جازا لاگىرىدىكى قاباھەتلەر

2016-يىلىدىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرى شەرقى تۈركىستاندا ئ‍اتالمىش تەربىيلەش مەركىزى– بىزنىڭ تىلىمىزدا جازا لاگىرلىرىنى قۇرۇشقا باشلىدى.

ئاپتۇر: ئىقبال

تەھرىر: مەنزىل

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2018-12-14

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

گۈلباھار جېلىلنىڭ ئىجتىمائى تاراتقۇلاردا تارقالغان بايانلىرىغا ئاساسەن تەييارلاندى

2016-يىلىدىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرى شەرقى تۈركىستاندا ئاتالمىش تەربىيلەش مەركىزى– بىزنىڭ تىلىمىزدا جازا لاگىرلىرىنى قۇرۇشقا باشلىدى. پولاتتەك پاكىت ۋە خەلىقئارا جەمىيەتنىڭ ئىلمىي ئەيىپلەشلىرىنى قىلچە كۆزگە ئىلماستىن، خىتاي دائىرىلىرى شەرقى تۈركىستاندا جازا لاگىرى بارلىقىنى رەت قىلدى ۋە رەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. رەسمىي مەلۇماتلاردا بىر مىليۇن، غەيرى رەسمىي ئۇچۇرلاردا ئۈچ مىليۇندىن ئارتۇق بىگۇناھ ئىنساننىڭ جازا لاگىرلىرىدا ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن خورلىنىۋاتقانلىقىدىن ئىبارەت بىر ھەقىقەتنى خىتاي پەرۋاسىزلارچە ئىنكار قىلدى. 6- نويابىر شىۋىتسىيەنىڭ جەنۋە شەھرىدە ئۆتكۈزۈلگەن خەلىقئارا كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىدىمۇ ئامېرىكا قاتارلىق ياۋرۇپا دۆلەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى رىئال پاكىتلىرىنىمۇ كۆزگە ئىلمدى. بۇ ئەھۋالغا قارىتا مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان شەرقى تۈركىستانلىقلاردىن بىۋاستە جازا لاگىرغا قامىلىپ ، لاگىر ھاياتىنى بېشىدىن كەچۈرۈپ باققان، ياكى ئۇرۇق – تۇققانلىرى بۇ قىسمەتنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىپ رىيازەت چېكىۋاتقان، ئەھۋالدىن خەۋەردار مۇناسىۋەتلىك كىشلەر ھەرخىل تاراتقۇ ۋاستىلىرى ئارقىلىق خىتاينىڭ يالغانچىلىقىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ، خەلىقئارا جەمىيەتنى ۋە شەرقى تۈركىستانلىقلارنى جازا لاگىرلىرى ھەققىدە تەپسلى مەلۇماتقا ئىگە قىلدى.  بۇلارنىڭ بىرى شەرقى تۈركىستاندا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، كېيىن قازاقىستان پۇقرالىقىغا ئۆتكەن، سەككىز ئاي لاگىرغا قامىلىپ  ئاندىن  قازاقىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ياردىمى بىلەن لاگىردىن قۇتۇلۇپ قايتىدىن ھۆردۇنياغا چىققان ئۆمەر بىكئالې¡ يەنە بىرى ئاتا – ئانىسىدىن  تارتىپ نەچچە ئەۋلاد قازاقىستاندا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ۋە قازاقىستان پۇقراسى بولغان گۈلباھار جېلىلدۇر.

