جەۋھەر ئىلھام بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا سۆز قىلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى
2019-يىلى 23-سېنتەبىر، ئامېرىكا ب د ت يىغىنى مەزگىلىدە «دىنى ئەركىنلىكنى قوغداش ئۈچۈن خەلقئارالىق چاقىرىق» نامىدا بىر پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئامېرىكا پرېزدېنتى دونالد تىرامپ بۇ پائالىيەتتىن ئورۇن ئالدى. ئۇيغۇر زىيالىسى ئىلھام توختى ئەپەندىمنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام بۇ پائالىيەتتە سۆز قىلدى.

تەييارلىغۇچى: سەبرى

2019-يىلى 26-سېنتەبىر

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-يىلى 23-سېنتەبىر، ئامېرىكا ب د ت يىغىنى مەزگىلىدە «دىنى ئەركىنلىكنى قوغداش ئۈچۈن خەلقئارالىق چاقىرىق» نامىدا بىر پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، ئامېرىكا پرېزدېنتى دونالد تىرامپ بۇ پائالىيەتتىن ئورۇن ئالدى. ئۇيغۇر زىيالىسى ئىلھام توختى ئەپەندىمنىڭ قىزى جەۋھەر ئىلھام بۇ پائالىيەتتە سۆز قىلدى. 

مۇئاۋىن پرېزدېنت مايىك پەنس، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايىك پومپىيومۇ قاتناشقۇچىلارغا نۇتۇق سۆزلىدى. بۇ پائالىيەتكە دۆلەت رەھبەرلىرى، ئەلچىلەر، خەلق ئىچىدىكى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى ۋە دىنى ئېتىقادى سەۋەپلىك زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىلار قاتناشتى.

تۆۋەندىكىسى جەۋھەر ئىلھامنىڭ نوتۇقىنىڭ تەرجىمىسى:

