2019-يىلى 12-نويابىر سەيشەنبە كۈنى، بېلگىيە پايتەختى- ياۋروپا ئىتىپاقى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابى بولغان برۇسسېلدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ۋە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ئىشخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىم يىغىنى بولدى.

12- نويابىر، جۇمھۇرىيەت بايرىمىمىز خاتىرە كۈنىدە، گوللاندىيە، گىرمانىيە، بىلگىيە، شىۋىتسىيە، ئامرىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ئاۋانگارت ياشلار ۋەكىللىرنىڭ قاتنىشىشى بىلەن نورۋىگىيە ياشلىرىنىڭ ساھىپخانلىقىدا شەرقىي تۈركىستان ياشلار قۇرۇلتىيى قۇرۇلدى. ياشلار قۇرۇلتىيى مەزكۇر بەش دۆلەتتىكى بىر قىسىم تەشكىلاتلارنىڭ فىدىرال بىرلىكى بولۇپ، ئاۋىستىرالىيەدە تۇرۇشلۇق دىليار مۇساباي باش كاتىپلىققا سايلاندى.

گوللاندىيەدە ئاكتىپ خىزمەت قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر رادىئو-تېلېۋىزىيىسى»، «پىدائىيلار ئېكرانى» ۋە «قېرىنداشلىق ستۇدىيىسى» قاتارلىق ئۈچ تاراتقۇ ئۇيغۇر تەشۋىقاتچىلىقىدا تېخىمۇ ئىتىىپاقلىشىپ ئىلگىرلەش، تىخىمۇ كۈچلىنىشنى مەقسەد قىلىپ ئۇيغۇر تەشۋىقات پىروگرامچىلىقىدا ھەمكارلىشىشنى قارار قىلدى.

خىتاي جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى ۋە ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاننى بېسىۋالغانلىقىنىڭ 70_ يىلى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىستانبولدىكى خىتاي ئەلچىخانسىنىڭ بۈگۈن يەنى 27_ سىنتەبىر، كەچ سائەت 7دە ئىستانبۇل بېشىكتاشتىكى چىرايان سارىيى كامپىنىسكى مىھمانخانسىدا مىڭ كىشىلىك تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزمەكچى بولغانلىقى ئاشكارە بولدى.

18-سىنتەبىر ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى دىرىكتورى، خىتتايچە بۆلۈم ئالاقە مەسئۇلى زۇبەيرە شەمسىدىن، ئاممىۋى مۇناسىۋەت مەسئۇلى لۇئىسا خانىم ۋە يەنە بىر ئۇيغۇر ئامېرىكا پىرىزدىنتى ئالى ياردەمچىسى بىلەن كۆرۇشكەن.

6- سىنتەبىر، ئىستانبۇل سۇلتان ئەھمەد ئۇنىۋىرسىتىدا ئۇيغۇر ئاكادىمىيىسى، تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى، دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىشىدا كۆرەش كۆسەن ئەپەندىنىڭ 60 يىللىق تەۋەللۇتىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرەلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن جەڭگىۋار ئۇستاز مەرھۇم كۆرەش كۆسەن ئەپەندىنىڭ ھايات سەمەرىلىدىن قىسقىچە تونۇشتۇرۇش بىرىشنى لايىق تاپتۇق. https://www.youtube.com/watch?

تەييارلىغۇچى: سايئوغلى ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2019-08-05 بۈگۈن 8-ئاينىڭ 5-كۈنى د ۇ ق رەھبەرلىرىدىن ئۆمەر قانات ئەپەندىم ئاقسارايدا ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پىرزىنتى مايىك پەنىس ۋە ئۇنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ياردەمچىللىرى بىلەن كۆرۈشتى. ئۆمەر قانات ئەپەندىم ئۆزىنىڭ فېيىسبۇك ھىسابىدا بۈگۈندىكى كۆرۈشۈشنىڭ ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولغانلىقىنى يازدى. https://www.facebook.com/photo.php?fbid=10214111161844380&set=a.3598944063578&type=3&eid=ARCsRBynjlNyma9zMKfO5IqYf0ZUgxaflRJft3zGiv6QF3JiyjxvIEtpiwz8Zv8o9ttM0GZVLajnEya_

شەرقى تۈركستان مىللى ئويغىنىش ھەرىكىتى تەتقىقاتى:ئاز بولغاندا 3 مىلىيون 650مىڭ كىشى لاگىردا ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقى ،ۋاشنگىتون. تەييارلىغۇچى:ئۆلۇمتۈك 2019-يىلى 15-ئىيۇل ۋاشنگىتون ئەركىنلىك مەشئىلى تور ژۇرنىلىنىڭ خەۋەر قىلىشچە،نسبەتەن يېڭى بولغان شەرقى تۈركستان مىللى ئويغىنىش ھەرىكىتى نامىدىكى تەشكىلاتنىڭ تەتقىقاتچىلىرى شەرقى تۈركستاندىكى بىر قسم لاگىر ئورۇنلىرىنى جەزىملەشتۈرگەن.

24- ئىيۇن بۈگۈن شىۋىسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئالدىدا خىتاينىڭ يالغانچىلىقىنى پاش قىلىش ئۈچۈن كەڭ كۆلەملىك بىر مەيدان نامايىش ئۆتكۈزۈلدى.

