ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكىسىغا ئۆزىنى ئاتىغان ئەكرەم ھاشىموف ئەپەندىنىڭ روھى شاتلانسۇن

ئۆزبېكىستان دۆلەت كونسېرۋاتورىيەسىنىڭ دوتسېنتى، مىللىي مۇزىكا سەنئىتىنىڭ يېتۈك تەتقىقاتچىسى، سەنئەتشۇناسلىق ئىلمى دوكتورى، شاگىرتلارنىڭ ئۇستازى، ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ مەدەنىيەت ئەربابى، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بايراقدارى مەرھۇم ئەكرەم ھاشىموف ئەپەندىنىڭ 9-يانۋار 59 يېشىدا ۋاقىتسىز ۋاپات بولۇشىغا قايغۇرىمىز،

 دوكتور نەبىجان تۇرسۇن

ئۆزبېكىستان دۆلەت كونسېرۋاتورىيەسىنىڭ دوتسېنتى، مىللىي مۇزىكا سەنئىتىنىڭ يېتۈك تەتقىقاتچىسى، سەنئەتشۇناسلىق ئىلمى دوكتورى، شاگىرتلارنىڭ ئۇستازى، ئۆزبېكىستان ئۇيغۇرلىرىنىڭ  مەدەنىيەت ئەربابى، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بايراقدارى مەرھۇم ئەكرەم ھاشىموف ئەپەندىنىڭ  9-يانۋار 59 يېشىدا ۋاقىتسىز ۋاپات بولۇشىغا  قايغۇرىمىز، تەزىيەمىزنى بىلدۈرىمىز! ئەكرەم ھاشىموف 1963-يىلى 4-يانۋار كۈنى تۇغۇلغان ۋە تاشكەنتتىكى ر. م. گلېرىيا مۇزىكا مەكتىپىنى تاماملىغاندىن كېيىن تاشكەنت كونسېرۋاتورىيەسىگە كىرىپ ئوقۇپ ئۇنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان ھەم داۋاملىق  ئاسپىرانتۇرادا ئوقۇپ، مۇزىكا، يەنى سەنئەتشۇناسلىق ساھەسىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانىغا سازاۋەر بولغان ۋە مەزكۇر كونسېرۋاتورىيەدە كۆپ يىللار  دوتسېنتلىق ئۇنۋانىدا ئوقۇتۇش بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلگەنىدى.

كۆپلىگەن ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ ئاپتورى ۋە شاگىرتلارنىڭ ئۇستازى ئەكرەم ھاشىموف  ئۆزبېكىستان، قازاقىستان مەتبۇئاتلىرىدا ۋە فېيسىبوئوك، ئىنستگرام ۋە باشقا ئىجتىمائىي تورلاردىمۇ ئۆزبېكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەركىزىي ئاسىيا  ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر سەنئىتىنى تونۇشتۇرۇش يولىدا توختىماي ھەرىكەت قىلغانىدى. كۈندە دېگۈدەك تۈرلۈك تارىخىي سۈرەتلەرنى ۋە ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ دۇنيا ئۇيغۇر جامائىتىنى خەۋەرلەندۈرۈپ تۇراتتى. مەرھۇم بىلەن مەن ئىجتىمائىي ئالاقە تورى ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ ئۆزبېكىستان ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرغانىدىم ۋە ئۇ ئۆزىنىڭ قىممەتلىك ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلەپ تۇرغانىدى.

