ئەي قىز، نېمە ئۈچۈن شۇنچە تىرىشسىز؟

ئەي قىز، نېمە ئۈچۈن شۇنچە تىرىشسىز؟

ئەي قىز نېچۈن تىرىشسىز؟ پەسىل ئالماشقاندا، ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان بىر قۇر كىيىمنى سېتىۋالغاندا، باھاسى بىلەن ھېسابلىشىپ ئولتۇرماسلىق ئۈچۈن! قانچىلىغان كىشىلەر سودا-ساراي ئايلانغاندا، كۆڭلىگە شۇنچىلىك ياقىدىغان كىيىمنى كۆرۈپ، سىناشتىن بۇرۇن ئالدى بىلەن باھاسىغا قارايدۇ؟ دەل مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا دەسلەپكى گۈزەل ئۈمىدلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا ئۈمىدسىزلىك ئىلىكىدە ۋاز كېچىش بىلەن ئاخىرلىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن بولسىمۇ، توختىماستىن تىرىشىشىڭىز كېرەك. ئەي قىز نېچۈن تىرىشسىز؟ ئاتا-ئانىڭىزغا پۇل خەجلەپ بېرىدىغان ۋاقىتتا تولا كوتۇلدىماسلىقىڭىز ئۈچۈن! پەرزەنت بولغۇچىغا نىسبەتەن، ھاياتلىقتىكى ئەڭ گۈزەل ئىش بولسا، ئاتا-ئانىسىغا: «مەن ئاللىبۇرۇنلا چوڭ بولدۇم، سىز تېخى ياشانمىدىڭىز، سىز مېنى كىچىكىمدىن باشلاپ باقتىڭىز، ئەمدى مەن سىزنى قېرىغۇچە باقاي، مېنىڭ كۆرسەتكەن ئەجرىڭىزگە جاۋاب قايتۇرغۇدەك ئىقتىدارىم بولدى، سىز ئەمدى خاتىرجەم تۇرمۇشنىڭ راھىتىنى كۆرسىڭىز بولىدۇ»، دېيەلەيدىغان بولسا كېرەك. ئاشۇ قەدىردانلىرىمىزنىڭ بىر قانچە يۈەننى دەپ، جاپا تارتىپ كۆكتات ساتىدىغان ئۇستام بىلەن باھا تالىشىپ، يەنە باشقىلارنىڭ قاش-قاپىقىغا قاراپ، بۇ ئالەم بىلەن خوشلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بولسىمۇ توختىماستىن تىرىشىشىڭىز كېرەك. ئەي قىز نېچۈن تىرىشسىز؟ كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۆز ئىقتىدارىڭىزغا تايىنىپ، ماشىنا، ئۆي سېتىۋېلىش ئۈچۈن! شۇنداقلا مۇھەببەتكە ياتلىق بولۇپ، مەيلى قارشى تەرەپ نامرات ياكى باي بولسۇن، ھەر ئىككىلىڭلارنىڭلا شۇ رېئاللىققا يۈزلىنىش ئۈچۈن يېتەرلىك جاسارەت بولۇشى ئۈچۈن! ئەي قىز نېچۈن تىرىشسىز؟ كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بېشىڭىزغا ئېغىر كۈن چۈشكەندە، ياكى ئەڭ يېقىن ئادەملىرىڭىز ئېغىر كۈنگە قالغاندا، «ئازىراق بولسىمۇ، مانى ئىشلىتىپ تۇرغىن» دېيەلىگۈدەك قابىلىيەتكە ئىگە بولۇش ئۈچۈن!  يەنە شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ئالدىدا چىراي سارغايتىپ قالماسلىقىڭىز ئۈچۈن! ئەڭ مۇھىمى، بارلىق تارتقان جاپا-مۇشەققەتلىرىڭىزگە يۈز كېلىش ئۈچۈن! ئەتراپىمىزدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەر «ماڭدۇق دەپلا ماڭىدىغان» ئەستىن چىقمىغۇدەك ساياھەت قىلىشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەگەر ياش ۋاقتىڭىزدا تىرىشمىسىڭىز، ئۇنداقتا، سىزدە قانداقمۇ «كۆككە سورىۋەتكۈدەك» سالاھىيەت بولسۇن! تۇرمۇشتا، مەن ئىككى خىل ئادەمگە ھەقىقەتەنمۇ قايىل. بىرى، ئېغىرلىقىنى كونترول قىلالايدىغان، يەنە بىرى، كەچلىكى ۋاقتىدا ئۇخلىيالايدىغان ئادەم. قارىماققا، بۇ ئىككى ئىشنى قىلىش تولىمۇ ئاددىيدەك كۆرۈنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بولسا، بۇلارنى قىلىش بەسى مۈشكۈل. ئەتراپىمىزدا قانچىلىغان كىشىلەر بىر تەرەپتىن «بالداق-بالداق گۆشلىرى»دىن ئاغرىنىپ، بىر تەرەپتىن يەنە ئېسىل تائاملارغا نىسبەتەن «ياق» دېيەلەيدۇ؟ يەنە قانچىلىغان كىشىلەر ئاخشىمى يۈز چاپلاق چاپلاپ، بالدۇر ئۇخلاشنى ئويلسىمۇ، بىراق يەنە توختىماستىن دوستلار چەمبىرىكى، مىكرو بىلوگنى «چۆرگىلەپ» يېرىم كېچىگە ئۇخلىمايدۇ؟ ئەڭ ياخشى ياشلىق مىنۇتلاردا، بەدەن شەكلىڭىزنىڭ ئۆزگىرىپ كېتىشى، چىرايىڭىزغا بالدۇرلا قورۇق چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ھەممىسى ھاياتىڭىزنى تولىمۇ ئەرزانلاشتۇرۋەتكەنلىكىڭىزنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئەي قىز نېچۈن تىرىشسىز؟ چۈنكى ھېچبىر كىشى سىزگە بىر ئۆمۈر ياردەم قىلالمايدۇ. ھەربىر ئادەم ھاياتىڭىزنىڭ ئۆتكۈنچى مېھمىنى خالاس. ئۆرۈلمەيدىغان تاغ يوق، قېچىپ كەتمەيدىغان ئادەم. پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىڭىز قولغا كەلتۈرگەنلا بولسا، ئاندىن ھەقىقىي خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلەلەيدۇ. توختىماستىن تىرىشقاندىلا، ئاندىن كۆڭۈلدىكىدەك تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيسىز.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ياتلىق بولۇشقا قەتئىي ئەرزىمەيدىغان ئالتە خىل ئەر

پە ئاپرېل 26 , 2018
ياتلىق بولۇشقا قەتئىي ئەرزىمەيدىغان ئالتە خىل ئەر

You May Like