دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە پارىژ شەھىرىدە بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنىدە پارىژ شەھىرىدە بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 10-دېكابىر

ئارمان

10-دېكابىر كۈنى پارىژ شەھىرىنىڭ باستىل مەيدانىدا فىرانسىيەدە ئاكتىپ پائالىيەت قىلىۋاتقان بىر قانچە تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقىدا بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلۈپ 73-نۆۋەتلىك «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» خاتىرىلەندى.

نامايىشقا «فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى»،  «تىبەت ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى»، «تىبەت سۈرگۈندە ھۆكۈمىتى»، شۇنداقلا فىرانسىيەدىكى موڭغۇل، خوڭكوڭ، ۋىيېتنام قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. بۇ قېتىملىق نامايىشنىڭ ئاساسلىق تېمىسى «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» دە خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغان شەرقىي تۈركىستان، تىبەت، جەنۇبىي موڭغۇلىيە ۋە خوڭكۇڭلاردا يۈز بېرىۋاتقان ئىنسان قېلىپىدىن چىققان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى دۇنياغا، جۈملىدىن فىرانسىيەگە ئاڭلىتىش ۋە كېلەر يېلى خىتايدا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان قىشلىق ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش توغرىسىدا بولدى.

نامايىشقا فىرانسىيە پارلامېنت ئەزاسى «جۇمھۇرىيەتچىلەر ئالغا» پارتىيەسىدىن كەلگەن ئاندىغې گاتولەڭ André Gattolin مۇ قاتنىشىپ سۆزگە چىققان بولۇپ، ئۇ سۆزىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى قاتتىق ئەيىبلىگەن، شۇنداقلا ماكرون ھۆكۈمىتىنى يۈز بېرىۋاتقان بۇ ۋەھشىيچىلىككە قارشى تېخىچە ئەمەلىي تەدبىر قوللانمىغانلىقىنى تەنقىدلىگەن. ئۇ يەنە ئامېرىكا باشلىغان ئولىمپىكنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش سېپىغا فىرانسىيەنىڭ قاتناشمىغانلىقىنى ئەيىبلەپ مۇنداق دېگەن:« ئامېرىكا باشلىغان ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلدىكى، يەنى پەقەتلا سىمۋول خاراكتېرىدىكى بېيجىڭ ئولىمپىكىنى دىپلوماتىك بايقۇت قىلىش ھەرىكىتىگە فىرانسىيە تېخىچە ئاۋاز قوشمىدى، بۇنى قىلىش بەكلا ئاددىي ئىش ئىدى، ماكرون ھۆكۈمىتى گەرچە يۈز بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئەمەلىي بىر تەدبىر قوللىنىپ ئۇنى توختات دېيەلمىگەن بولسىمۇ، مۇشۇ ئاددىي ئىشنى قىلالىشى كېرەك ئىدى، ئۇ تېخى بۇ مەسىلىنى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بىللە مۇزاكىرە قىلىمىز دەپتۇ، ئەجەبا لىتۋانىيە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەت ئەمەسمۇ؟! ئۇلار ئەجەب دىپلوماتىك بايقۇت قىلدىغۇ؟! بۇ فىرانسىيە ئۈچۈن بىر نومۇس!».

نامايىش جەريانىدا ھەرقايسى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى سۆزگە چىقىپ خىتايدىكى زۇلۇمنى ئاڭلاتتى شۇنداقلا فىرانسىيە ھۆكۈمىتىدىن بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىنى بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلدى، «فىرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» رەئىسى ئالىمجان ئۆمەر ئەپەندىمۇ سۆزگە چىقىپ فىرانسىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن كېلەر ئايدا فىرانسىيە پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلماقچى بولغان «ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى ئېتىراپ قىلىش» قارارنامىسىگە بېلەت تاشلىشىنى، شۇنداقلا فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭمۇ چوقۇم ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىشىنى، بېيجىڭ ئولىمپىكىنى قەتئىي تۈردە بايقۇت قىلىشىنى ئىلتىماس قىلدى. 

نامايىشقا يەنە  فىرانسىيەدىكى بىرقانچە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، بىر قىسىم ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ قاتناشتى. 

 

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

ختتاي ئىسلامنى ختتايلاشتۇرۇش سياسىتىنى كۈچەيتمەكتە

شە دېكابىر 11 , 2021
ختتاي كومپارتىيەسنىڭ ئاممىۋى تەشۋىقات ۋاستىلىرى ختتاي تاجاۋۇزچىلىرىنىڭ ئىسلام دىنىغا بولغان ھۇجۇملىرىنى ئاشكارا تەشۋىق قىلماقتا بولۇپ، تارقىتىلغان ۋىدىئولاردا كۆرستلىشچە، ختتاي كومپارتىيەسى ئىسلام دىنغا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىسلامنى ختتايلاشتۇرۇش قەدىمىنى تىزلىتىدىكەن.

You May Like