گۈلباھار جېلىل 1964-يىلى 4-ئاينىڭ 4-كۈنى قازاقىستاندا تۇغۇلغان ئۇيغۇر ئايال. 20 يىلدىن بېرى قازاقىستان، شەرقى تۈركىستان ۋە خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرى ئارلىقىدا يەككە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان تىجارەتچى. 2017- يىلى 5- ئاينىڭ 17- كۈنى گۈلباھار جېلىلنىڭ ئۆرۈمچىدىكى بىر دوستىنىڭ قىزى ئۇنىڭغا تېلىفۇن قىلىپ، بۇيرۇتقان ماللىرىنىڭ كەلگەنلىكى، كېلىپ ئېلىپ كېتىشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرىدۇ. بۇ جەرياندا تېلىفۇن قىلغۇچى قىز( گۈلباھار جېلىلنىڭ دوستىنىڭ قىزى) ئانىسنىڭ جىددى كېسەل ئىكەنلىكىنى تەكرارلاپ، گۈلباھارنىڭ  تېز كېلىپ مېلىنى ئېلىپ كېتشىنى تەلەپ قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن گۈلباھار جېلىل 21-چىسلا قازاقىستاندىن ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ. 22- چىسلا سەھەر گۈلباھار جېلىل مېلىنى ئېلىۋىلىش ئۈچۈن قىزغا تېلىفۇن قىلىپ¡ ئۆزىنىڭ ئۆرۈمچىگە كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلىدۇ. بىردەمدىن كېيىن ئىشىك چېكىلىدۇ. ئىشىكنى ئاچقان گۈلباھار ساقچىلارغا دۇچ كېلىدۇ، ئۇلار گۈلباھارنىڭ بىرقانچە سوئالغا جاۋاپ بېرىش كىرەكلىكىنى ئېيتىپ ساقچىخانىغا ئېلىپ بېرىلىدۇ. ساقچىلار گۈلباھارنىڭ تېلىفۇنىنى تەكشۈرىدۇ. تېلىفۇندا بىرەر نەرسىگە ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، گۈلباھارغا بىر ئايالنىڭ رەسىمىنى كۆرسىتىدۇ. گۈلباھار شۇچاغدا ئاندىن دوستىنىڭ تۇتۇلغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ  ساقچىلارنىڭ بېسمى بىلەن دوستىنىڭ قىزى ئارقىلىق ئالداپ كېلىنگەنلىكىنى ئۇقىدۇ.

گۈلباھارنىڭ چىدىغۇسىز ئازاپ- ئوقۇبەتلىك كۈنلىرى شۇ كۈندىن باشلىنىدۇ. گۈلباھار قازاقىستان پۇقراسى تۇرۇغلۇق، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قىين-قىستاق ۋە سوئال-سوراقلىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ.

ئۇنىڭغا يۈكلەنگەن جىنايەت تۈركىيەدىكى مەلۇم بىر ئۇيغۇر شىركىتىىگە 17مىڭ يۈەن پۇل ئاغدۇرغانلىقىدىن ئىبارەت . قىزىقارلىق يېرى بۇ بۆھتاننى قۇبۇل قىلدۇرالمىغان خىتاي دائىرلىرى گۈلباھارغا تېرۇرچى قالپىقىنى كىيگۈزۈپ،  جازا لاگىرىغا سولىۋىتىدۇ.

جازا لاگىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەھۋاللارنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنىش ئۈچۈن تۆۋەندە گۈلباھارنىڭ بايانلىرى ئەينەن بېرىلدى:

مىنى تۇتۇپ ئەكەلگەن ساقچىلار ماڭا دوستۇمنىڭ  رەسىمىنى كۆرسەتتى. مەن شۇ چاغدا دوستۇمنىڭ تۇتۇلۇپ بولغانلىقىنى بىلدىم . دوستۇمنىڭ تېلىفۇنىدىن مىنىڭ تېلىفۇن نومرۇم چىققاچقا، دوستۇمنىڭ قىزىنى مەجبۇرلاپ ماڭا تېلىفۇن قىغۇزۇپ ئالداپ كەلگۈزگەن ئىكەن . مىنى «تۈركىيەگە 17مىڭ يۈەن پۇل ئۇرۇپسەن» دىدى. مەن رەت قىلدىم. ئاندىن مىنى (سەنكەن) دىگەن لاگىرغا ئاپىرىۋەتتى. ئۇلار مىنى يەنە «ئوبدان ئويلان ، ئەتە كېلىمىز» دەپ چىقىپ كەتكەنچە 3ئايغىچە قايتا كەلمىدى.

