دىلنۇر رەيھان:« فىمەنىستلارنىڭ ئۇيغۇر ئاياللارغا قاياش بولۇشىنى تېخىچە ساقلاۋاتىمەن»

فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق دىلنۇر رەيھان خانىم فىرانسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ گىزىتى «دۇنيا» گىزىتىدە ئىلان قىلىنغان :« فىمەنىستلارنىڭ ئۇيغۇر ئاياللارغا قاياش بولۇشىنى تېخىچە ساقلاۋاتىمەن» ناملىق ماقالە مەزكۇر گىزىتنىڭ باش بېتىدە ئىلان قىلىنغان بولۇپ، زور غۇلغۇلا قوزغىغان. «دۇنيا گىزىتى» فىرانسىيەدىكى ئوڭچىل- سولچىل تەرەپلەر بىردەك ئىتراپ قىلىدىغان دىلنۇر خانىم يازغان ماقالە ئالاھىدە تەسىر قوزغاپ، ھەتتا تىلىفۇنلارغا كىلىدىغان «دۇنيا» گىزىتى خەۋەرلىرىنىڭ باش تىزىملىكىگە تىزىلغان.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

تارىم

 

2020-7-24

 

فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق دىلنۇر رەيھان خانىم فىرانسىيەنىڭ ئەڭ چوڭ گىزىتى «دۇنيا» گىزىتىدە ئىلان قىلىنغان :« فىمەنىستلارنىڭ ئۇيغۇر ئاياللارغا قاياش بولۇشىنى تېخىچە ساقلاۋاتىمەن» ناملىق ماقالە مەزكۇر گىزىتنىڭ باش بېتىدە ئىلان قىلىنغان بولۇپ، زور غۇلغۇلا قوزغىغان. «دۇنيا گىزىتى»  فىرانسىيەدىكى ئوڭچىل- سولچىل تەرەپلەر بىردەك ئىتراپ قىلىدىغان دىلنۇر خانىم يازغان ماقالە ئالاھىدە تەسىر قوزغاپ، ھەتتا تىلىفۇنلارغا كىلىدىغان «دۇنيا» گىزىتى خەۋەرلىرىنىڭ باش تىزىملىكىگە تىزىلغان.

 

 دىلنۇر رەيھان بۇ ھەقتە:« ماقالەم ئىلان قىلىنغاندىن كىيىن، فىرانسىيەدە بۇ ھەقتە غۇلغۇلا بولۇپ كەتتى. ماقالەم فىرانسىيەدىكى تىۋىتىردا تۈنۈگۈن ئەڭ مودا تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپتڭ. تىۋىتىردا ۋە ئىنىستىگرامدا ئىنتايىن كۆپ ئىنكاسلار بولدى. فىرانسىيەدىكى خېلى داڭلىق ئايال ئەربابلارمۇ قوللاپ ئ‍ۇچۇر يوللاپتۇ. تۈنۈگۈندىن بىرى ماڭا ئاياللار ھوقۇقى ئورگانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ۋەكىللىرىدىن ئۇيغۇرلارنى قوللاشتا كېچىكىپ قالغانلىقتىن ئەپۇ سوراش ۋە كېچىكىشنى ئەمدى تولۇقلاش توغرۇلۇق ئۇچۇرلار توختىماي كېلىۋاتىدۇ. تۈنۈگۈن يەنە نۇرغۇن فىمەنىستلەر ئۇيغۇرلارنى قوللاپ تورلاردا چاقىرىق ۋە ۋىدىيولارنى يوللاشقا باشلىدى» دېدى.

