1- فېۋرال مەركىزى فرانسىيەنىڭ پارىژ شەھىرىگە جايلاشقان «فرانسىيە ئۇيغۇر بىرلىكى» نىڭ 5-نۆۋەتلىك سايلىمى مۇۋەپىقىيەتلىك ئاياغلىشىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھەيئەت گۇرۇپپىسى سايلاپ چىقىلدى

بۈگۈن 6- فېۋرال بېلگىيەنىڭ ۋە ياۋروپانىڭ پايتەختى بولغان برۇيسسېلدىكى ئالبېرتىن مەيدانىدا بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى 5- فېۋرال غۇلجا قىرغىنچىلىقىنى خاتىرىلەش ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن نامايىش ئېلىپ باردى. ھۆكۈمەتنىڭ خىتاي ۋىرۇسى چەكلىمىلىرى سەۋەبلىك، ئەڭ كۆپ بولغاندا 75 ئادەم قاتنىشىشقا مەجبۇرىي بولدى. بۇ قېتىملىق نامايىشقا مەزكۇر تەشكىلات بىلەن زىچ ئالاقىدە ۋە ھەمكارلىقتا بولۇۋاتقان بېلگىيە يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار بىرلىكى ۋە مۇسۇلمان ئۇقۇغۇچىلار گۇرۇپپىلىرى ئىشتىراك قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى، تارىخىنى ۋە شۇلارنىڭ ساھىبى بولغان ئۇيغۇر خەلقىنى يوقىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ رەزىل سىياسىتىنى 2016- يىلدىن باشلاپ تېخىمۇ كەڭ كۆلەمدە، شىددەت بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزىۋاتقان بۇ ئىرقىي قىرغىنچىلىق سىياسىتىنىڭ زىيانكەشلىكىگە كەڭ ئۇيغۇر جەمئىيتىنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىكى، ھەر كەسىپ، ھەر ساھەدىكى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ سەركىللىرى بولغان، ھەر تۈرلۈك ئەدەبىي ژانېرلار ئارقىلىق تارىخىنى بۈگۈنگە باغلاپ، ئۇيغۇر تارىخى، تىلى، ئۆرپ -ئادىتى ۋە مەدەنىيتىنىڭ ساقلىنىپ قېلىشىدا تۈ

ھەر يىلى 5- فېۋرال كۈنى ئون مىڭلىغان غۇلجا ياشلىرى تاجاۋۇزچى خىتتاي ئارمىيسنىڭ قىرغىنچى قوراللىرىغا قارىماستىن ئۆز ھوقۇقى، شەرىپى ئۈچۈن ئورندىن دەس تۇرۇپ، قارشىلىق نامايىشى ئېلىپ بارغان ۋە يۈزلىگەن شېھىت بېرىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ غورۇرىنى دۇنياغا نامايەن قىلغان بىر تارىخىي كۈن.

12-يانۋار ئاۋستىرىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى تۈركىيىنىڭ ۋېئاننادىكى باش ئەلچىسى ئوزان جەيھۇن(Ozan Ceyhun) بىلەن كۈرۈشتى
ئاۋستىرىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ناھايتى ئاز بولۇپ، ئۇيغۇرلار ئاز بولىشىغا قارىماي

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى مەمۇرىي كومىتېتى 30- دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن ئۇيغۇر زىيالىسى دوكتۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ھەققىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 12- دېكابىر شەنبە كۈنى «13 توملۇق زور ئەسەر «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» نىڭ نەشىر قىلىنىشقا باشلانغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تارىخشۇناس دوكتور نەبىجان تۇرسۇن بىلەن سۆھبەت ۋە ئۇنىڭ زور ئەمگىكى ئۈچۈن تون كىيدۈرۈش پائالىيىتى» ئۆتكۈزۈلدى.

شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى «سالام شەرقىي تۈركىستان» خەشتەگ پائالىيىتى باشلاتقان.
شەرقىي تۈركسىتان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ئاممىۋى مېدىيالاردا چەتئەللىك ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەشۋىقات پائالىيىتى يېقىندىن بېرى كۆرۈنەرلىك جانلانغان.

12- نويابىر ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم كۈنلەرنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ كۈندە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجدادلىرى ئىككى قېتىم مۇستەقىل شەرقىي تۈركستان جۇمھۇرىيتىنى قۇرغان ۋە دۇنياغا جاكارلىغان ئىدى.