ئۈچ ئاي سەنكەندە ياتتىم. بۇ ئارلىقتا ھىچكىم كەلمىدى. مىنىڭ ئادۇۋكات ئېلىش ھەققىمنىمۇ بەرمىدى. مەن قازاقىستان پۇقراسى تۇرۇغلۇق، خىتاي دائىرلىرى ماڭا ئايرىم كىملىك نۇمۇرى بېكىتىپ بەردى ۋە جازا لاگىرلاردا بۇ كىملىك بىلەن خاتىرلەندىم. مىنىڭ قازاقىستان كىملىكىم ۋە پاسپورتۇمدىكى ئىسمىم گۈلباھار جەلىلۇۋا ئىدى. خىتاي دائىرلىرى سەن خىتايغا تەۋە ئادەم دەپ گۈلباھار جېلىل دەپ ئاتىدى ۋە مۇشۇ ئىسىمغا كىملىك نۇمۇرى بەردى.

لاگىرنىڭ ئىچى ۋە ئۇيەردە يۈز بەرگەن قاباھەتلەر ھەققىدە گۈلباھار كۆزياشلىرىنى تۇتۇلماي ئۈن سىلىپ يىغلاپ كەتتى

مەن جەمى 3 لاگىرغا يۆتكەلدىم. بۇ يەرلەردە نۇرغۇن ئاياللار بىلەن بىللە تۇردۇم. سولانغانلارنىڭ چوڭى 80 ياش، كىچىكى 14 ياش.  مەن لاگىردا تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە نۇرغۇن بىگۇناھ ئاياللارنى كۆردۈم  ۋە ئېچىنىشلىق ئەھۋاللارغا شاھىد بولدۇم.

كامىر يەتتە مىتىرلق تار بىر ئۆي. ئوبۇرنىغا بىر مېتىر ئورۇننى چىقىرۋەتسەك تېخىمۇ تارلىشىپ كېتىدۇ. يىيىش، ئىچىش ۋە چىقىرىش پۈتۈنلەي مۇشۇنىڭ ئىچىدە بولىدۇ.

كامىر قاراڭغۇ بولۇپ كۈن ئۆتۈشمەيدۇ. بىر كامىردا 30~40 كىشى تۇرىمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەركۈنى 10/ 20يىڭى  تۇتقۇن كىرىپ تۇرىدۇ. يەنە بىر نەچچە كۈندىن كېيىن ئۇلارنى يۆتكەپ كېتىدۇ. نورمالدا ھەپتىدە دىگۈدەك كامىر ئالماشتۇرۇپ تۇرىمىز.

كېچە ئارامخۇدا ئۇخلىغىلى قويمايدۇ. يېرىمىمز ئۇخلىساق، يېرىمىمىز نۆۋەتچىلىك قىلىمىز. ھەممىمىز يېتىپ سىغىشمايمىز.

كامىر ئىچىدە پاراڭلىششقا بولمايدۇ. پاراڭلاشقانلار بايقىلىپ قېلىنسا، ئايرىم جازالاش كامىرىغا سولىنىدۇ. ئۇيەرنىڭ ئەھۋالى تېخمۇ ئىغىر. بىرمىتىرلىق قاراڭغۇ كامىردا تۈگۈلۈپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ. ئوبۇرنىمۇ شۇيەردە، ئۇخلاش مۈمكىن ئەمەس.

ھەرخىل ئېغىر كىسەلللەر بىلەن بىللە تۇردۇم. يۈرەك كىسىلى، تىبىركىليۇز، تۇتقاقلىق كىسىلى قاتارلىق كىسەللەر بار.

