جەنۇبىي موڭغۇلدا موڭغۇل تىلىنى قوغداش كۆرىشى

شېنتاڭرىن قانىلىنىڭ بىيجىڭ ۋاقتى 2020-31-ئاۋغۇست بەرگەن كۈندىلىك خەۋىرىدە: خىتاي ھۈكۈمىتى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونىدا موڭغۇل تىلى ئورنىغا خىتاي تىلى دەسسىتىشنى قارار قىلغان . بۇ قارار دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى موڭغۇللارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى ۋەئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونىدىمۇ كەڭ كۆلەمدە نامايىش قوزغۇلىشىغا تۈرتكە بولدى . نۇرغۇن نامايىشچىلار قولغا ئېلىندى.

ئاگىنتلىق گۈلى

 

2020-9-28

 

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

شېنتاڭرىن قانىلىنىڭ بىيجىڭ ۋاقتى 2020-31-ئاۋغۇست بەرگەن كۈندىلىك خەۋىرىدە: خىتاي ھۈكۈمىتى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونىدا موڭغۇل تىلى ئورنىغا خىتاي تىلى دەسسىتىشنى قارار قىلغان . بۇ قارار دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى موڭغۇللارنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى ۋەئىچكى موڭغۇل ئاپتونۇم رايونىدىمۇ كەڭ كۆلەمدە نامايىش قوزغۇلىشىغا تۈرتكە بولدى . نۇرغۇن نامايىشچىلار قولغا ئېلىندى.

 


ئىچكى موڭغۇل ھۆكۈمىتى مائارىپ تارماقلىرى يېقىندا ھۆججەت تارقىتىپ ، 9-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ ، ئىچكى موڭغۇل مىللى مائارىپىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىن تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكىچە بولغان ئارىلىقتا موڭغۇل تىلى«ئەدەبىياتى» دىن ۋاز كېچىپ ، خىتاي تىلىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. بۇ خەۋەر مىللىي مەدەنىيىتىنى يوقىتىش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بولۇپ،بۇ ھەرىكەت موڭغۇللارنىڭ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نامايىشنىڭ پارتىلىشىغا سەۋەپ بولدى.
30-ئاۋغۇست بىر سىن كۆرۈنۈشىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىچكى موڭغۇلدىكى مەلۇم بىر مەكتەپ ئوقوغۇچىلىرى مەكتەپنىڭ ئالدىدا يىغىلىپ ، خىتاي تىلى ئوقۇتىشىغا قارشى چىقتى .نۇرغۇن ئوقۇغۇچىلار يىغلاپ ، شوئارلارنى توۋلاپ مەكتەپكە بېرىشنى رەت قىلدى.

 


ئوقۇغۇچىلارنىڭ نامايىش ھەرىكىتىنى نۇرغۇن تورداشلار قوللاپ ، ئۇلارنىڭ ھوقۇققا باش ئەگمىگەنلىكىنى ماختىدى. سىياسىي ئوبزورچى شىڭ تيەنشىڭ مۇنداق دەيدۇ: شىزاڭدىن شىنجاڭغىچە(شەرقىي تۈركىستانغىچە-ت) ، ئاندىن شياڭگاڭغىچە ، جۇڭگو كومپارتىيىسى قەستەن قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلغان ، ھازىر نۆۋەت موڭغۇلىيەگە كەلدى.
شىڭ تيەنشىڭ: «خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ قىلغانلىرىنىڭ ھەممىسى بىر مەسىلىنى تىخىمۇ ئىنىق قىلىپ چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، خىتايدا پۇقرالار ئارىسى مالىمانچىلىق ۋە خىتاي خەلقىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرىنى پەيدا قىلغان كوممۇنىست پارتىيىنىڭ ئۆزى. بۇ رەزىل ھاكىمىيەت بىر كۈن يوقىمايدىكەن ، خىتاي زېمىنىدىكى بارلىق مىللەتلەر داۋاملىق ئۇنىڭ خەۋىپىگە ئۇچرايدۇ» دېدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇرلار بىرلەشمىسىنىڭ سابىق رەئىسى ئىلشات مۇنداق دېدى : خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتى ئۆز قانۇنىنى دەپسەندە قىلدى.
ئىلشات ھەسەن: «خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنىغا ئاساسەن ، ھەر مىللەتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرىكى مەدەنىيىتى ۋە مائارىپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھوقۇقىنى ھۆرمەتلەش ۋە قوغداش. بۇنىڭدىن باشقا ، رايونلۇق مىللىي ئاپتونومىيە قانۇنىدا يەنە ئاپتونومىيىلىك مىللەتلەرنىڭ يەرلىك «ئانا »تىل ئىشلىتىش ھوقۇقى بارلىقى بەلگىلەنگەن. مائارىپنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كىرەكلىكى بىكىتىلگەن »دېدى.
ئىلشات ھەسەن مۇنداق دەيدۇ: 2016-يىلى ، خىتاي كومپاتىيىسى شەرقىي تۈركىستاندىكى مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلىنى توختاتتى . ئەمما موڭغۇللارنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا قارىغاندا ئەۋزەللىكى بار ،چېگرادا موڭغۇل دۆلىتى بار ، ھەمدە موڭغۇللار ناھايىتى ئىتتىپاق.
ئىلشات ھەسەن : «ئۇلار يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە تىبەتلەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى بىلىدۇ . ئىشىنىمەنكى ، ئۇلار قارشىلىق كۆرسەتمىسە ، بىزگە ئوخشاش ئۇلارنىڭ ئاخىرقى مەنزىلى جازا لاگېرىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى بىلىدۇ. شۇڭلاشقا ، ئۇلارغا قارشى تۇرۇپ، مۇرەسسە قىلماسلىقنى تاللايدۇ. ئۇلارنىڭ روھىغا قايىل بولىمەن ، ئۇلارنى قوللايمەن ۋە ئۇلارنىڭ بەرداشلىق بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن » دېدى

