ئۇيغۇر ئ‍نسان ھەقلىرى قۇرۇلۇشى باشلىغان «ئۇيغۇر ساغلاملىق ھەرىكىتى»نىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدا،«ئۆز ھسياتېڭىزنى كونتىرۇل قىلىش ھەققىدە »ساۋات ۋە مەسلىھەت ئىلىپ بىرىلىدۇ.

بۈگۈن شىۋېتسارىيەنىڭ لوزان شەھرىدە مىڭلارچە تىبەت ،ئۇيغۇر،موڭغۇل.ۋە خوڭكوڭلۇقلار خىتايدا ئۆتكۈزۈلۈدىغان ئولېمپىكقا قارشى نامايىش قىلدى.
نامايىشنى شىۋېتسارىيەدىكى تىبەت تەشكىلاتلىرى،شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمىيىتى، ۋە شىۋېتسارىيەدىكى ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق ۋە قىلىدىغان تەشكىلاتلار بىرلىكتە ئورۇنلاشتۇرغان بۇلۇپ نامايىش بىر سائەتلىك شەھەر ئىچىدە داغدۇغۇلۇق يۈرۈش ۋە خەلقارا ئولىمپىك كومتىتى ئالدىدا ھەر قايسى تەشكىلاتلار خەلقارا ئولىمپىك كومتىتىغا نارازىلىقىنى ئىپادىلەش قاتارلىق بىر يۈرۈش تەرتىپلەر بىلەن ئېلىپ بېرىلدى.

ئىستانبۇلدا ئېچىلغان «ئۇيغۇر ئىرقى قىرغىنچىلىقىغا دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئىنكاسى» ناملىق يىغىن
غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى خەۋىرى. 29-يانۋار شەنبە كۈنى فىرانسىيەنىڭ ئالتە چوڭ شەھىرىدە بېيجىڭ قىشلىق ئولىمپىكىگە قارشى تۇرۇش، فىرانسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئولىمپىكنى بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلىش تېمىسىدا بىرلەشمە نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

شىۋىتسارىيە دۆلەت تېلېۋېزىيەسى س ر ف نىڭ بىرىنچى قانىلىدا 15 -يانۋار شەنبە كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ دۈچ كېلىۋاتقان ئازاپ-ئۇقۇبەتلىرى ۋە شەرقى تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچىلىق ھەققىدە مەخسۇس سۆھبەت پراگراممىسى ئۆتكۈزدى. س ر ف شىۋېتسارىيە دۆلەت تېلېۋېزىيەسى بولۇپ ھەپتە ئاخىرىدىكى بۇ پروگراممىنىڭ كۆرۈلۈش نىسپىتى ئەڭ يوقۇرى بىر پراگرامما.

ئۆمەر قانات: «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى » ئىدرىس ھەسەن مەسىلىسىدە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن جىددىي ئالاقە قىلماقتا

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى چېخيەنىڭ پايتەختى پراگادا ئاچقان 7 -نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا كېلەلمىگەن ياكى ۋېزىسى چىقمىغان تۈركىيە، قازاقىستان ، قىرغىزىستان،ئاۋۇستراليا ، ئامېركا،كانادا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ۋەكىللىرى ۋە كاندىدات ۋەكىللىرى بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايغا تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىن تور ئارقىلىق قاتناشتى .

شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيەت كۈنىمىزدە ياۋروپادىكى بىرقانچە شەھەردە ئۇيغۇرلارنى قوللاش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلغان

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7- نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى چېخيەنىڭ پايتەختى پراگادا دەبدەبىلىك ئېچىلدى.
باشلىنىش مۇراسىمى شەرقى تۈركىستان ئىستىقلال مارشى ۋە چېخيەنىڭ دۆلەت مارشى بىلەن باشلاندى .