مىنى ئىككى قىتىم دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى. ئۇيەردە ئۆلۈپ كەتكەنلەرمۇ بار. مەن دوختۇرخانىدىكى چېغىمدا بىر ئايالنى ئۇخلىتىۋەتتى. مەن دەسلەپتە ئۇقماپتىمەن. ئەسلىدە ئوكۇل ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋەتكەنىكەن.

لاگىر ئىچىدە ھەركۈن دىگۈدەك ھۇشىدىن كېتىدىغانلار بار. ئۇلار ھۇشىدىن كېتىپ يىقىلىپ قالسا، يۆلىگىلى بارغانلارنىمۇ جازالايدۇ، يەنى قاراڭغۇ، تار ئۆيگە سولاپ قويىدۇ¡ياكى تۆت سائەت تامغا قارىتىپ ئۆرە تۇرغۇزۇپ قويىدۇ.

 

تاماقلىرى بەكلا ناچار. ئۇيەردە بەرگەن تاماقلىرىنى بىز مالغا بېرەتتۇق. ئەتىگەن بىر موما ۋە يېرىم ئىستاكان ئوماچ، چۈشلىرى سەي شورپىسى بىلەن بىر موما، كەچلىكى سۇ بىلەن بىر موما بېرىدۇ. بىركۈنى جەمى ئۈچ موما بېرىدۇ. مومىنىڭ چوڭلىقى بىرەر كىچىك ئالمىدەك كېلىدۇ.

تۇتۇپ كېلىنگەنلەر ئىچىدە 14 ياشلىق قىزلارمۇ بار.  14 ياشلىق بىر قىز ئۈندىدارغا بىر قىزنىڭ ئامىن دەپ قول كۆتۈرگەن رەسىمىنى چىقارغانلىقى ئۈچۈن تۇتۇپ ئەكىرىپتۇ. 27 ياشلىق يىڭى يەڭگىگەن بىر ئايالنى تۇتۇپ كىرىپتۇ. ئۇنىڭ ئېرىنىمۇ تۇتۇپ كەتكەنىكەن. ساقچىلارنىڭ دىيىشىچە ئۇنىڭ كىچىك ئىككى بالىسىغا ھۆكۈمەت قارايدىكەن.

پاتىگۈل ئىسىملىك بىر ئايال مىسىرغا بىرىپ 3ئاي تۇرۇپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن، قايتىپ كەلگىنىدە ئايرۇپورتتىلا تۇتۇپ ئەكىرىپتۇ. ھازىرغىچە قىين قىستاق ئىچىدە قالدى. ئىسكەنجىگە چىدىيالماي نەچچە ئايلىنىپ كەتتى، ئۇلارنىڭ كارى بولمىدى.

سەنئەت ئىنېستىتوتىدا ئوقۇۋاتقان 26 ياشلىق غۇلجىلىق بىرقىزنى تۇتۇپ كىرىپتۇ. جىنايىتى بۇنىڭدىن 10يىل بۇرۇن تورغا 4پارچە رەسىم چىقارغانىكەن. رەسىملەر مۇسۇلمانچە ھىجاپلىنىۋالغان قىزلارنىڭ رەسىمى، باشقا تىلغا ئالغۇدەك جىنايىتى يوق.

بۈزۆرەم ئىسىملىك قەشقەرلىك بىر ئايالنى ئېلىپ كەلدى. ئۇنى قەشقەردە ئالتە ئاي سولاپ، ئاندىن يۆتكەپ كەلگەنىكەن. ئۇ ئالتە ئاي جەريانىدا يۇيۇنۇپ باقماپتۇ. بەدەنلىرى يارا، كىيىملىرىنى پىت بېسىپ كەتكەن، بەكلا ئېچىنىشلىق.