ئەكرەم ھاشىموف ئىككى ئەۋلاد  ئۇيغۇر 12 مۇقامى تەتقىقاتى، ئۇيغۇر مىللىي مۇزىكا نەزەرىيەسى تەتقىقاتى ساھەسىدە يېتىشىپ چىققان خەلقئارا سەۋىيەدىكى پەخرلىك مۇزىكا ئالىملىرىمىزنىڭ بىرىدۇر. ئەكرەم ھاشىموف ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدىن تۇنجى بولۇپ،  تاشكەنت كونسېرۋاتورىيەسىدە 12 مۇقام تەتقىقاتىدا  ئىلمىي دىسسېرتاتسىيە يېزىپ، دوكتورلۇق ۋە ئارقىدىن پروفېسسورلۇق ئۇنۋانىغا سازاۋەر بولغان ۋە كۆپ يىللار تاشكەنت رادىئوسى قارمىقىدىكى ئۇيغۇر ئانسامبىلىدا مۇزىكا ئىجادىيىتى، چېلىش بىلەنمۇ مەشغۇل بولۇپ خەلققە كەڭ تونۇلغان، كۆپ يىللار كونسېرۋاتورىيەدە يۈزلىگەن ئۆزبېك، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەت مۇزىكانتلىرىنى تەربىيەلىگەن مەرھۇم  پروفېسسور ئابدۇلەزىز  ھاشىموفنىڭ ئوغلى.  ئۇيغۇر ئېلىدىن 1960-يىللاردا تاشكەنتكە كۆچۈپ چىقىپ يەرلىشىپ شۇ جايدا ئوقۇپ  مۇزىكا ئالىمى  بولۇپ يېتىشكەن پروفېسسور ئابدۇلەزىز ھاشىموف ئەپەندىنىڭ « ئۇيغۇر 12 مۇقامى توغرىسىدا» ناملىق 1979-يىلى ئېلان قىلغان ئىلمىي ماقالىسىنى 1989-يىلى ئۈرۈمچىدە رۇس تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ « ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغانىدىم. ئەنە شۇ چاغدىن باشلاپ بۇ ئالىمنى تونۇغان ئىدىم.

 ئاتا-بالا بۇ مۇزىكا ئالىملىرىنىڭ  قەدىمكى كۈسەن، قەدىمكى قەشقەر، قەدىمكى تۇرپان مۇزىكىچىلىك  ئىزىنى بويلاپ، ئىسلامىيەت دەۋرىمىزدە ئەبۇناسىر فارابى يولى،16-ئەسىردە  ئابدۇرېشىتخان، ئاماننىساخان،  قىدىرخانلار،19-ئەسىردە، موللا مۆجىزى، 20-ئەسىردە تۇرداخۇن، روزى تەمبۇرلار  ئەنئەنە شەكلىدە داۋاملاشتۇرۇپ ئەۋلادلارغا مىراس قالدۇرغان ئىنسانىيەت مۇزىكا سەنئىتىدە كەمدىن-كەم يېگانە نامايەندە 12 مۇقام ۋە ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنى تەتقىق قىلىش، دۇنيا مەدەنىيەت ۋە سەنئەت ئەھلىگە تونۇشتۇرۇش جەھەتتە كۆرسەتكەن تۆھپىلىرىنى ئۇيغۇر خەلقى ھۆرمەت بىلەن تەقدىرلەيدۇ.

ئۇلۇغ ئاللاھتىن ئەكرەم ھاشىموفنىڭ ياتقان يېرىنىڭ جەننەتتىن بولۇشىنى تىلەيمەن! روھىغا دۇئا قىلىمەن!

UT-Uyghur Reporter 3

Next Post

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر ئانا تىل مائارىپى ھەققىدە مۇزاكىرە يىغىنى ئىستانبۇلدا باشلىدى

يە يانۋار 9 , 2022
دۇنيا ئۇيغۇر ھەمكارلىقىدا، 2022-يىلى قۇرۇلتىيى مائارىپ كومىتېتى بىلەن ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ئانا تىل كومىتېتىنىڭ 8- يانۋار شەنبە كۈنى ئىستانبۇلدىكى ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەخپى ئىشخانىسىدا ئۇيغۇر ئانا تىل ئوقۇتۇشى ۋە دەرسلىك كىتاب ھەققىدە مۇزاكىرە يىغىنى ئېچىلدى. بۇ يىغىنغا ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلاردىن پروفېسسور ئالىمجان ئىنايەت، دوتسېنت دىلنۇر قاسىموۋا، دوتسېنت راھىلە قەشقىرى ۋە دوكتور مەغپىرەت كامال قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ياش زىيالىيلار بولۇپ 15 كىشى قاتناشتى.

You May Like