6-ئاينىڭ 25-ۋە 26-كۈنلىرى ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىردە «ئۇيغۇر كىرزىسى: ئۆتمۈش، بۈگۈن ۋە كەلگۈسى»تىمىسىدا مىللىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلىدۇ.يىغىندا ئۇيغۇر تەتقىقاتىدا كۆزگە كۈرۈنگەن تەتقىقاتچىلار دوكلات بىرىدۇ. بۇ يىغىننى ياپونىيە كاگوشىما خەلىقئارا ئۈنىۋېرسىتېسى، تۈركىيە 18-مارت چاناققەلئە ئۈنىۋېرسىتېسى ۋە ئۇيغۇر زىيالىيلار ئەنجۈمەنسى بىرلىشىپ ئۇرۇنلاشتۇغان. بۇ يىغىن ياپونىيە مەتبۇئاتى ۋە جامائىتىگە شەرقى تۈركىستاندىكى شىددەتلىك كۈلتۈرەل قەتلىئام ھەققىدە بايانات ئىلان قىلىشتەك كۈنتەرتىپكىمۇ ئىگە

شەرقى تۈركىستان مائارىپ جەمىيتى،سۇتۇق بۇغراخان ۋەقپى،شەرقى تۈركىستان ئۆلۈمالار بىرلىكى قاتارلىق تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان تەشكىلاردىن بىر ھەيئەت تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى رەئىسى پىروفىسور دوكتۇر مۇستافا شەنتوپ ئەپەندىمنى زىيارەت قىلدى. بۇ ھەيئەت مەجلىس باشلىقىغا شەرقى تۈركىستاندىكى ۋەزىيەتنى ئاڭلاتقان ھەمدە مۇھاجىرەتتىكى خەلقىمىزنىڭ تۈركىيە ھۈكۈمىتىدىن كۈتۈۋاتقان ئارزۇلىرىنى تىلغا ئالغان. مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ئۇچراۋاتقان تۈرلۈك مەسىلىلەر ۋە ئۇنىڭ ھەل قىلىش چارىسى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغان. بۇ ھەيئەت سۈرىيەدە ئەسىرگە چۈشكەن ئاياللار ۋە بالىلارنى قۇتقۇزۇش قاتارلىق مەسى

ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەت ئاكىتپلىردىن روشەن ئابباس خانىم شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن ئاۋىسترىيە پايتەختى ۋېئانناغا يېتىپ كەلدى.

شەرقى تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكىدىن ئۆلىمالار بىرلىكى رەئىسى دوتسېنت دوكتۇر ئاتائۇللاھ شاھيار باشچىلىقىدىكى بىر ھەيئەت، دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى تەرىپىدىن مەككە مۇكەررەم شەھىرىدە چاقىرىلغان قۇرئان ۋە سۈننەتتە ئوتتۇراھاللىقنىڭ ئەھمىيىتى ناملىق يېغىنغا رەسمىي تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.

شەرقى تۈركىستان مىللىي مەجلىسى رەئىسى سىيىت تومتۈرۈك ئەپەندىم 5-ئاينىڭ 27-كۈنى بۈگۈن خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى ساختا ئىپتار پائالىيتىگە قارشى ئىپتارغا جىددى چاقىرق قىلدى.

2019- يىلى 21- ماي، ئاۋستىريەدىكى ئاكتىپ ئۇيغۇر سىياسى پائالىيەتچىلەردىن ئەسمۇتۇللاھ، مەۋلان ئەپەندىم ۋە مەھبۇبە خانىملار ئاۋستىريە پارلامىنت ئەزاسى مارتا بىسمان خانىمنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن مارتا خانىمنىڭ خۇسۇسى ئىشخانىدا كۈتۈۋېلىنغان.

ت

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتىتىنىڭ رەئىسى ئۆمەر قانات ئەپەندى تېكساس شىتاتىدىكى ئۇيغۇرلارنى ئامىرىكا دۆلەت مەجلىسى ئوتتۇرغا قويغان ئىككى قانۇن لاھىيسىنىڭ ئىمزا ئىشلىرى ئۈچۈن جىددى چاقىرىق قىلدى. تۆۋەندە بىز بۇ ئىككى قانۇن لاھىيەسى ۋە ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى تەرەققىيات ئەھۋالىنى تەپسىلى بايان قىلىمىز.

2019- يىلى 5- ئاينىڭ 20- كۈنى، ئامېرىكىنىڭ ۋىيانادا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى رەسمىي تىۋىتتىر ھىسابىدا شەرقىي تۈركىستاندىكى رامىزان ۋەزىيىتى ھەققىدە تىۋىت يوللىغان. بۇ ئۇچۇرنىڭ تەرجىمىسى تۆۋەندىكىچە:

شەرقىي تۈركىستان مىللىي مەجلىسى رەئىسى سىيىت تومتۈرك ئەپەندىم ئۆزىنىڭ ئىجتىمائى تاراتقۇ سەھىپىدە بايانات ئىلان قىلىپ خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كونسۇلى سۈي ۋېيغا شىددەتلىك رەدىيە قايتۇردى!