گېرمانىيە ئاۋازى: ئامېرىكا ھەرقايسى دۆلەتلەرنى بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ ئېلىپ كېتىشىنى توسۇشقا چاقىردى

9-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئامېرىكا پىرىزدېنتى تىرامپ، نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلىدىغان ھاۋا كىلىماتى يىغىنىغا قاتناشماستىن، دىنى ئەركىنلىك يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىمۇ ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى ۋە خىتاي بىلەن يۈزمۇيۈز تۇتىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گېرمانىيە ئاۋازى خىتايچە تورى

خىتايچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سايئوغلى

كوررېكتور: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-09-23

 

9-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئامېرىكا پىرىزدېنتى تىرامپ، نيۇيوركتا ئۆتكۈزۈلىدىغان ھاۋا كىلىماتى يىغىنىغا قاتناشماستىن، دىنى ئەركىنلىك يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا ئەمەلدارلىرىمۇ ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقى ۋە خىتاي بىلەن يۈزمۇيۈز تۇتىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

(گېرمانىيە ئاۋازى خىتايچە تورى) ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مايك پومپىيو 22-چېسلا، ھەرقايسى دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ تەلىپىگە بىنائەن ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرمەسلىككە چاقىردى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دېگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى:« خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى ھەرگىزمۇ تېررورىزم بىلەن مۇناسىۋىتى يوق، خىتاينىڭ بۇنداق قىلىشى پەقەت ئۆزىنىڭ دۆلىتىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئېتىقادى ۋە كۈلتۈرىنى يوق قىلىشتىن ئىبارەت مەقسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر. بىز بارلىق دۆلەتلەرنى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى قايتۇرۇپ بېرىش تەكلىپىنى رەت قىلىشقا چاقىرىمىز.»

پومپىيو سۆز قىلىشتىن ئىلگىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن بەش دۆلەتنىڭ تاشقى ئىشلار مېنىستىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن بولۇپ، بۇلار قازاقىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبىكىستاندىن ئىبارەت مۇسۇلمانلار كۆپ ساندىكى دۆلەتلەردۇر.

كىشىلىك ھوقۇق ھىمايىچىلىرى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئاللىقاچان بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەردىن بولغان كىشىلەرنىڭ خىتاي تەرىپىدىن «قايتا تەربىيىلەش» لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىنى بىلدۈردى. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قاماپ قويۇش ئورۇنلىرىنى «كەسپىي ماھارەت تەربىيىلەش مەركىزى» دەپ ئاتىغان بولۇپ، بۇنى ئاتالمىش ئىسلام رادىكاللىقىنى تۈگىتىش ئۈچۈن قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى 9-ئاينىڭ 11-كۈنى «ئۇيغۇرلار كىشىلىك ھوقۇق قانۇن لاھىيەسى» نى ماقۇللىغان بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئۈستىدە خىتايغا بېسىمنى ئاشۇرۇشىنى تەلەپ قىلغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ، 9-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا ئامېرىكىغا جاۋاپ قايتۇرۇپ، ئامېرىكىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى باھانە قىلىپ خىتاينىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلاشماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. ئۇ يەنە مۇنداق دېگەن:« بۇ قانۇن لاھىيەسى ئوبېيكتىپ رېئاللىققا ئەھمىيەت بەرمىگەن، شىنجاڭدىكى (ش ت) كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى ۋە خىتاينىڭ شىنجاڭنى (ش ت)باشقۇرۇش سىياسىتىگە قارا چاپلاش، ئاساسسىز ئەيىبلەش، قوپاللىق بىلەن خىتاينىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىش، پەقەت خىتاي خەلقىنىڭ تېخىمۇ قاتتىق غەزىپىنى قوزغايدۇ خالاس.»

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

تۈركىيە پرېزدېنتى ئەردوغان ئامېرىكىدىكى بىر پائالىيەتتە ئۇيغۇر ياشنىڭ قىيىن سۇئالىغا دۇچ كەلدى

دۈ سېنتەبىر 23 , 2019
نيۇ يوركتا ئۆتكۈزۈلىدىغان 74- نۆۋەتلىك ب د ت يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئامېرىكىغا كەلگەن تۈركىيە پرېزدېنتى رەجەپ تەييىپ ئەردوغان، 2019-يىلى 21-سېنتەبىر تۈركەن فوندىنىڭ (TURKEN Foundation USA) پائالىيىتىگە قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

You May Like