىلە، ئاياللار، ياشلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى

6. ھۆكۈمەت باياناتچىسى ۋە كاتىپى: پەرھات ئابدۇۋەلى

7. پارلامېنت كاتىپى: ئەلىجان ئەمەت

خىتاپنامىسىنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشدا:

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

تېجارەتچى ئىلياس ئابلىكىم ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە تۇتۇپ كېتىلگەن

پە نويابىر 16 , 2023
خەۋەر تەييارلىغۇچى: ئىھسان خەۋەر مەنبەسى: مەزكۇرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى؛ ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 16-نويابىر تۈركىيە ئىستانبۇلدا قانۇنلۇق تىجارەت قىلىۋاتقان ئىلياس ئابلىكىم ،ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە ئالاھىدە ھەركەت ساقچىلىرىنىڭ ئۆيگە باستۇرۇپ كېرىشى بىلەن تۇتۇپ كېتىلگەن . بۇ كىشنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى «دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ھەركەت قىلىۋاتقان تەشكىلات، ۋە پائالىيەتلەرنىڭ قۇلدىن كىلىدىغان ئىمكانىيەتلەر بىلەن بۇ ئۇيغۇرلارنىڭ قۇيۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن […]
ئىلياس ئابلىكىم

You May Like