 

دىلنۇر ماقالىسىدە : ئۇيغۇرلاردا « ئايال ئايالنىڭ قاياشى» دىگەن ماقال بارلىقى، ئۆزىنىڭ تاكى 2004- يىلىغا قەدەر بىۋاستە ھالدا خىتاينىڭ ئىرقىي، جىنسىي، ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي جەھەتتىن باستۇرۇشى، كەمسىتىشىگە ئۇچراپ كەلگەنلىكى، خىتاي مۇستەملىكە سىياسىتىدە ئۇيغۇرلار نېمە قىلغان ياكى قىلمىغانلىقىغا قارىماستىن، كىملىكىگە قاراپلا زۇلۇمغا ئۇچرايدىغانلىقىنى يازغان. بۇلارغا مىسالەن، ئاياللارنىڭ كىيگەن كىيىملىرى، چاچلىرىنىڭ ئۇزۇن-قىسقالىقىنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلچەم بەلگىلەپ قىسقارتىدىغانلىقى ۋە جازالايدىغانلىقى، ئاياللار بالىلىرىدىن مەجبۇرىي تارتىۋىلىنىپ، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك ۋە جىنسىي خورلۇققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى يازغان. ئۇ يەنە يىقىنقى 2016- يىلىدىن بۇيان يۈز بىرىۋاتقان لاگىرلار ۋە ئۇنىڭدىكى دەھشەتلىك خورلاش، دەپسەندە قىلىشلار توغرىسىدا توختۇلۇپ فىرانسىيەدەك دۇنياۋى چوڭ دۆلەت، ئەركىنلىك قوغدىغۇچى، ئاياللار ھوقۇقى بايراقدارى بىر دۆلەتنىڭ  چوقۇم ھەرىكەت قوللىنىپ، قارشى تۇرۇشى كىرەكلىكىنى يازغان.

 

دىلنۇر رەيھاننىڭ تونۇشتۇرۇلۇشى بىلەن يىزىلغان يەنە بىر پارچە خەۋەر سولچىلارنىڭ چوڭ گىزىتلىرىدىن «ئازاتلىق گىزىتى»دە ئىلان قىلىنغان بولۇپ، لاگىر شاھىتلىرىدىن بىر ئايالنى زىيارەت قىلىپ يىزىلغان. مەزكۇر خەۋەردە ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان تۇغۇت چەكلەش، مەجبۇرىي ئۈزۈك سالدۇرۇش،  جىنسىي خورلاشلار توغرىسىدا ناھايىتى تەسىرلىك ۋەقەلىكلەر تىرىك شاھىدنىڭ ئۆزىنى بىۋاستە زىيارەت قىلىپ تەييارلانغان. مەزكۇر خەۋەرمۇ زور تەسىر قوزغاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنىڭ ئەمەلىي پاكىتلىرىدىن بىرى بولۇپ قالغان.

 

ئاگىنتلىق نامىدىن دىلنۇر رەيھان خانىمغا تەشەككۈر ئىيتىمىز، سەمىمىي ھال سورايمىز ۋە ئۇ رەئىسلىكىدىكى ياۋروپا ئۇيغۇر ئىنىستىتۇتىنىڭ خىزمەتلىرى ئۇتۇقلۇق بولىشىغا تىلەكداشمىز!

 

دىلنۇر، ھارمىغايسىز!

 

 

 

خەۋەر مەنبەسى: https://www.lemonde.fr/idees/article/2020/07/23/dilnur-reyhan-j-attends-toujours-la-solidarite-des-feministes-envers-les-femmes-ouigoures_6047118_3232.html

UT-Uyghur Reporter 10

Next Post

Akit TV قانىلى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سەھنە ھازىرلىدى

دۈ ئىيۇل 27 , 2020
تۈركىيە تېلېۋىزىيە قاناللىردىن بىرى بولغان Akit TV قانىلى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن سەھنە ھازىرلىدى. پىشقەدەم ژورنالىست، مۇخبىر ، يازغۇچى خالىس ئۆزدەمىر رىياسەتچىلىك قىلىۋاتقان Akit TV نىڭ يەكشەنبە كەچ سائەت 9.00 دىكى نەق مەيدان سۆھبەت پروگراممىسى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تۈركىيەدە قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلتۈردى.

You May Like