ئىستانبۇل «برونىي ئۇنىۋېرسىتېتى»دا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

ئىستانبۇل «برونىي ئۇنىۋېرسىتېتى»دا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى

 ئىستانبۇل «برونىي ئۇنىۋېرسىتېتى»دا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تونۇشتۇرۇلدى 

ئامىنە سەدەف

2022-يىلى29-دېكابىر

12-ئاينىڭ 28- كۈنى ئىستانبۇل برونىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەدەنىيەت تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ پائالىيەتكە مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ ناھايىتى ياخشى تەييارلىقلار بىلەن قاتنىشىپ، ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېمەك -ئىچمەك ۋە كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىنى تونۇتۇش بىلەن بىرگە نۆۋەتتە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بېشىغا كەلگەن ئېغىر زۇلۇملارنى ئاڭلاتتى.  بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىرونىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى،  دوختۇر رازىيە قەشقەرىي خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. رازىيە قەشقەرىي خانىم بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە رولى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:« بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە بىز ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئۆزىمىزنى ھەر جەھەتتىن نامايان قىلدۇق. رەڭگارەڭ يېمەك -ئىچمەك مەدەنىيىتىمىز ۋە خاس مىللىيچە كىيىملىرىمىز مەكتەپ رەھبەرلىرىنىڭ ۋە مەكتەپتىكى ھەر قايسى دۆلەتتىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بۇ جەرياندا بىز ئۆزىمىزنى تونۇشتۇرۇش ۋە نۆۋەتتىكى ئەھۋالىمىز ھەققىدە كۆپچىلىكنى تۇلۇق خەۋەردار قىلدۇق . مەكتەپ رەھبەرلىكى ۋە بۇ پائالىيەتكە قاتناشقان باشقىلار بۇنىڭدىن كىيىن بىزگە ھەر جەھەتتىن كۆڭۈل بولىدىغانلىقى،  خىتايغا قارشى مېدىيا ئۇرۇشلىرىدا ئۇيغۇرلار تەرەپتە تۇرۇپ،  قۇلىدىن كەلگىنىچە ئۇيغۇر داۋاسىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى . بىز بۇنىڭدىن ھەرقايسى مەكتەپلەردە بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدۇق 
چۈنكى بىز ئوقۇغۇچىلار پەقەت ئۇقۇش ئۈچۈن ۋەتەندىن ئايرىلغانلىقىمىز ۋە بۇ سەۋەبتىن ئائىلىمىزنىڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىشى ۋە بىزنىڭ ئىلىم ئېلىش يولىدىكى مۇشۇ قەدەملىرىمىزنىڭمۇ خىتاينىڭ نەزىرىدە جىنايەت بولىدىغانلىقى ئاڭلىغۇچىلاردا خىتايغا نىسبەتەن  يېڭى چۈشەنچە ۋە پىكىرلەرنى ئويغىتالايدىكەن». 

ئالدىنقى ھەپتە يەنى 22-دېكابىردىن 24- دېكابىرغىچە بىرونىي ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئەدەبىيات ۋە شېئىر كۇلۇبىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا ، ئۇنىۋېرسىتېت خەلقئارا ئوقۇغۇچىلار ئىشخانىسىنىڭ قوللاپ  قۇۋۋەتلىشىدە «ئائىلەم قەيەردە؟» ناملىق رەسىم كۆرگەزمىسى ئېچىلغان ئىدى. پائالىيەت ئەسلىدە بىر كۈن ئېچىلىشىنى پىلانلانغان بولسىمۇ لېكىن پائالىيەتتە كۆرگەزمە قىلىنغان ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە مەدەنىيىتىگە ئائىت رەسىملەر قاتناشقۇچىلارنىڭ قىزىقىشى ۋە دىققىتىنى  بەكرەك تارتقانلىقى ئۈچۈن، مەكتەپ رەھبەرلىرى تەرىپىدىن 2 كۈنگە ئۇزارتىشقا رۇخسەت بېرىلگەن. بۇ قېتىمقى رەسىم كۆرگەزمىسىدىمۇ رازىيە قەشقەرىي خانىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار  كۆرگەزمە قاتناشقۇچىلىرىغا ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىغان.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

2022-يىلى ئۇيغۇرلارغا ئائىت ئون بىر خەۋەر ۋە ۋەقە-ھادىسلەر

شە دېكابىر 31 , 2022
مۇھىم خەۋەرلەرنى تاللاش ئۆلچىمىمىز مەزكۇر خەۋەر ئاستىدا بىرىلدى: تەييارلىغۇچى: ئادىلجان،ئايگۇزەل،ئەنۋەرجان. تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

You May Like