دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى جەنۋەدە كەڭ كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىش ئورۇنلاشتۇرماقچى

ب دت كىشىلىك ھوقوق ئالىي كېڭىشىنىڭ ئاللىبۇرۇن تاماملىنىپ بولۇنغان،ئەمما ھازىرغىچە ئېلان قىلىنىشى كېچىكتۈرۈلگەن، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقوق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئومومىي دوكلاتىنى دەرھال ئېلان قىلىشقا چاقىرىش مەقسىدىدە 5 – ئاينىڭ 13 – كۈنى جەنۋەدىكى ب دت بىناسى ئالدىدا زور كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلمەكچى

 دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى جەنۋەدە كەڭ كۆلەملىك  بىرلەشمە نامايىش ئورۇنلاشتۇرماقچى

ھەبىبۇللا ئىزچى

 

 ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 23-ئاپرېل

17 – ئاپرېل چاقىرىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن تور يىغىنىدا، ب دت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشەل باچېللېت خانىمنىڭ ئالدىمىزدا شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى مەزگىلىدە ئىلھام توختى،يالقۇن روزى،قۇربان مامۇت،ۋاھىدجان ئوسمان قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرمىلەردىكى،جازا لاگېرلىرىدىكى ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەيدانلىرىدىكى ئۇيغۇر سەرخىللىرى ۋە باشقا تۇتقۇنلار بىلەن بىۋاسىتە ھالدا كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە،شۇنداقلا ، ئۇنى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كېڭىشىنىڭ ئاللىبۇرۇن تاماملىنىپ بولۇنغان،ئەمما ھازىرغىچە ئېلان قىلىنىشى كېچىكتۈرۈلگەن،  ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئومۇمىي دوكلاتىنى دەرھال ئېلان قىلىشقا چاقىرىش مەقسىتىدە 5 – ئاينىڭ 13 – كۈنى جەنۋەدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا زور كۆلەملىك بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈش ھەققىدە قارار قوبۇل قىلىندى.

ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باشلامچىلىقىدا ياۋروپادىكى ھەرقايسى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپقان مەخسۇس تەييارلىق كومىتېتى قۇرۇپ چىقىلىدۇ.

بۇ قېتىمقى بىرلەشمە نامايىشقا ياۋروپادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن باشقا يەنە تىبەتلىكلەر،جەنۇبىي موڭغولىستانلىقلار،خوڭكوڭلۇقلار ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭمۇ كەڭ دائىرىدە قاتنىشىشى قولغا كەلتۈرۈلىدۇ.

بىرلەشمە نامايىشنىڭ رۇخسىتى ئۈچۈن شىۋىتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەرىپىدىن جەنۋە ساقچى ئىدارىسىگە ئىلتىماس سۇنۇلدى.

قۇرۇلتاي رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم بۇ مۇناسىۋەت بىلەن قىلغان سۆزىدە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى مىشەل باچېللەت خانىمنىڭ ئالدىمىزدا شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتىنىڭ نۆۋەتتە ھەم ب دت نىڭ،ھەم دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كۈنتەرتىپلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغانلىقىنى،مۇستەبىت خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ مىشەل باچېللەت باشچىلىقىدىكى ب د ت تەكشۈرۈش ھەيئىتىنىڭ كۆزىنى ئالدىن ياساپ چىققان ساختا مەنزىرىلەر بىلەن بوياشنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە بۇ نامايىشنى ئۆتكۈزۈشنىڭ زۆرۈرلىكى ،شۇڭا ياۋروپانىڭ ھەرقايسى ئەللىرىدە ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ تۈرمىلەردە،جازا لاگېرلىرىدا ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەيدانلىرىدا ئازاب – ئوقۇبەت چېكىۋاتقان ئەزىز خەلقىمىزنىڭ ھەققى – ھۆرمىتى ئۈچۈن بىر كۈنلۈك ۋاقتىنى سەرىپ قىلىپ 13 – ماي كۈنى جەنۋەدىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان بىرلەشمە نامايىشقا ئاكتىپلىق بىلەن ئىشتىراك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

نامايىشقا قاتنىشىشنى ئارزۇ قىلغان قېرىنداشلىرىمىز ھازىردىن باشلاپ ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ياكى قۇرۇلتاي مەركىزى ئورگىنىغا تىزىملاتسا بولىدۇ.

17 – ئاپرېل يەكشەنبە چاقىرىلغان ۋە قۇرۇلتاي رەھبەرلىرى،قۇرۇلتاي تەركىبىدىكى قېرىنداش تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ مەسئۇللىرىدىن بولۇپ 80 نەپەرگە يېقىن كىشى قاتناشقان قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن تور يىغىنىدا سۆز قىلغان تەشكىلات رەھبەرلىرى قۇرۇلتاينىڭ جەنۋەدە نامايىش ئۆتكۈزۈش ھەققىدىكى قارارىنى قوللاپ قۇۋەتلەيدىغانلىقلىرىنى ئىپادە قىلىشتى.

بۇ قېتىمقى كېڭەيتىلگەن يىغىندا يەنە قۇرۇلتاي رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىم ، قۇرۇلتاينىڭ ئۆتكەن ئىككى ئايدىن بۇيان ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە، قۇرۇلتاي ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندىم ئۆزىنىڭ مالايسىيا ۋە ھىندونېزىيەگە باشلاتقان زىيارىتى ھەققىدە، قۇرۇلتاينىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات يۇرۇڭقاش ئەپەندىم بولسا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ساھىپخانلىقى ۋە ھەرقايسى ئەللەردىكى قېرىنداش تەشكىلاتلىرىمىزنىڭ سىفونسورلۇقىدا بۇ يىل 5 – ئاينىڭ 26 – كۈنىدىن 28 – كۈنىگىچە گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان 2 – نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى.

2 – نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشى تەييارلىق كومىتېتى ھازىرغا قەدەر 20 دىن ئارتۇق دۆلەتتە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 70 تىن ئارتۇق ئۇيغۇر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى،ئۇيغۇر تەتقىقاتچى ۋە ئالىملار، دىنىي ئۆلىمالار،تونۇلغان جامائەت ئەربابلىرى ۋە ھەر ساھە زاتلىرىدىن بولۇپ جەمئىي 200 نەپەردىن ئارتۇق ۋەكىل ئۆزلىرىنىڭ گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان 2 – نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىگە بىۋاسىتە كېلىپ قاتنىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مەركىزى ئورگىنى 2 – نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي كېڭىشىگە قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنىڭ تىزىملىكىنى گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا يوللاپ ئۇلاردىن ھەرقايسى ئەللەردىن كېلىدىغان ۋەكىللەرگە ۋىزا جەھەتتىن قۇلايلىق يارىتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

UT-Uyghur Reporter 3

Next Post

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئالدىدىكى نامايىش ئۈچۈن لاگېر شاھىتلىرى جەنۋەگە يېتىپ كەلدى

يە ئاپرېل 24 , 2022
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىشلىك ھوقۇق كومتىتى ئالىي سېكرېتارى مېشەل باچلېت خانىمنىڭ خىتاي زىيارىتى ئالدىدا ،ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئاللىبۇرۇن تەييارلىنىپ تېىخچە ئېلان قىلىنمىغان دوكلاتنىڭ بۇ زىيارەتتىن بۇرۇن ئېلان قىلىنىشىنى تەلەپ قىلىپ ،لاگېر شاھىتلىرىنىڭ ئېلىپ بارىدىغان نامايىشى دۈشەنبە كۈنىدىن باشلاپ باشلىنىدۇ.

You May Like