دۆلەتلىك ئوبزور:خىتايغا قانداق تۆلىتىمىز؟

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتايغا سېتىلدى ، ئەمما بىزنىڭمۇ سېتىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. نۆۋەتتىكى خەلقئارا جەمئىيەت يۈزلىنىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلىنىڭ بىرى قانداق قىلىپ خىتاينى ئۆزىنىڭ بارلىق كۆز بويامچىلىق قىلمىشلىرى ۋە دۇنيا خەلقىگە كەلتۈرگەن زىيانلىرىنىڭ قانۇنىي ۋە سىياسىي مەسئۇلىيەتلىرى ئۈستىدىن جاۋاپكارلىققا تارتىش مەسىلىسىدۇر.

National review ژۇرنىلى تورى

 

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 2020-يىلى 6.ئاپرىل

 

ئىنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇسالام ئۇيغۇر ۋولقانىي

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

 

2020-04-08

 

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى خىتايغا سېتىلدى ، ئەمما بىزنىڭمۇ سېتىلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق.  نۆۋەتتىكى خەلقئارا جەمئىيەت يۈزلىنىۋاتقان ئاساسلىق مەسىلىنىڭ بىرى قانداق قىلىپ خىتاينى  ئۆزىنىڭ بارلىق كۆز بويامچىلىق قىلمىشلىرى ۋە دۇنيا خەلقىگە كەلتۈرگەن زىيانلىرىنىڭ قانۇنىي ۋە سىياسىي مەسئۇلىيەتلىرى ئۈستىدىن جاۋاپكارلىققا تارتىش مەسىلىسىدۇر.

 

 

مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئامېرىكا ئاخبارات ئورگىنى خىتاينىڭ ۋىرۇستىن يۇقۇملانغانلار ۋە يۇقۇمدىن ئۆلگەنلەر سانىنى قەستەن ئاز مەلۇم قىلغانلىقىنى ئاق سارايغا دەلىللەپ كۆرسەتكەن . خىتاينىڭ بۇ ئالدامچىلىق قىلمىشى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئاقىۋىتى بىلەن ھېساپلاشماستىن پەرۋاسىزلارچە خەۋەر مەنبەلىرىنى باشتۇرۇشى ، دېكابر ۋە يانۋار ئېيىدىكى  كوۋىد 19 ۋىرۇسىنىڭ تېز سۈرئەتتە تارقىلىشى ۋە نۇرغۇن جانغا زامىن بولۇشىدىن كېيىنلا سادىر بولدى. خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋىرۇس تارقىلىشىنى ئەسكەرتىشكە ئۇرۇنغان دوختۇرنى جازالىدى، ئۇلار مەزكۇر ۋىرۇسنى پەرقلەندۈرۈش ۋە تەتقىقات سۈرئىتىنى قەستەن ئاستىلاتتى، ھەمدە مىڭلىغان ۋۇخەنلىكنىڭ رايوندىن ئايرىلىپ تەرەپ تەرەپكە تاراپ كېتىشىگە رۇخسەت قىلدى.

 

ئەگەر خىتاي دۆلىتى قانۇنغا بويسۇنىدىغان بىر شەخىس ، بىر شىركەت ، ياكى بىر دۆلەت بولسا چوقۇم ئۆزى كەلتۈرۈپ چىقارغان دۇنيا خارەكتېرلىك زىيانغا تۆلەم تۆلىشى كېرەك. پەقەت بىر ئامېرىكىلا 200 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ئۆلۈمى، نەچچە مىلياردلىق سەھىيە بۇيۇملىرى چىقىمى، نەچچە ترىليونلۇق ئىقتىسادىي پائالىيەت زىيىنى ، ھەم ھۆكۈمەتنىڭ يېڭى كۆپەيتىلگەن نەچچە ترىليونلۇق راسخوت چىقىمى قاتارلىق ئېغىر بەدەللەرگە دۇچار بولۇشى مۇمكىن. خىتاينىڭ رەزىل مەغلۇبىيىتى ئۇنى خەلقئارا قانۇن بويىچە قانۇنىي جاۋاپكار قىلدى ، ئەمما كوۋىد-19 كىرزىسى خەلقئارا ئورگانلىرىنىڭ ئۈنۈمسىز ۋە چىرىكلىكىدىن ئىبارەت بۇ كرىزىسنى ئاشكارىلىدى. شۇ ۋەجىدىن ، ئامېرىكا خەلقئارا قانۇنغا رىئايە قىلىشنىڭ ئورنىغا ، شەخسىي مېخانىزمىلىرىنى ئىشقا سېلىپ باشقا دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىشى كېرەك.

 

ئەسلى مەنبە: Nationalreview

 

https://www.nationalreview.com/2020/04/how-to-make-china-pay/

UT-Uyghur Reporter 13

Next Post

مىسىرلىق ئادۇۋكات خىتايدىن 10 تىرىلىيون دوللار تۆلەم تەلەپ قىلدى

چا ئاپرېل 8 , 2020
5- ئاپرىل، مىسىرنىڭ دۆلەت مەجلىسىدە ئىشلەيدىغان ئادۇۋكات مۇھەممەد تەلئەت ۋە خىزمەتدىشى ئەمرۇ بەييۇۋمى قاھىرەدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىغا خىتاي ۋىرۇسى سەۋەبلىك مىسىردا كۆرۈلگەن زىيانلارنىڭ تۆلىمى ئۈچۈن 10 تىرىلىيون دوللار تۆلەم تۆلەشنى تەلەپ قىلىپ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا تەلەپ سۇنغان

You May Like