تۈركچە «مۇستەققىللىق» ژۇرنىلىنىڭ 19-ئاۋغۇستتىكى ماقالىسىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى
تەرجىمىدە: ئىدىقۇت
ئۇيغۇر ئاگېتنلىقى 2021-يىلى 21-ئاۋغۇست
پېرىنچېك: تالىبان بىلەن ئالاقە ئورنىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيەدىكى خىتايپەرەسلىكى بىلەن تونۇلغان ۋەتەن پارتىيەسىنىڭ رەئىسى دوغۇ پېرىنچېك بىر قانچە كۈن بۇرۇن تالىباننىڭ كابۇلغا كىرىشى بىلەن ئۇلارغا يۇقىرى باھا بېرىپ قىلغان: «تالىبان مۇستاپا كامالنىڭ تۈركىيەدە قىلغىنىغا ئوخشاش، ئافغانىستاننىڭ ئازادلىق ئۇرۇشىدا غەلىبىگە ئېرىشتى» دېگەن سۆزىگە قارىتا كەلگەن رەددىيەلىك ئىنكاسلارغا جاۋاب بەردى.
خەۋەر تۈركتە سۆز قىلغان پېرىنچېك ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەت تەرەققياتنى باھالاپ مۇنداق دېدى: «تالىبانلار تامبال ئىشتان كىيىپ، ساقال قويۇشىدۇ دېگەندەك سۆزلەر بولۇندى، ئەمما ئۇلار ئايال دىكتورنى چىقىرىپ ئۇنىڭ ئالدىدا ئاخبارات ئېلان قىلدى. ئافغانىستاننىڭ تاللىشى ئامېرىكا ياكى تالىبان. تالىبان بەلكىم ئافغانىستانغا زامانىۋىلىق ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئەر ئايال باراۋەرلىكى ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنداقلا ئۇ يەرگە توقۇنۇشلارنىمۇ ئېلىپ كېلىدۇ.»
پېرىنچېك تۆۋەندىكى ئىپادىلەرنى قوللاندى: «تالىبان بىلەن بۇرۇن ئالاقىمىز بولمىدى، ئەمما بۇنىڭدىن كىيىن بولىدۇ،ھەتتا بولماسلىقى مۇمكىن ئەمەس. بىز ئامېرىكىنىڭ ۋە ياۋروپانىڭ كۆزى بىلەن ئافغان خەلقىگە نەزەر سېلىپ قاراپ باقايلى، ئۇلارنىڭ يازغان داستانلىرىغا قارىمايلى، ئامېرىكىنىڭ ئۇلارغا بۇلغان نەپرىتى، يەرلىكلەرنى تۆۋەن كۆرۈشلىرىدىن ئۇلارغا ئېلىپ كەلگەن ئازابلىرى، ھۆرمەتسىزلىكلىرى ۋە ھاقارەتلىرىگە نەزەر سالايلى. بىز بىر مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنى بېشىدىن كەچۈرگەن ئاتا تۈرك دۆلىتىنىڭ خەلقى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئۇلارغا نەزەر سالماستىن بەلكى، چۆكۈشكە باشلىغان غەرب مەدەنىيەتنىڭ ئاسىيالىقلارغا بولغان پوزىتسىيەسى بويىچە نەزەر سېلىۋاتىمىز. تالىبانلار تامبال ئىشتان كىيىپ، ساقال قويۇشىدۇ دېگەندەك سۆزلەر بولۇندى، ئەمما ئۇلار ئايال دىكتورنى چىقىرىپ ئۇنىڭ ئالدىدا ئاخبارات ئېلان قىلدى. ئافغانىستاننىڭ تاللىشى ئامېرىكا ياكى تالىبان. تالىبان بەلكىم ئافغانىستانغا زامانىۋىلىق ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش، ئەر ئايال باراۋەرلىكى ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنداقلا ئۇ يەرگە توقۇنۇشلارنىمۇ ئېلىپ كېلىدۇ.»
«ئاسىيا خەلقىنى خەلقىنى تۆۋەن كۆرۈشتىن ۋاز كېچىڭلار» دېگەن پېرىنچېك سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى: «ئۇلار (ئامېرىكىلىقلار كۆزدە تۇتۇلغان) ۋىيېتنام ئۇرۇشى ۋە ۋىيېتنام كوممۇنىستلىرى ھەققىدە مۇنداق ئىبارىلەرنى قوللانغان: مايمۇنغا ئوخشايدىغان بىر تۈركۈم ئادەملەر ئورمانلىقتا ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتىدۇ.»
«سىز ئافغانىستاننىڭ ئامېرىكىغا قۇل بولۇشىنى قوللامسىز؟» دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرغان پېرىنچېك يەنە: «ئاياللار ئافغانىستاندىكى ئامېرىكا جاھانگىرلىكىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئازادلىقنى قولغا كەلتۈرەمدۇ ياكى مۇستەقىل بۇلغان ئافغانىستاندا ئەر-ئايال باراۋەرلىكىنى قولغا كەلتۈرەمدۇ؟…تۈركىيە ھۆكۈمىتى ناھايىتى چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزۈۋاتىدۇ» دېدى.
ئافغانىستاننىڭ يەر ئاستى بايلىقلىرىنى تارتىۋېلىشنى مەقسەت قىلغان، شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى جان تومۇرى بولغان بىر بەلۋاغ -بىر يول قۇرۇلۇشىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ئافغانىستاندا خىتايغا قارشى ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنى چەكلەشنى مەقسەت قىلغان خىتاي مۇستەملىكىچىلىرىنىڭ تالىبانلارغا يېقىنچىلىق قىلىپ دىپلوماتىك تەشۋىقاتلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقان قىلمىشلىرى بىلەن دوغۇ پېرىنچېكنىڭ تالىبانلار ھەققىدىكى ئارقا-ئارقىدىن بەرگەن ئىجابىي باھالىرىنىڭ ماس قەدەمدە مېڭىشى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.
مەنبە:
https://www.indyturk.com/node/401336/siyaset/do%C4%9Fu-perin%C3%A7ek-afganistan%E2%80%99-%C3%A7a%C4%9Fda%C5%9Fla%C5%9Fma-ve-kad%C4%B1n-erkek-e%C5%9Fitli%C4%9Fi-taliban%E2%80%99dan?fbclid=IwAR1v-7cv6LePgI1xV1ou6QPT4veLCtlZhJlDruO7FoX1hgS0q0yHn2-5288