ئىستانبۇلدىكى ئىككى ئورۇندا چوڭ كۆلەمدە ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

ئىستانبۇلدىكى ئىككى ئورۇندا چوڭ كۆلەمدە ئىككى جۇمھۇرىيەت كۈنىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 15- نويابىر

ئامىنە سەدەف

11_ ئاينىڭ 12_كۈنى ۋەتىنىمىز تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس بىر كۈندۇر. 1933- يىلدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى ۋە  1944-يىلدا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مۇشۇ كۈندە ئېلان قىلىنغان.

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار ھەر يىلدىكىگە ئوخشاشلا بۇ يىلمۇ بۇ مۇبارەك كۈننى ھەرخىل‌ ئۇسۇلدا تەبرىكلىدى.‌ «شەرقىي تۈركىستانلىقلار  فېدېراتسىيەسى» تەرىپىدىن سېلىم پاشادىكى «ئوقۇ ئۇيغۇر مەكتىپى» دە ئېلىپ بېرىلغان چوڭ كۆلەمدىكى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى -ئوقۇغۇچىلار،  شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە ھەرقايسى ئاممىۋى – تەشكىلات مەسئۇللىرى، دىنى ئۇستازلاردىن بولۇپ 500 دىن كۆپ كىشى قاتناشتى. پائالىيەت بايراق چىقىرىش مۇراسىمى بىلەن باشلاندى. ئارقىدىن فېدېراتسىيە باشلىقى مەخمۇت داموللا ، مىللىي مەجلىسى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ۋە ھەرقايسى چوڭلار ئىككى جۇمھۇرىيەت ۋە جۇمھۇرىيەت قۇرغۇچىلىرى شۇنداقلا بۇنىڭدىن كېيىنكى قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ئىشلار ھەققىدە ئايرىم -ئايرىم سۆز قىلدى. پائالىيەتتە يەنە « ئوقۇ ئۇيغۇر مەكتىپى» دىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەتەننىڭ مۇستەقىللىقىغا بولغان تەلپۈنۈشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، تارىختىكى قۇرۇلغان ئىككى جۇمھۇرىيەت ۋە جۇمھۇرىيەت قۇرغۇچىلىرىنى ئەسلەش ئاساسىي تېما قىلىنغان نومۇرلارنى ئورۇندىدى.

 

 

ئوخشاش بىر كۈندە يەنە زەيتۇن بۇرنۇ ئاق دېڭىز سالونىدا «شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ھەمكارلىق جەمئىيىتى» تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان« ئىككى جۇمھۇرىيەتنى تەبرىكلەش، شېھىتلارنى ئەسلەش» كېچىلىكى ئۆتكۈزۈلدى .‌ كېچىلىككە ئىستانبۇلنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشايدىغان ئۇيغۇرلار، تەشكىلاتلار‌ رەئىسلىرى، بىر قىسىم تۈرك پارتىيە ۋەكىللىرى ۋە تۈرك تەشكىلات رەھبەرلىرى قاتناشتى.

 



پائالىيەت ئىستىقلال‌ مارشى بىلەن باشلاندى . شېھىتلارنىڭ روھىغا قۇرئان ئۇقۇلدى. ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ تارىخىنى  تونۇشتۇرۇپ ئىشلەنگەن قىسقا تۈركچە فىلىم، «تاڭ نۇرى ئانا تىل مەكتىپى» ۋە «ھېرا ئانا تىل مەكتىپى» ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئورۇنلىشىدىكى ھەر تۈرلۈك ۋەتەنپەرۋەرلىك تېمىسى مەزمۇن قىلىنغان سەنئەت نومۇرلىرى پائالىيەت قاتناشقۇچىلىرىنى ھاياجانغا سالدى. پائالىيەتتە يەنە سائادەت پارتىيەسى رەئىسى تەمەل كارامانلى ئوغلى،  يېڭىدىن رەفاھ پارتىيەسى رەئىسى دوكتور  فاتىھ ئەر باكاننىڭ تەبرىك خېتى ئۇقۇپ‌ ئۆتۈلدى. زەيتۇن بۇرنۇ رايونىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمائىل چەلەبى ئەپەندى، سىياسىي پارتىيە ۋەكىللىرىدىن  ئى‌ پارتىيە تۈرك دۇنياسى مەسئۇل مەسلىھەتچىسى نۇرجاھان خانىم، كېلەچەك پارتىيەسى ئىستانبۇل باشلىقى ياردەمچىسى، ھۈدا پارتىيەسى ئىستانبۇل باشلىق ياردەمچىسى شارافەتتىن گۈلەر ئەپەندى، يەسەۋىي ئالپەرەن ئوجاك باشلىقى كۇرشات مىجان ئەپەندى، دۇنيا تۈركمەنلىرىنىڭ يارقىن ئاۋازى، ژۇرنالىست، يازغۇچى گۈنگۈر ياۋۇز ئارسلان، ئادالەت ۋە كالكىنما پارتىيەسى مىللەت ۋەكىلى ، يېڭى يۈز يىل ئۈنۋىرستى مۇدىرى، پروفېسسور دوكتور جەلال ئەرباي ئەپەندى قاتارلىقلار ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئەھمىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى، كەلگۈسىدە يېڭى جۇمھۇرىيەت قۇرۇپ‌ چىقىشقا بولغان تىلەكلىرىنى بىلدۈرۈپ ئايرىم -ئايرىم سۆز قىلدى. پائالىيەتتە يەنە تۈرك خەلق ناخشىچىسى، مۇزىكانت بۈنيامىن ئاق سۈنگۈر ئەپەندى ئۆزىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا بارغاندىكى تەسىراتىنى سۆزلەپ ئۆتتى ۋە ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىدىن بىر قانچىنى ئورۇنلاپ بەردى. 3 سائەتكە يېقىن داۋام قىلغان پائالىيەت ناھايىتى قىزغىن ۋە جانلىق ئېلىپ بېرىلدى. 

 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

بايدىن- شى جىنپىڭ ئۇچرىشىدا نېمىلەر مۇزاكىرە قىلىنىشى مۇمكىن؟

دۈ نويابىر 15 , 2021
بايدىن- شى جىنپىڭ ئۇچرىشىدا نېمىلەر مۇزاكىرە قىلىنىشى مۇمكىن؟،بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ نەتىجىسى قانداق بولىدۇ؟ بايدىن خىتايغا باش ئېگەمدۇ يوق؟ بۇنىڭ جاۋابى پات يېقىندا دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئاشكارىلىنىش ئالدىدا

You May Like