ياتلىق بولۇشقا قەتئىي ئەرزىمەيدىغان ئالتە خىل ئەر

ياتلىق بولۇشقا قەتئىي ئەرزىمەيدىغان ئالتە خىل ئەر

1. ھەمىشە سىزنى ئەڭ ئاخىرىغا قويۇپ قويسا: سىز ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتكەن چېغىڭىزدا ئۇ بەلكىم سىلەرنىڭ مۇناسىۋىتىڭلار سەۋەبلىك، سىزنى توغرا چۈشىنىشى كېرەك دەپ قاراپ، ئويۇن ئويناش، كۆڭۈل ئېچىش، تاماق يېيىش قاتارلىق ئىشلاردا ھەمىشە باشقىلارنىلا ئويلاپ، ئەڭ ئاخىرىدا سىزنى ئويلىسا. سىز بەزىدە ۋاقىتىڭىز چىقىپ ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقاندا، ئۇ ھەمىشە ئۆزىنىڭلا گېپىنى قىلىپ، ئەزەلدىن سىزنىڭ ھېسسىياتىڭىز بىلەن ھېسابلاشمىسا، ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئۆتسىڭىز، ئۆزىڭىزنى خۇددى ئارتۇقچە ئادەمدەك ھېس قىلسىڭىز، ئۇنىڭ سىزنىڭ ئوي-پىكىرىڭىزنى ئاڭلاشقا ۋاقتى چىقمىسا… 2. جىم-جىملا يوقاپ كەتسە: سىلەر ھەر قېتىم زىددىيەتلىشىپ قالغاندا، ئۇ تاۋى نازۇكلۇق قىلىپ، سىز بىر ئېغىز گەپ قىلىپ قويسىڭىز، ئۇ بىر ھەپتە ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق قېيىداپ گەپ قىلماي يوقاپ كەتسە، ئاندىن سىز ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىپ، ھېچقانداق يەردىن تاپالمىسىڭىز، ئۇ ھەمىشە بۇنداق ۋاقىتلاردا سىزنى ئالدى بىلەن ئۆزىنى ئىزدىشى كېرەك دەپ قارىسا، مىجەزى خۇددى كىچىك بالىدەك بولسا… 3. كونترول قىلىش ئىستىكى بەكلا كۈچلۈك بولسا: سىز نېمىلا ئىش قىلسىڭىز، چوقۇم ئۇنىڭ كونتروللۇقىدا بولۇشى، چوقۇم ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە بولۇشى كېرەك. ئەگەر ئىشلار سەللا ئۇنىڭ دىتىغا ياقمىسا، ئۇنداقتا، ئىشنى يامان تەرەپكە ئويلاپ، ھەمىشە قائىدە سۆزلەش بىلەن ئۆزىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلىماقچى بولسا. 4. بارلىق ئاماللار بىلەن سىزنى چۈشۈرۈشنى ئويلىسا: ئۇنىڭ نەزىرىدە سىزنىڭ قولىڭىزدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، ھېچكىممۇ سىزنى ياخشى كۆرمەيدۇ. بۇ ئەمەلىيەتتە سىزگە نىسبەتەن باشقىچە كونتروللۇقنىڭ ئىپادىسى. ئۇ سىزدە ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر خىل ئىدىيەنى يەتكۈزىدۇ. ئۇنىڭ نەزىرىدە، سىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆتۈشىڭىز خۇددى «پىراكتىكانت ئەر-خوتۇن» تۇرمۇشىنى باشتىن كەچۈرۈش. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئۇنىڭ ئۆزىدىكى قورقۇنچتۇر. 5. ھەرقانداق ساھىبجامالغا قاش ئېتىشتىن يانمىسا: مۇھەببىتىنىڭ كىملىكىنى بىلمەي تۇرۇپ، مەيلى ئاغىنىسنىڭ دوستى بولسۇن ياكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ قىزى بولسۇن، ھەمىشە ئۇلارغا قېشىنى ئېتىپ، سۈيىنى چىقىرىپ يۈرۈشتىن يانمىغانلارنىڭ ھەممىسى شاللاقتۇر. 6. خانىم-قىزلارنى كەمسىتسە: ئاياللار تۇغۇلۇشىدىنلا ئۆي ئىشى قىلىشقا، ئەرگە ياردەملىشىپ، ئۆينىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا يارالغان، دەپ قارىسا. بۇنداق ئەرلەر ئاياللارنىڭ كەسپى بولۇشىغا يول قويىدۇ، بىراق ئالدىنقى شەرتى چوقۇم ئۆي ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى جاي-جايىدا قىلىشى كېرەك.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

نەق يۈرەككە بارىدىغان سۆزلەر

پە ئاپرېل 26 , 2018
نەق يۈرەككە بارىدىغان سۆزلەر

You May Like