 

باش شتابى نيۇ-يوركقا جايلاشقان جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزى (SMHRIC) 29-ئاۋغۇست مۇنداق دېدى: جەنۇبىي موڭغۇلىيەدىكى بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر ساھە كىشىلىرى كەڭ كۆلەملىك نامايىش قوزغىدى. مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچىلارمۇ نامايىشقا قاتناشتى ، نۇرغۇن مەكتەپ دەرسخانىلىرى قۇرۇق قالدى . ئادەتتىكى چارۋىچىلارمۇ ھەرقايسى جايلاردا بىرلا ۋاقىتتا نامايىش ئۆتكۈزدى.

 


جەنۇبىي موڭغۇلىيە كىشىلىك ھوقۇق ئۇچۇر مەركىزى يۈزلىگەن موڭغۇل پائالىيەتچىلىرىنىڭ ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ياكى نەزەربەند قىلىنغانلىقى بەزى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىرى ساقچىلار تەرىپىدىن ئۇرۇپ تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى . ئۈندىدار گۇرۇپپىسىدىكى بىرەيلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان سەۋەپلىك ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۆزلىرىنىڭ ئاخىرغىچە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، ئەمما موڭغۇل خەلقىنىڭ تىز پۈكمەيدىغانلىقىنى، ئولتۇرۇپ مىللىي مەدەنىيەتنىڭ يوقىتىلىشىغا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.
ئىچكى موڭغۇلنىڭ بىر يۇقۇرى دەرىجىلىك ئايال ئەمەلدارى قازا قىلدى ، ۋەسىيەت خاتىرىسىدە موڭغۇل تىلىنى قوغداش كېرەكلىنى يازغانلىقى ئاشكارىلاندى.
ئىچكى موڭغۇلدىكى ئالاسەن بىرلەشمىسى ھۆكۈمەت ئىشخانىسىدىكى 33 ياشلىق موڭغۇل ئايال مەمۇر سۇ رىنا مۇشۇ جۈمە كۈنى (4-سېنتەبىر) سەھەردە تۇرالغۇ بىناسىدىن سەكرەپ قازا قىلغان . ساقچىلار ئۆلگۈچىنىڭ چۈشكۈنلۈك تارىخى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. لىكىن توردا تارقىلىۋاتقان ۋەسىيەت خاتىرىسىدە سۇ رىنانىڭ ئۆلۈمىنىڭ موڭغۇل تىلىنى قوغداش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى كۆرسىتىلدى.

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

گېرمانىيە ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان مۇناسىۋەتلەر مەسئۇلى: ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا چوقۇم خىتايغا قارشى ئىتتىپاقلىشىشى كېرەك

دۈ سېنتەبىر 28 , 2020
گېرمانىيەنىڭ ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان مۇناسىۋەتلەرنى ماسلاشتۇرۇش مەسئۇلى پېتېر بەيېر(Peter beyer) فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، نويابىردىكى ئامېرىكا سايلىمىنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا «خىتاي بىلەن يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ئىتتىپاقلىشىشى كېرەك، دەپ ئىپادە بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى:

You May Like