خىتايلار لاگىردا كەسىپ ئۈگىتىمىز دەپتۇ، ئۇنداق بىر ئىش يوق. بىز پۈتۈن كۈن لاگىردىكى كامىردا تۈز، ھەربىيلەردەك ئولتۇرىمىز. ئارىمىزدىكى خىتايچە بىلىدىغان قىزلار «لاگىرىدكىلەرگە ئۈگىتىڭلار» دەپ بەرگەن نەرسىنى ئۈگىتىدۇ. مەسىلەن ھەركۈنى قىزىل ناخشىلارنى ئۈگىنىمىز. سىرتقا ئېلىپ چىقىشقا توغرا كەلسە، بىشىمىزغا قارا خالتا، قولىمىزغا كويزا، پۇتىمىزغا كىشەن سېلىپ ئېلىپ چىقىدۇ.

بىز لاگىر خادىملىرىغا ھەر دائىم رەھمەت ئىيتىشقا مەجبۇرلىنىمىز. تاياق يېسەكمۇ، ئاھانەت ئاڭلىساقمۇ، تاياق يەپ خورلانساقمۇ، بىزنى ئۇرۇىۋاتقانلارغا رەھمەت دېيىشمىز كىرەك.

بېرىدىغان مومىنىڭ سۈپىتىمۇ بەك ناچار. بەزىدە يىگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە خام. ئەگەر بۇ ھەقتە بىرنەرسە دىسىڭىز، تىللايدۇ ۋە جازالايدۇ¡ يەنى خام مومىنى بەرمەي قويىدىغان ياكى سەي شورپىسىنىڭ ئورنىغا سۇ بىرىدىغان ئەھۋاللار بار.

كامىر ئىچىدە پاراڭ سېلىشقا بولمايدۇ. بولۇپمۇ ئۇيغۇرچە گەپ قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. ئەگەر بايقاپ قالسا ئوپچە جازالايدۇ.

 

خىتاي دائىرىلىرىڭ قىز ئاياللارغا قىلغان ئەڭ چوڭ زىيانكەشلىكلىرىنى سۆزلەۋىتىپ گۈلباھار يەنە يىغلاپ كەتتى.

لاگىردا قىز- ئاياللارغا ئادەت توختىتىش دورىسى بېرىدۇ. ئۇيەردىكى ئاياللار يەتتە-سەككىز ئايدىمۇ ئادەت كۆرمەيدۇ. ئادەت كۆرسىمۇ قەغەز ،لاتا دىگەندەك تازلىق بويۇملىرى يوق ( يىغىسىنى تۇتالمىدى).  ھەپتىدە ئاران بىرقىتىم يۇيۇنۇشقا يول قويىدۇ. بىركىشگە يۇيۇنۇش ئۈچۈن ئىككى مىنۇت ۋاقىت بېرىدۇ.  ئۇندىن باشقا ۋاقىتلاردا يۈز يۇيۇشقىمۇ رۇخسەت يوق. سۇ ئىشلەتسەك «تاھارەت ئالدىڭ» دەپ جازالايدۇ. بەدىنىمىز كىرلىشىپ كەتكەنلىكتىن يارا چىقىپ كەتتى.

 

بىر قىز بارئىدى، مەغپىرەت دەيدىغان. قەشقەردىن يۆتكەپ كەلگەن. ئارىمىزدا تۇتقاقلىق كىسىلى  بار بىرسى بار ئىدى.  ئۇنىڭ كىسىلى تۇتۇپ يىقىلىپ قالدى. مەغپىرەت يۈگۈرۈپ بېرپ يۆلىدى. ئۇيەردە بۇمۇ چەكلىنەتتى. مەغپىرەتنى مۇشۇنىڭ ئۈچۈن بىرئاي يالغۇز كىشىلىك قاراڭغۇ كامىرغا سولاپ جازالىدى.

بىزدىن ئايدا بىر قان ئالىدۇ، ئوكۇل ئۇرىدۇ. بىزگە بەرگەن دورىنىڭ تەسىرىدىن گومۇشتەك بولۇپ قالىمىز. بىز ئۆزىمىزنى ئاشەدە تۇغۇلغاندەك جانسىز، روھسىز قىلىۋىتىدىكەن. كىشىنى ئارتۇق بىرنەسە ئويلاتقۇزمايدىكەن.

