ئىراندا يۈز بەرگەن نارازىلىق نامايىش توقۇنۇشقا ئۆزگىرىپ 11 كىشى قازا قىلغان

ئىراندا يۈز بەرگەن نارازىلىق نامايىش توقۇنۇشقا ئۆزگىرىپ 11 كىشى قازا قىلغان

ئىراندا يۈز بەرگەن نارازىلىق نامايىش توقۇنۇشقا ئۆزگىرىپ 11 كىشى قازا قىلغان

 

 иранда йүз бәргән наразилиқ намайиш тоқунушқа өзгирип 11 киши қаза қилған

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2022-يىلى 22-سېنتەبىر

ئىران دائىرىلىرىنىڭ 22-سېنتەبىر ئېلان قىلغان باياناتىغا ئاساسلانغاندا ئالتە كۈندىن بۇيان بۇ دۆلەتتە داۋاملىشىۋاتقان نامايىش جەريانىدا 11 ئادەم قازا قىلغان. ئىجتىمائىي تور ۋاسىتىلىرىدە دېيىلىشىچە، ئىران ھۆكۈمەت دائىرىلىرى نامايىشنى باستۇرۇش ئۈچۈن بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى ئىشقا سالغان. ئەمما ھۆكۈمەت تەرەپ بۇنى ئىنكار قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، 13-سېنتەبىر ماشا ئامىنى (Mahsa Amini) ئىسىملىك 22 ياشلىق بىر قىز تېھراندا ئىران ئەخلاق ساقچىلىرى تەرىپىدىن «نامۇۋاپىق كىيىنگەنلىك جىنايىتى» بىلەن قولغا ئېلىنغان. ئۈچ كۈندىن كېيىن، يەنى 16-سېنتەبىر ماشا ئامىنى دوختۇرخانىدا جان ئۈزگەن (بېشىغا ئوق تەگكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە). ئۇنىڭ ئۆلگەنلىك خەۋىرى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئىجتىمائىي تور تاراتقۇلىرىدا غۇلغۇلا قوزغاپ كېيىنچە پۈتكۈل ئىران مىقياسىدىكى 15 شەھەردە نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەبچى بولغان. نامايىش كېيىنچە توقۇنۇشقا ئۆزگىرىپ، ئىران دائىرىلىرى نامايىشنى باستۇرۇش ئۈچۈن ھەربىي بىخەتەرلىك قىسىملىرىنى ئىشقا سالغان.

ئىراندا يۈز بەرگەن مەزكۇر ۋەقە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئامېرىكا پرېزىدېنتى جو بايدىن چارشەنبە كۈنى ب د ت يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە ماشانى «ئىرانلىق قەھرىمان ئايال» دەپ تەرىپلىگەن.

 

 иранда йүз бәргән наразилиқ намайиш тоқунушқа өзгирип 11 киши қаза қилған

уйғур агентлиқи 2022-йили 22-сентәбир

иран даирилириниң 22-сентәбир елан қилған байанатиға асасланғанда алтә күндин буйан бу дөләттә давамлишиватқан намайиш җәрйанида 11 адәм қаза қилған. иҗтимаий тор васитилиридә дейилишичә, иран һөкүмәт даирилири намайишни бастуруш үчүн бихәтәрлик қисимлирини ишқа салған. әмма һөкүмәт тәрәп буни инкар қилған.

мәлум болушичә, 13-сентәбир маша амини (Mahsa Amini) исимлик 22 йашлиқ бир қиз теһранда иран әхлақ сақчилири тәрипидин «намувапиқ кийингәнлик җинайити» билән қолға елинған. үч күндин кейин, йәни 16-сентәбир маша амини дохтурханида җан үзгән (бешиға оқ тәгкәнлики илгири сүрүлмәктә). униң өлгәнлик хәвири қисқа вақит ичидә иҗтимаий тор таратқулирида ғулғула қозғап кейинчә пүткүл иран миқйасидики 15 шәһәрдә наразилиқ намайишлириниң келип чиқишиға сәвәбчи болған. намайиш кейинчә тоқунушқа өзгирип, иран даирилири намайишни бастуруш үчүн һәрбий бихәтәрлик қисимлирини ишқа салған.

иранда йүз бәргән мәзкур вәқә хәлқара җәмийәтниң күчлүк наразилиқини қозғиған. америка президенти җо байдин чаршәнбә күни б д т йиғинида қилған сөзидә машани «иранлиқ қәһриман айал» дәп тәриплигән.

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان «ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرۈش» سىياسىتى فىرانسىيە مەتبۇئاتىدا

پە سېنتەبىر 22 , 2022
خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان «ئاچ قويۇپ ئۆلتۈرۈش» سىياسىتى فىرانسىيە مەتبۇئاتىدا

You May Like