جەنۇبى خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى: نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر مەسىلىسى جاكارتانى قوزغىتالمىدى؟

يېڭى بىر دوكلاتقا كۆرە، ھىندونوزىيەنىڭ خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك ھالدا ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنى تۇتقۇن قىلىشىغا قارىتا سۇس ئىنكاس قايتۇرىشىنىڭ سەۋەبى، قانداقتۇر پەقەت ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكىنىڭ چىشىغا تىگىپ قۇيۇشتىن ئەنسىرەشلا بولماستىن، بۇ يەنە كۆپ سەۋەبلەرنىڭ بىرىكىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلىش ئەيىپلەشلىرىگە بولغان گۇمانمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ئىكەن.

جەنۇبى خىتاي ئەتىگەنلىك پوچتىسى

ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-06-26

 

يېڭى بىر دوكلاتقا كۆرە، ھىندونوزىيەنىڭ خىتاينىڭ كەڭ كۆلەملىك ھالدا ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مۇسۇلمانلارنى تۇتقۇن قىلىشىغا قارىتا سۇس ئىنكاس قايتۇرىشىنىڭ سەۋەبى، قانداقتۇر پەقەت ئۆزىنىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكىنىڭ چىشىغا تىگىپ قۇيۇشتىن ئەنسىرەشلا بولماستىن، بۇ يەنە كۆپ سەۋەبلەرنىڭ بىرىكىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇققا تاجاۋۇز قىلىش ئەيىپلەشلىرىگە بولغان گۇمانمۇ بۇنىڭ ئىچىدە ئىكەن.

 

بەزى ھىندونوزىيەلىكلەر ۋە ئىسلامى تەشكىلاتلارنىڭ قارىشىچە، دىنى زىيانكەشلىك قىلىشقا دائىر خەۋەرلەر غەربنىڭ تەشۋىقاتى بولۇپ، ئامېرىكا بىلەن سودا تالاش-تارتىشىغا چۈشۈپ قالغان خىتايغا تۆھمەت قىلىشنى مەقسەت قىلىدىكەن. ھىندونوزىيە ھۆكۈمىتى تېخىمۇ قاتتىق ئىنكاس بىلدۈرۈشنىڭ ئوڭچىل ئىسلامچىلارنىڭ دۆلەت ئىچى سىياسىتىدە تەسىرىنىڭ بارغانسېرى ئېشىپ بېرىشىدۇ ئەندىشە قىلىدۇ.

 

بۇ دوكلات مەركىزى جاركارتاغا جايلاشقان «توقۇنۇش مەسىلىلىرى سىياسىتى ئانالىز قىلىش ئىنستىتۇتى» پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ دوكلاتتا پرېزىدېنت جوكو ۋىدودونىڭ (Joko Widodo) ئالىي مەسلىھەتچىسى دوكتور مۇناجات ستەيننىڭ (Munajat Stain) مۇنۇ سۆزى نەقىل قىلىنغان « بىز ئۇلارنىڭ (ئۇيغۇرلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچرىشى) توغرىسىدىكى بايانلارغا قاتنىشىشنى خالىمايمىز، چۈنكى بۇ مۇخالىپەتتىكى ئىسلامچىلار ۋە رادىكاللارغا كۈچ بېرىدۇ. بىزنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مەسىلىىلىرىمىز بۇ سەۋەبلىك ئەمەس. بۇ مەسىلىلەر خىتاينىڭ جەنۇبى خىتاي دېڭىزىغا تاجاۋۇز قىلىپ، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا رايونىنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈشى، ئۇيغۇرلار ئەمەس.»

 

*قىسقارتىپ تەرجىمە قىلىندى.

مەنبە:

https://www.scmp.com/news/asia/southeast-asia/article/3015681/indonesia-doubts-western-reports-human-rights-abuses

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

تەرجىمە:ئامېرىكا ئاۋازى: ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قايتا تەربىيىلەش لاگىرلىرىنى ئاقلىغانلىقىنى ئەيىبلىدى

پە ئىيۇن 27 , 2019
جەنۋە- ئامېرىكا خىتاينىڭ ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىدا بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرنى شىنجاڭدا (شەرقى تۈركىستان-ت) «قايتا تەربىيىلەش» لاگېرلىرىغا قاماش قىلمىشىنى ئاقلىغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

You May Like