 

ئۆزىنىڭ قانداق قۇتۇلۇپ چىققانلىقى ھەققىدە گۈلباھار ھەدە مۇنۇلارنى دىدى:

مەن تۇتۇلغاندىن كېيىن، بالىلىرىم، ئۇرۇق-تۇققانلىرىم توختىماي كەينىمدىن مېڭىپتۇ. قازاقىستان كونسۇلىغا كۈندە خەت يىزىپتۇ.  خىتايلار مىنىڭ ئىسمىمنى ئۆزگەرتىۋەتكەچكە مىنى تاپالماپتۇ. بالىلىرىم مىنى سۈرۈشتۈرۈپ، قازاقىستان كونسۇلى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ، رۇسىيە، ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەرگە خەت يىزىپتۇ. توختىماي سۈيلەپتۇ. بۇنىڭ تەسىرى ۋە مىنىڭ شەرقى تۈركىستاندا ھىچ بىر ئۇرۇق تۇققىنىمنىڭ يوقلىقى، قازاقىستان پۇقراسى بولغانلىقىمدىن مىنى قويۇپ بەردى.

 

گۈلباھار جېلىلنىڭ  لاگىر ھەققىدىكى نۇرغۇن بايانلىرى كىشىنىڭ تىنىنى شۈركەندۈرىدۇ . گۈلباھار جېلىلنىڭ بايانلىرىدىن لاگىردىكى قاباھەت ۋە ئىنسان تەسەۋۋۇرىدىن ھالقىغان قىيناش ۋاستىلىرىنى تۆۋەندىكىدەك خۇلاسلەپ چىقىشقا بولىدۇ:

1. لاگىرنىڭ كامىرلىرى ناھايتى كىچىك. 5~6 كىشلىك بىر ئۆيدە 30~40 ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ كىشى تۇرىدۇ. ھاۋا ناھايىتى زىچ ۋە پۇراق بىلەن تولغان.

2. ئۈچ ۋاخ تامىقى جەمى ئۈچ تال موما ۋە يېرىم ئىستاكاندىن شورپا. مومىنىڭ سۈپىتى ئىنتايىن ناچار. تۇتۇلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى ئېغىر كىسەل. سالامەتلىك ياخىشى بولسىمۇ، تاماق ناچار بولغانلىقىدىن بەدەن ئورۇقلاپ، ئاجىزلاپ كېتىدۇ.

3. ھەركۈنى 10 سائەتتىن ئارتۇق ھەربىي ھالەتتە ئولتۇرىدۇ. پاراڭلىشىقا بولمايدۇ. بولۇپمۇ ئۇيغۇرچە سۆزلەش چەكلەنگەن. پاراڭ قىلغانلار بايقالسا، يالغۇز كىشلىك بىر كۇۋادىرات مېتىرلىق قاراڭغۇ كامىرغا سولاپ جازالايدۇ. يىيش ، چىقىرىش شۇ كامىر ئىچىدە. ئۇخلاش مۈمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە چاشقانلارمۇ بار .

4. سىرتقا ئېلىپ چىقىشقا توغرا كەلسە، بېشىغا قارا خالتا، قول-پۇتقا كىشەن سېلىپ ئېلىپ چىقىدۇ. كامىر ئىچىگە كۈن چۈشمەيدۇ

5. لاگىردىكى ئاياللارنىڭ كىچىكى 14 ياش، چوڭى 80 ياش. ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىگاھ. بەزىلىرى مىسىر، تۈركىيەگە چىققانلىقى ئۈچۈن¡ بەزىلىرى تېلىفۇنىدا رەسىم ساقلىغان دىگەن باھانە بىلەن تۇتۇلغان. ئۇيەردىكىلەرنىڭ كۆپىنچىىسى ئۆزىنىڭ نىمە ئۈچۈن تۇتۇلغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدە لوقمان شىركىتىنىڭ دىرىكتۇرىنىڭ ئايالى، چىندىل شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ ئايالى، داڭلىق يازغۇچى ۋە ئادۇۋكات گۈلباھار ئەزىزدەك مىللەتنىڭ سەرخىللىرىمۇ بار.

