دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتيېى ئامېرىكا ۋەكىللىرى سايلىمى ھەققىدە

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ (دۇق) 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 2021-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە چېخىيە پايتەختى پراگادا ئۆتكۈزىلىدۇ ۋە قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى دۇق تەركىۋىدىكى ۋە ياكى دۇق بىلەن ھەمكارلىشىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ئاۋازى بىلەن سايلاپ چىقىلىدۇ.

 

ئۇقتۇرۇش

 

ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان ھۆرمەتلىك شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار،

 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ (دۇق) 7-نۆۋەتلىك ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى 2021-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە چېخىيە پايتەختى پراگادا ئۆتكۈزىلىدۇ ۋە قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەردىكى دۇق تەركىۋىدىكى ۋە ياكى دۇق بىلەن ھەمكارلىشىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تەشكىلات ئەزالىرىنىڭ ئاۋازى بىلەن سايلاپ چىقىلىدۇ. 

 

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، ئامېرىكىدا دېموكراتىك ھالدا ۋەكىل سايلاشقا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئامېرىكىدا دۇق بىلەن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان تەشكىلاتلاردىن ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمىئ‍يىتى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى ۋە ئۇيغۇر ھەرىكىتىنىڭ ھەمكارلىشىشى ئاساسىدا ۋەكىل سايلاش كومىتېتى قۇرۇپ چىقىلدى. كومىتېت ئەزالىرى تۆۋەندىكى 7 كىشىدىن ئىبارەت: ئۆمەر قانات، ئەلفىدار ئىلتەبىر، رۇشەن ئابباس، سەمەت ئاۋۇت، دىلمۇرات سۇلايمان، مۇستافا ئاقسۇ ۋە مۇزەپپەر دولان. 

 

ۋەكىل سايلىمى 2021-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى يەنى يەكشەنبە كۈنى ھەم نەق مەيدان ھەم تور ئارقىلىق ئۆتكۈزىلىدۇ. دۇقنىڭ 7- نۆۋەتلىك ئومۇمىي قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل بولۇشنى خالايدىغان ۋە دۇق 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى تەييارلىق كومىتېتى تەرىپىدىن ۋەكىللىككە نامزات بولغۇچىلارغا قويۇلىدىغان شەرتلەرگە چۈشىدىغان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلار، ئۆزلىرىنى نامزات كۆرسەتسە بولىدۇ. ئامېرىكىدىن ئۆزلىرىنى دۇق 7- قۇرۇلتىيىغا نامزات كۆرسىتىدىغان قېرىنداشلاردىن نامزات بولۇش تەلەپنامىسىنى 8-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە  usawekilsaylam@protonmail.com ئېلخەت ئادرېسىغا يوللىشىنى سورايمىز. 

 

نامزات بولۇش شەرتلىرىنى بۇ ئۇلىنىشنى چېكىش ئارقىلىق كۆرگىلى بولىدۇ:

 

 https://www.uyghurcongress.org/uy/?p=44357

 

 

ھۆرمەت بىلەن: 

 

دۇق 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى

 

ئامېرىكا سايلام كومىتېتى

Uyghur Reporter

Next Post

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىك قۇرۇلتاي ۋەكىل نامزاتلىرى ھەققىدە باياناتى

سە ئاۋغۇست 3 , 2021
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىكى ۋەكىللەر قۇرۇلتىيىنى 2021-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە چېخىيەنىڭ پايتەختى پىراگادا ئۆتكۈزۈش قارار قىلىنغاندىن كىيىن، ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى، جامائەت ئەربابلىرى ۋە قۇرۇلتاينىڭ خىزمەتچى خادىملىرىدىن بولۇپ 40 تىن ئارتۇق كىشىدىن تەركىب تاپقان قۇرۇلتاي تەييارلىق كومىتېتى، 5 خىزمەت كومىسسىيونىغا بۆلۈنۈپ ئۆزىنىڭ خىزمەتلىرىنى رەسمىي يوسۇندا باشلىدى.

You May Like