بۇ يىل 7-ئايدا، غولام ئوسمان ئەپەندى پىرىزدىنتلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى ۋە سالىھ خۇدايار باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئويغىنىش ھەرىكىتى گوللاندىيەد دەنھاخ شەھرىدىكى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىقا خىتاي ئۈستىدىن قىلىنغان ئەرىزنامە سۇنۇلغان ئىدى!

ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندا ئۇزۇن يىللاردىن بىرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرى ۋە يېقىنقى يىللاردىن بىرى بۇنىڭ ئەۋجىگە چىقىشى، خەلقىمىزنىڭ ئۆز ۋەتىنى، ئۆز يۇرتىدا خاتىرجەم ياشىيالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئۆزلىرى ياشاۋاتقان يۇرتلىرىنى تاشلاپ ياقا يۇرتلاردىكى سەرگەردان ھاياتنى تاللاشقا مەجبۇر بولدى

6-ئۆكتەبىر شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسى فەيىس بوك بېتىدە «خىتتاي ۋەتىنىم شەرقىي تۈركىستاندىن چىقىپ كەت!» ناملىق ھەشتەگ پائالىيىتى باشلاتقان. خىتاينىڭ ۋەتىنىمىزدە يۈرگۈزۋاتقان زۇلۇم سىياسىتىنىڭ كۈنسىرى غالجىرلىششى قارشىسىىغا، ئۇيغۇر مەسىلىسى خەلىقارادا كۈنسىرى چوڭىيپ، غەرىپ دۆلەتلىرى ۋە خەلىقنىڭ كۈنتەرتىپگە كەلدى

1- ئۆكتەبىر ئىستانبۇل كۈچۈك چەكمەجە رايونى فىلورىيا كاشى بېياز (Kaşi beyaz) رېستۇرانىدا شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىس رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سىيىت تۇمتۈرك ئەپەندىمنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشى ۋە بىرقىسىم جەمئىيەت، ۋەخپە باشلىقلىرى، دوكتۇر، پروفېسسورلار، بىر قىسىم دەۋا ئاكتىۋىستلىرى ۋە جامائەت چوڭلىرىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن بىرلىك-باراۋەرلىك، ھەمكارلىق يىغىنى ئېچىلدى.

تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە ئۈچ كۈن داۋاملاشقان 12- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 3- نۆۋەتلىك مىللىي بىرلىك شۇراسى 28- سىنتەبىر غەلىبىلىك ئاياغلاشتى.

12- نۆۋەتلىك دۇنيا شەرقىي تۈركىستانلىقلار قېرىنداشلىق ئۇچرىشىشى ۋە 3- نۆۋەتلىك شەرقىي تۈركىستان مىللىي بىرلىك شۇراسى بۈگۈن (26- سىنتەبىر) تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە، مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ۋە تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەھبەرلىكىدە غەلىبىلىك ئېچىلدى.

25-سېنتەبىر كۈنى جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش شىتابىدا، ياۋرۇپا ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋە شىۋېتسارىيە ئۇيغۇرغا ئادالەت تەشكىلاتى رەئىسى دوكتۇر ئابدۇشۈكۈر ئابدۇرېشىت ئەپەندى ياۋرۇپا يەھۇدى ئوقۇچىلار بىرلەشمىسىگە ۋاكالىتەن خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ئىرقى قىرغىنچىلىقى ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى.

ئامېرىكا باش ئەلچىسى داۋىد ستاففىلد 7-ئاينىڭ 16-كۈنى ئەنقەرە باش ئەلچىلىكىدە زىيارەتتە بولغان شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسى رەئىسى سەييىد تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.

غولام ئوسمان ئەپەندى پىرىزدىنتلىكىدىكى شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندى ھۆكۈمىتى ۋە سالىھ خۇدايار باشچىلىقىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئويغىنىش ھەرىكىتى گوللاندىيەد دەنھاخ شەھرىدىكى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوتىقا خىتاي ئۈستىدىن قىلىنغان ئەرزنامە سۇنۇلدى. مەزكۇر خەۋەر ۋال كوچىسى، نىيويورك ۋاقتى قاتارلىق داڭلىق گىزىتلەردە ئىلان قىلىندى!

يالقۇن ئەنۋەر 29-ئاپرىل چۈشتىن كىين سائەت 3:30 دە ئامېرىكىغا يېتىپ كەلدى.ئۆمەر قانات، دىلدار ئەزىز ، تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان قاتارلىق ئۇيغۇرلار ئايرودۇرۇمغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.