6. لاگىرغا سولانغان قىز- ئاياللارغا دورا ئىچكۈزىلىدۇ. بۇنىڭ تەسىرىدىن قىز- ئاياللارنىڭ ئادىتى توختايدۇ. يەنە بىر تەسىرى قاتتىق گومۇش، جانسىز رۇھسىز قىلىۋىتىدۇ. كىشىنىڭ ئويلاش، تەپەككۇر قىلىش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىۋىتىدۇ.

7. ئېغىر كىسەللەرمۇ داۋالىنىشتىن بەھرىمان بولالمايدۇ، ھەتتا بەزىلىرى ئۆلۈپ كېتىدۇ.

8. خىلى كۆپ ئاياللار نېرۋىسىدىن ئادىشىپ قالغان¡ ھەتتا بەزىلىرى ئۆزىنىڭ پوقىنى تۇتۇپ،  تاملارغا سۇۋىغۇدەك دەرىجىدە ئەقلىنى يوقاتقان¡ بەزىلىرى قالايمىقان ۋاقىرايدىغان  بولۇپ قالغان.

9.  بىگۇناھ ئاياللار «جىنايىتىڭنى ئىقرار قىل» دەپ قاتتىق ئۇرۇپ خورلانغان. تىرناقلىرىغا  يىڭنە تىقىش، تۆمۈر ئورۇندۇققا كېچە كېچىلەپ باغلاپ قۇيۇش قاتارلىق ۋاستىلەر بىلەن قىينالغان.

10. بەزى ئاياللار ئوكۇل ئارقىلىق ئۇخلىتىپ قويۇلغان¡ يەنى ئوكۇل ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋىتىلگەن. بەزىلىرى ساراڭلار دوختۇرخانىسىغا يۆتكەلگەن.

11. ئومۇمەن لاگىردىكىلەرنىڭ پىسخىكىسى ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغان. ئۇلار ھاياتىدىن ئەمەس، لاگىردىن قۇتۇلۇپ چىقىپ كېتەلىشىدىنمۇ ئۈمىدىنى ئۈزگەن.

12. خىتاي دائىرىلىرى تۇتۇلغان قىز-ئاياللارنى ئىنسان ئەمەس، ھايۋانچىلىكمۇ كۆرمىگەن. تۇرىدىغان جايى، يەيدىغان نەرسىلىرىنى ھايۋانلارمۇ ئىلغىشى مۈمكىن.

13. گۈلباھارنىڭ قۇتۇلۇپ چىقىشىدا پەرزەنتلىرى ، ئۇرۇق-تۇققانلىرى ئاكتىپ رول ئوينىغان.  گۈلباھار قازاقىستان پۇقراسى  بولغانلىقى ئۈچۈن خىتاي دائىرىلىرى قويۇپ بىرىشكە مەجبۇر بولغان.

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ھىندونوزىيە پارلامىنت ئەزالىرى ھۈكۈمەتتىن خىتايغا بېسىم قىلىشنى تەلەپ قىلدى!

شە دېكابىر 15 , 2018
ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى ۋە ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ 13-دېكابىر خەۋىرىدە ھىندونوزىيە پارلامىنت ئەزالىرى ئۆز ھۈكۈمىتىدىن خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىقىنى توختۇتۇشقا بېسىم قىلىشى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۈستىدىن باستۇرۇش، ئىرقى قىرغىنىچىلق قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ۋەھىمىلىك سىياسەتلىرىنى توختىتىشتا ۋە تۈرمە -لاگىرلارغا سۇلانغان مىليۇنلارچە مۇسۇلمانلارنىڭ قۇتۇلىشىدا ئىستىراتىگىيىلىك رول ئويناشنى تەلەپ قىلغان.

You May Like