ختاي بۇ ئۇيغۇر قېزىنى ختايغا ۋاكالىتەن دۇنيا ساياھەت خانقىزى مۇسابىقىسگە قاتناشتۇرىدۇ.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 28-دىكابىر

ختاي ئۆز دۆلىتىنىڭ ئوبرازى ۋە ئېقتسادى مەنپەئىتى ئۈچۈن ئۇيغۇرلاردىن پايدىلىنىدىغان بارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ كەلمەكتە.

12-ئاينىڭ 22-كۈنى 2024-يىللىق دۇنيا ساياھەت خانقىزى ختاي يىللىق چېمپىيونلۇق تالىشىش ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ختاينىڭ جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خېڭديەندە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئاتالمىش شنجاڭ مۇسابىقە رايونىدىن كەلگەن ماھىر تۇرسۇنئاي راخمان توردا ئالقىشقا ئېرىشىپ بېلەت تاشلاش ئارقىلىق Tسەھنىسىدە ماھارەت كۆرسىتىش، سەنئەت ماھارىتى كۆرسىتىش قاتارلىق ھالقىلاردا مۇنەۋۋەر ئىپادىلەش كۈچى، كەسپىي شەكىل، قائىدە ـ يوسۇن قاتارلىقلارغا تايىنىپ چېمپىيونلۇققا ئېرىشكەن.

ختاي ھۆكۈمىتىگە قاراشلىق خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشچە، تۇرسۇنئاي ختايغا ۋاكالىتەن دۇنياۋى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىكەن.

ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى قۇرغۇچىسى تاھىر ئىمىن ئەپەندى مۇنداق دىگەن: «ختاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقى داۋام قىلىۋاتقاندا، داۋاملىق بىر قسم شەخسلەرنى تاللاپ، نەمۇنە شەكلىدە دۇنياغا تەشۋىق قىلىشى ئۇنىڭ دائىملىق تەشۋىقات ئۇسۇلى بولۇپ، ختاينىڭ ئۆز ئاجىزلىقىنى يوشۇرۇش تىرىشچانلىقىنى نامايان قىلىدۇ.ئەمما بۇنىڭ يامان تەسرىمۇ بولىدۇ، ئۇيغۇرلار تاراتقۇلارنىڭ كۈچى ئارقىلىق ختاينى پاش قىلىشى لازىم.»

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ختاي ئىككى كانادا تەشكىلاتى ۋە 20 نەپەر شەخسكە جازا ئىلان قىلىنغان

شە دېكابىر 28 , 2024
ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى، 28-دېكابىر ختاي تاشقى ئ‍شلار منستىرلىكى كانادادا كىشلىك ھوقۇق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تېبەت ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا قارشى جازا ئىلان قىلغان. مەزكۇر جازا-ئېقتسادى مۈلۈكنى توڭلىتىش ۋە چىگرادىن كىرىشنى چەكلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.بۇ ئىككى تەشكىلات بولسا- «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھېمايە قىلىش قۇرۇلۇشى » ۋە «كانادا تېبەت كومېتىتى» قاتارلىق تەشكىلاتلار ئىكەن. «ئۇيغۇر ھەقلىرىنى […]
تاي ئىككى كانادا تەشكىلاتى ۋە 20 نەپەر شەخسكە جازا ئىلان قىلىنغان

You May Like