« تاشقى ئىشلار مىنىستېرى پومپىيو، سىزگە رەخمەت. مىنىڭ ئىسمىم جەۋھەر ئىلھام، مەن ئۇيغۇر. مەن ئامېرىكىنىڭ ماڭا خىتاينىڭ غەربىدىكى مىليونلارچە ئاۋازسىز قالغان ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سۆزلەش پۇرسىتى بەرگەنلىكى ئۈچۈن مىننەتدارلىقىمنى بىلدۈرىمەن. خىتايدا ئۇيغۇر بولۇشنىڭ ئۆزى جىنايەت ھىساپلىنىدۇ. مىنىڭ دادام، ئىلھام توختى، كۆزگە كۆرۈنگەن ئىقتىسادشۇناس ۋە ئاكادېمىك. ئ‍ۇ ھېچقاچان بۆلگۈنچۈلۈكنى تەرغىپ قىلمىدى، بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشەنگەنلىرىنى،  ئېتىقادىنى ۋە ئويلىغانلىرىنى سۆزلەشنى تاللىغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىدە ئۆمۈرۋايەت قاماق جازاسى ئۆتەۋاتىدۇ. ئۇنىڭ بىردىنبىر خاتالىقى بولسا ئۇچۇق دېئالوگقا ۋە يارىشىشقا چاقىرىش بولدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنغا تۇتقان پۇزىتسىيىسى بولسا ئېتىقادچى ئاممىنى پەقەت كومپارتىيەنىڭ يوليورۇقلىرىغىلا بويسۇندۇرۇش. خىتايدا، دائىرىلەر پۈتكۈل دۆلەت مىقياسىدا چېركاۋلار، ئىبادەتخانىلار ۋە مەسجىدلەرنى بۇزىۋەتتى ياكى چېقىۋەتتى. كېرىست ۋە مەسجىد مۇنارىنىڭ ئورنىنى بولقا ۋە ئورغاق ئىگەللىدى. ئىتىقادقا ئالاقىدار رەسىملەرنىڭ ئورنىنى دىكاتورلارنىڭ باش رەسىمى ئىگەللىدى. «ئون پەرھىز» ئۆچۈرۈپ تاشلىنىپ، ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقاتلىرى ئورنىنى باستى. بالىلارنىڭ دىنى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشى چەكلەندى. بىز خىتايدا ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئېتنىڭ ۋە دىنى كىملىكىنىڭ سىستېمىلىق ھالدا يوقىتىلىۋاتقانلىقىغا شاھىت بولىۋاتىمىز. بېيجىڭ ئىسلامنى تۆمۈر مۇش بىلەن داۋالاش كېرەك بولغان كېسەل دەپ قارايدۇ. ئۇيغۇرلار پەقەت خۇداغا ئىبادەت قىلغانلىقى ئۈچۈن، رامىزان ئېيىدا روزا تۇتقانلىقى ئۈچۈن، ساقال قويغانلىقى ئۈچۈن ۋەياكى پەقەتلا بىر ئېغىز «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم» دېگەنلىكى ئۈچۈنلا تۇتقۇن قىلىندى. ھەر كۈنى، نەچچە مىليون ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مۇسۇلمانلار خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا خارلارنماقتا، زەھەرلەنمەكتە ۋە مېڭىسى يۇيۇلماقتا. بۇ لاگېرلارنىڭ تېشىدا بولسا، ئۇلار يۇقىرى تېخنىكىلىق كۆزىتىش ئۈسكۈنىلىرى بىلەن كۆزىتىدۇ ۋە ئىز قوغلايدۇ. خىتاي كادىرلار مەجبۇرىي ھالدا پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگە يەرلىشىپ، دىنى ئىبادەتلەرنىڭ شەپىسىنى ئىزدەيدۇ. بېيجىڭ رادىكاللىققا زەربە بېرىۋاتىمىز دەپ جار سالىدۇ. خۇداغا ئىبادەت قىلىش رادىكاللىق ئەمەس. بېجىڭ يەنە  ھۈنىرى يوق ئۇيغۇرلارنى يۇقىرى قابىلىيەتلىك  ئىشچى قىلىپ تەربىيەلەۋاتىمىز دەپ جار سالىدۇ. ئەمما دوختۇرلار، ئۇنىۋېرسىتىت ئاكادېمىكلىرى، پروفېسسورلارنىڭ بۇخىل كەسپىي تەربىيەلەشكە ئىھتىياجى يوق. بېيجىڭ بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرىۋاتىمىز دەپ جارسالىدۇ. ئەمما دىنى ئىبادەتلەرنى قىلىش ۋە ئانا تىلدا سۆزلەش بولسا بۆلگۈنچىلىك ئەمەس. خىتاي دائىرىلىرى دىن ۋە ئىتتىقادچى ئاممىنى تىنچ جەمىيەتكە بولغان تەھدىت دەپ قارايدۇ. بۇ ئېنىقكى ھەقىقەتتىن چەتنىگەنلىك. ئېتىقاد بولسا نەپرەت، كەمسىتىش ۋە زوراۋانلىقنىڭ دورىسى، چۈنكى ئېتىقاد مۇھەببەت، ھېسداشلىق ۋە كەڭ قۇرساقلىقنى يېتىشتۈرىدۇ. ئامېرىكا ماڭا ب د ت نىزامنامىسىدا يېزىلغان دۇنياۋى قىممەت ۋە ھوقۇقلارنىڭ ھەقىقى مەنىسىنى كۆرسەتتى. بۇ ھوقۇقلار ئۈچۈن خىتايدا ۋە دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە كۆرەش قىلىشقا ئەرزىيدۇ. كۆپتىن كۆپ رەخمەت.»

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

كانادا مەكماستېر ئۇنىۋېرسىتى «خىتاي ئۇقۇغۇچىلار ۋە ئاكادېمىكلار جەمئىيىتى» نىڭ كۇلۇب سالاھىيىتىنى بىكار قىلدى

جۈ سېنتەبىر 27 , 2019
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى كانادانىڭ دۇنياغا داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىن بىرى بولغان مەكماستېر ئۇنىۋېرسىتى (McMaster University) يېقىندا بۇ مەكتەپتىكى «خىتاي ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاكادېمىكلار جەمئىيىتى» نىڭ (Chinese Students and Scholars Association) كۇلۇب سالاھىيىتىنى بىكار قىلغان.

You May Like