ئامېرىكا كونگېرىسى ۋە مەمۇرىي دائىرىلەر خىتاي كومېتىتى (CECC) ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى جىددىي تەدبىر قوللىنىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى توختىتىشقا چاقىرىق قىلدى

(ۋاشىنگتون)- شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا (شەرقى تۈركىستان-ت) نارازىلىق نامايىشى ۋە زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈنىدە، ئامېرىكا كونگېرىسى ۋە مەمۇرىي دائىرىلەر خىتاي كومىتېتىنىڭ (Congressional-Executive Commission on China) رەئىسى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى جىم مەكگوۋېرن (Jim McGovern) ۋە مۇئاۋىن رەئىسى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو روبىئو ( Marco

ئامېرىكا كونگېرىسى ۋە مەمۇرى دائىرىلەر خىتاي كومېتىتى تورى

ئېنگلىزچىدىن تەرجىمە قىلغۇچى: سەبرى

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى

2019-07-06

 

[ئەسكەرتىش: تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان تەرجىمە خەۋەر ياكى ماقالە، ئۈچىنچى تەرەپ ئاپتورلۇقىدىكى ماقالە، ئوبزورلار باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ كۆز-قاراش ياكى مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ، ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى باش ماقالىسى ياكى مەخسۇس سەھىپىلىك ماقالىسىلا ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ مەيدانىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.]

 

(ۋاشىنگتون)- شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا (شەرقى تۈركىستان-ت) نارازىلىق نامايىشى ۋە زوراۋانلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ 10 يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈنىدە، ئامېرىكا كونگېرىسى ۋە مەمۇرىي دائىرىلەر خىتاي كومىتېتىنىڭ (Congressional-Executive Commission on China) رەئىسى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى جىم مەكگوۋېرن (Jim McGovern) ۋە مۇئاۋىن رەئىسى ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى ئەزاسى ماركو روبىئو ( Marco Rubio ) تۆۋەندىكى باياناتنى ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى جىددىي تەدبىر قوللىنىپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى (شەرقى تۈركىستان-ت) بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش ۋە يۇقىرى تېخنىكا بىلەن نازارەت ئاستىغا ئېلىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىقا چاقىردى.

 

 

« خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا (شەرقى تۈركىستان-ت) كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاساسى ئەركىنلىككە تاجاۋۇز قىلىشىنىڭ ئۇزۇن ۋە پاجىئەلىك تارىخى بار. بۇلتۇر، بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى تەدبىر قوللىنىپ، خىتاي ئەمەلدارلىرى ۋە شىركەتلىرىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا (شەرقى تۈركىستان-ت) ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلغان بولۇش ئىھتىماللىقىغا قارىتا جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتە قىلىشقا چاقىرغان ئىدۇق، لېكىن مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدۇق. بايانات سۆزلىرى ئىزچىل قاتتىق بولۇپ كەلدى، لېكىن بۇ بۇلۇۋاتقان ئېغىر زۇلۇمغا نىسبەتەن يېتەرلىك ئەمەس.»

 

« بىز نىڭ 2019- يىلى 3- ئاپرىل ئىككىمىز ۋە 41 نەپەر ئامېرىكا كونگېرىسىدىكى خىزمەتداشلىرىمىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى دۇنيادىكى ئەڭ ئېغىر كىشىلىك ھوقۇق كىرزىسىنى جىددىي بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىرىق قىلغان خېتىمىزگە ھازىرغىچە جاۋاپ كەلمىدى. ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان بۇ خاتىرىلەش كۈنىدە، بىز قايتا (ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنى) خىتاي ئەمەلدارلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتە قىلىشقا چاقىرىق قىلىمىز. ئۇزۇندىن بېرى، خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا (شەرقى تۈركىستان-ت) خالىغىنىنى قىلىپ، ئىزچىل قانۇنىي جازاغا تارتىلماي كەلدى. ئامېرىكا چوقۇم ئەخلاق ۋە ھەققانىيەت جەھەتتىكى رەھبەرلىك قابىلىيىتىنى كۆرسىتىشى، خەلقئارا جەمئىيەتمۇ چوقۇم ئىنكاس بىلدۈرۈشى كېرەك.»

 

مەزكۇر يازمىنى «ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى» نامىدا مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ھەرقانداق ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاسىتىلىرىدا كۆچۈرۈپ تارقىتىشقا رۇخسەت قىلىنىدۇ. ئەمما، مەنبەسى ئەسكەرتىلمىگەن ھالدا توردا خالىغانچە ئىشلىتىلسە، نەشىر ھوقوقىمىزغا دەخلى-تەرۇز قىلغان ھېسابلىنىپ جامائەتچىلىككە ئاشكارلىنىدۇ، ھەمدە ئەسەر ھوقۇقى قانۇنى بويىچە قانۇنىي ھوقۇقىمىزنى سۈرۈشتۈرۈش ھوقۇقىمىزنى ساقلاپ قالىمىز. 

 

مەنبە:

https://www.cecc.gov/media-center/press-releases/xinjiang-chairs-seek-urgent-action-from-administration-to-address

UT-Uyghur Reporter 12

Next Post

بوسنىيە سېرىبىنىك قىرغىنچىلىقىنى خاتىرلەش ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تارتىۋاتقان كۈلپەتلىرى

دۈ ئىيۇل 8 , 2019
مەزكۇر پائالىيەت لوندون شەھرى «قىزىل كۆۋرۈك» (Redbridge Council) يەرلىك ھۆكۈمىتى تەرپىدىن ئىلفورد ئىسلام مەركىزى Ilford Islamic Centre دە ئورۇنلاشتۇرۇغان. بۇ يىغىن باشلىنىشتى بۇرۇن لوندون شەھرى «قىزىل كۆۋرۈك» يەرلىك ھۆكۈمەتنڭ ھۆكۈمەت بىناسى ئالدىدا سېرىبىنىك قىرغىنچىلىقىنى خاتىرلەش ۋە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ تارتىۋاتقان كۈلپەتلىرىگە بېغىشلانغان پائالىيەتنىڭ بايراق چىقىرىش مۇراسىمى سائەت 18:30 ئۆتكۈزۈلىدۇ.

You May Like