ئەرلەر بىر كۈندىكى قايسى ۋاقىتتا ئەڭ گەپ ئاڭلايدۇ؟

بىر ئايال كىشى بەلكىم ھەر ۋاقىت ئۆزى ئارزۇ قىلغان نەرسىگە ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ چۈشتىن كېيىن سائەت 6:00دىن كېيىن ئۆز تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويسا، ئۇنداقتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. مەلۇم بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، ئەرلەرنىڭ چۈشتىن كېيىن سائەت 6:00دە ئاياللارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇش ئېھتىماللىقى چوڭ بولىدىكەن. ئەگەر ئاياللار ئەرلەرنىڭ خىزمىتى ئاخىرلاشقان ۋاقىتتا تەلەپ ئوتتۇرىغا قويسا، مەيلى ئۇ ئەخلەت تاشلاش ياكى سىرتقا چىقىپ رومانتىك سەيلە قىلىش بولسۇن بۇ تەلەپلەرنىڭ ھەممىسى قوبۇل قىلىنىدىكەن.

بىر ئايال كىشى بەلكىم ھەر ۋاقىت ئۆزى ئارزۇ قىلغان نەرسىگە ئېرىشەلمەسلىكى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ چۈشتىن كېيىن سائەت 6:00دىن كېيىن ئۆز تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويسا، ئۇنداقتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش ئېھتىماللىقى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. مەلۇم بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، ئەرلەرنىڭ چۈشتىن كېيىن سائەت 6:00دە ئاياللارنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇش ئېھتىماللىقى چوڭ بولىدىكەن. ئەگەر ئاياللار ئەرلەرنىڭ خىزمىتى ئاخىرلاشقان ۋاقىتتا تەلەپ ئوتتۇرىغا قويسا، مەيلى ئۇ ئەخلەت تاشلاش ياكى سىرتقا چىقىپ رومانتىك سەيلە قىلىش بولسۇن بۇ تەلەپلەرنىڭ ھەممىسى قوبۇل قىلىنىدىكەن. ئەمما ئايالىدىن قورقىدىغان ئەرلەر چۈشتىن كېيىن ئايالى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. چۈنكى مىڭدىن ئارتۇق ئەرلەر ۋە ئاياللار ئۈستىدە قىلىنغان تەكشۈرۈشتىن بايقىلىشىچە، چۈشتىن كېيىن سائەت 3:00 ئاياللارنىڭ جېدەلدە ئاسان غەلىبە قىلىدىغان مەزگىلى ھېسابلىنىدىكەن. ئاياللار ئەگەر ئىش ھەققى قوشۇپ بېرىشنى ياكى مائاشنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلماقچى بولسا، ئەڭ ياخشىسى خوجايىن ئەمدىلا ئىشقا كەلگەن ۋاقىتتا ئۇنى ئىزدىمەي، چۈشتىن كېيىن سائەت 1:00 ئەتراپىدا ئىزدىشى كېرەك. تەكشۈرۈشكە ئاساسلانغاندا، بۇ ۋاقىتتا دىرېكتورلار خىزمەتچىلەرنىڭ تەلىپىنى قوبۇل قىلىشنى خالايدىكەن. بۇ تەتقىقات دورىگەرلىك ساھەسىدىكى باشلامچى كارخانا، ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقى ئىشلەپچىقىرىدىغان بەيئېر دورىگەرلىك شىركىتىدە ئېلىپ بېرىلغان. ئەرلەرنىڭ روھىي ھالىتى بىر كۈن ئىچىدە ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ، شۇڭلاشقا ئاياللار خۇشاللىق ئىچىدە پەقەت ئاياللارنىڭلا كەيپىياتى ئۆزگىرىپ قالماستىن، ئەرلەرنىڭ مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى بايقايدۇ. تەكشۈرۈشكە قاتناشقان 1019 نەپەر ئەر ئايال ئىچىدە تەخمىنەن %86 كىشى ئۆز كەيپىياتىنىڭ دولقۇنسىمان ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقى، ئەمما بۇ خىل ئۆزگىرىشتىن پايدىلىنىدىغان كىشىلەرنىڭ يېرىمغا يەتمەيدىغانلىقى، بۇنىڭ ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسلىكىنى ئېيتقان. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئادەم بەدىنىنىڭ بىيولوگىيەلىك رېتىمى ۋە تەبىئىي قانۇنىيىتىنى كۆپرەك چۈشەنگەندە، بىز تېخىمۇ كۆپ ئېرىشمەكچى بولغان نەرسىلەرگە ئېرىشەلەيدىكەنمىز. كەيپىيات ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسى تەركىبىدىكى ھورمۇن، شۇنداقلا بىر قىسىم يېمەكلىك، ئىسپىرت قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىدە پەيدا بولغان ھورمۇننىڭ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. بىيولوگىيەلىك قانۇنىيەتنى تەتقىق قىلىشقا ئالاھىدە قىزىقىدىغان روھىي كېسەللىكلەرنى داۋالاش دوختۇرى Evi.Bentley بەيئېر دورىگەرلىك شىركىتىنىڭ تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە مۇنداق يازغان: «ھەر قانداق بىيولوگىيەلىك رېتىمىنىڭ دەۋرىيلىكى چوڭ مېڭە تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ، چوڭ مېڭە ئاجرىتىپ چىقارغان ھورمۇننىڭ تۈرى ۋە سانىنى كونترول قىلىپ، بەدەننىڭ فۇنكسىيەسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرىدۇ، ئادەم بەدىنىنىڭ جىسمانىي، ئەقلىي، ھېسسىيات جەھەتتىكى نۇرغۇنلىغان سېزىملىرى بىيولوگىيەلىك رېتىم تەرىپىدىن ئۆزگىرىدۇ، مەسىلەن، بەدىنىمىزدىكى ھورمۇن بىزنىڭ كەيپىياتىمىزغا تەسىر قىلىدۇ، ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان توغرا ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئۇسۇلىنى تاللاش ئىنتايىن مۇھىم، شۇندىلا بەدەن نورماللىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى، تەبىئىي قانۇنىيەت بىلەن ماسلاشقىلى بولىدۇ.»

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

ھەيز مىقدارى بارغانسېرى ئازلاپ كەتسە قانداق قىلىش كېرەك؟

پە ئاپرېل 26 , 2018
ھەيز مەزگىلى بەدەننىڭ زەھەر ھەيدەشكى ئەڭ ياخشى پەيتى بولۇپ، لېكىن نۇرغۇن كىشىلەر تەرىپىدىن سەل قارىلىپ كەلمەكتە. ھالبۇكى نۇرغۇن قىز-ئاياللارنىڭ ھەيز مەزگىلىدە ئازدۇر-كۆپتۇر مەسىلە كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن ھەيز مىقدارى ئاز بولۇش، رەڭگى قارامتۇل بولۇش، ھەيز ئاغرىتىپ كېلىش، ھەيز كېچىكىپ كېلىش ياكى بالدۇر كېلىش قاتارلىقلار، بۇلارنىڭ ھەممىسى ھەيزنىڭ نورمالسىزلىقى بولۇپ، يەنە دائىم كۆرۈلىدىغان ئاياللار كېسىلى ھېسابلىنىدۇ.

You May Like