د ئۇ ق دا گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيتى ئۆتكۈزلىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ مېينخۈندىكى مەركىزىدە 25ۋە 26-چىسلا ئىككى كۈنلۈك گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيتى ئۆتكۈزۈلدى.

پا

تەييارلىغۇچى: سايئوغلى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-05-26

 

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىينىڭ مېينخۈندىكى مەركىزىدە 25ۋە 26-چىسلا ئىككى كۈنلۈك گۇۋاھلىق بېرىش پائالىيتى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىئەت ئىككى كۈنگە بۈلۈنگەن بولۇپ تۈنۈگۈن 25-چىسلا مېينخۈننىڭ ئىچىدە ئولتۇرۋاتقان قېرىنداشلىرىمىز گۇۋاھلىق بەرگەن. بۈگۈن 26-چىسلا گېرمانىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىن كەلگەن قېرىنداشلار گۇۋاھلىق بەردى.

مۇخبىر ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلكنىڭ دۇبەي شەھرىگە جايلاشقان (الآن) Al An تىلىۋىزىيە قانىلنىڭ مۇخبىرى بولۇپ،گۇۋاھلىق بەرگەن قېرىنداشلاردىن ئەرەپچە ياكى ئىنگىلىز تىلىدا گۇۋاھلىق ئالدى.

ئىگىلنىشچە بۇ تېلىۋىزيە قانىلنىڭ فېيسبۇك گۇرپىسنىڭلا 7مىليۇن ئەگەشكۈچىسى بار ئىكەن .

قېرىنداشلىرىمىز ئۆزىنىڭ جازا لاگىرى ۋە تۈرمىلەردە بىگۇماھ ئازاپ چېكىۋاتقان قېرىنداشلىرى ئۈچۈن گۇۋاھلىق بەردى. بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق پائالىيتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن كەلگەن قېرىنداشلار رامزان ئېيىدا  روزا تۇتۇقلۇق ھالەتتە ئۇزاق يوللارنى بېسىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلاردىن مۇخبىر چارچىداڭمۇ دەپ سورىغاندا ئۆزنىڭ قېرىنداشلىرى ئۈچۈن رازى ئىكەنلىكىن ، بۇنىڭدىن يىراق يول بولسىمۇ رازىمەنلىك بىلەن بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇخبىرمۇ ئۆزى گوللاندىيەدە مۇقىم ياشاۋاتقان بىرى بولۇپ، بۇ قېتىملىق گۇۋاھلىق پائالىيتى ئۈچۈن شۇنچە كۆپ كىشىنىڭ شۇنچە ئۇزاق يولدىن كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دىننى ئىشلار كومىتىتىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ھاجىم مۇخبىرنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن قىلغان ئەمگەكىلىرى ئۈچۈن رەھمىتىنى بىلدۈردى.

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

ئوسلودا «لاگىر قۇربانلىرى تەزىيە نامايىشى» ئۆتكۈزۈلدى.

يە ماي 26 , 2019
5-ئاينىڭ 26-چېسلا بۈگۈن نورۋېگىيەنىڭ پايتەختى ئوسلودا نورۋېگىيە پارلامېنتىنىڭ ئالدىدا نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى تەرىپىدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان «لاگىر قۇربانلىرى تەزىيە نامايىشى» ئۆتكۈزۈلدى.

You May Like