ئىيۇل قىرغىنچىلىقىنىڭ 10 يىللىقى نىيۇيورك دەۋر مەيدانىدا خاتىرىلەندى.

‎-2019يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى، خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ يېقىنقى 30 يىل ئىچىدە ۋەتەن ئىلىپ بارغان ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن بىرى بولغان 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 10 يىللىق خاتىرە كۈنىدۇر.

تەييارلىغۇچى: ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-07-11

 

‎-2019يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى، خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ يېقىنقى 30 يىل ئىچىدە ۋەتەن ئىلىپ بارغان ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن بىرى بولغان 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 10 يىللىق خاتىرە كۈنىدۇر. 10 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە، خىتاينىڭ شاۋگۈەن شەھىرىدىكى ئويۇنچۇق زاۋۇتىدا خىتاي ئىشچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر ئىشچىلار ئۈچۈن ئادالەت تەلەپ قىلش ئۈچۈن، ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزگەن ئوقۇغۇچىلار نامايىش قانلىق باستۇرۇلغان ۋە نۇرغۇنلىغان ياشلار تۇتقۇن قىلىنغان ئىدى. 10 يىلدىن كېيىنكى بۈگۈنكى كۈندە، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا  5 – ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەتىنىمىزدە ئىلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىققا قارشى نامايىشلار ۋە ھەر خىل قارشىلىق پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلدى.

 

بۇ كۈندە ئامېرىكانىڭ نىيويورك شەھىرىدىكى دۇنياغا مەشھۇر دەۋر مەيدانى (Time Square) دا 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 10 يىللىقى ۋە جازا لاگىرىنى ئاساسى مەزمۇن قىلغان رەسىم كۆرگەزمىسى ۋە تەشۋىقات ۋارىقى تارقىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

 

بۇ پائالىيەتنى، ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى بىلەن ئۇيغۇر ھەرىكىتى (Champaign for Uyghurs ) بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، پائالىيەتكە ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرىدىن باشقا، نىيويورك ۋە پېنسىلۋانىيە شىتاتىدا ياشايدىغان بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋە تۈرك بولۇپ 20 گە يېقىن ئادەم قاتناشتى. پائالىيەت چۈشتىن كىيىن سائەت 3:30 بىلەن (يەنى ئەسلى پىلان قىلغان ۋاقىتتىن يېرىم سائەت بۇرۇن) باشلانغان بولۇپ، كەچ سائەت 6:00 بىلەن ئاخىرلاشتى.

 

پائالىيەت جەريانىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى جازا لاگىرىنى ئاساسى مەزمۇن قىلىنغان بىر قىسىم رەسىملەر كۆرگەزمە قىلىنغاندىن باشقا، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن نىيويورك شەھىرىگە ساياھەتكە كەلگەن ساياھەتچىلەرگە ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ئاڭلىتىلدى ۋە نەچچە يۈز پارچە تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقىتىلدى. بۇ قېتىمقى پائالىيەت، ھازىرغا قەدەر نىيويورك شەھىرىدىكى دەۋر مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ تۇنجى قېتىملىقى بولۇپ، ئۇ شەرقىي تۈركىستان داۋاسىنى ھەر خىللاشتۇرۇشتا ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ئۆزگىچە بىر پائالىيەت بولدى.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

خىتاي باياناتچىسى لاگىر مەسىلىسىنى يەنە ئاقلىدى

جۈ ئىيۇل 12 , 2019
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى 20 نەچچە ئەزا دۆلەت خىتتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندا كىشىلىك ھوقۇقنى دەپسەندە قىلغانلىقىنى ئەيىپلىگەن ئىدى.

You May Like