بىرۇسېلدا شەرقي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت پارتيىسى ۋە شەرقي تۈركىستان جەمئىيىتى ئىشخانىسى ئىچىلدى.

2019-يىلى 12-نويابىر سەيشەنبە كۈنى، بېلگىيە پايتەختى- ياۋروپا ئىتىپاقى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابى بولغان برۇسسېلدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ۋە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ئىشخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىم يىغىنى بولدى.

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى
تەييارلىغۇچى : ھىدايەتۇللاھ
2019-11-22

 

2019-يىلى 12-نويابىر سەيشەنبە كۈنى، بېلگىيە پايتەختى- ياۋروپا ئىتىپاقى ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش شىتابى بولغان برۇسسېلدا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى ۋە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى ئىشخانىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىم يىغىنى بولدى.
ياروپا كومىسسىيونى ئىش بىناسىغا 300 مېتىر كېلىدىغان جۇل مېركارت يولىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى لەپىلدەتكەن ئىشخانىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا، جۇمھۇرىيەت پارتىيەسىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ۋەكىللىرى ۋە بىر قىسىم قوللىغۇچىلار قاتناشتى.
يىغىنغا شەرقىي تۈركىستان جۇمۇرىيەت پارتىيەسىنىڭ گوللاندىيەدىكى تەشۋىقات مەسئۇلى ئېرشات رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇمھۇرىيەت پارتىيەسى كاتىبات مەسئۇلى نەجمىدىن شىرىف، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت پارتىيەسىنىڭ ، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتەك ئېغىر ۋەزىپىسىنىڭ، رەسمى قۇرۇلغانلىقى جاكارلىغان كۈندىن باشلاپ تېخىمۇ جىددى تۈسكە كىرىدىغانلىقى، تېخىمۇ كۆپ شەرقىي تۈركىستانلىقنىڭ، تېخىمۇ كۆپ سەبرى تاقىتى، ۋاقتى ۋە ئىقتىدارىنى خىتايغا قارشى مۇستەقىللىق نىشانى ئۈچۈن سەرپ قىلىشقا چاقىرىق قىلدى، پارتىيەنىڭ قۇرۇلۇش جەريانىدىكى خىزمىتىنى خۇلاسىلىدى ۋە بۇندىن كېيىنكى پىلانى ھەقققىدە قىسقىچە دوكلات بەردى.
شارلېۋادا تۇرۇشلۇق رامادان، ئانتۋېرپېندا تۇرۇشلۇق رابىيە ۋە رەيھانگۈللەرنىڭ ئەمگەكلىرى مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ سىمىۋوللۇق مۇكاپاتلار تارقىتىلغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت پارتىيەسى ئىستىخبارات مەسئۇلى- شۋىتسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئابدۇشۈكۈر سامساق پارتىيەنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە سېستىمىسى ھەققىدە چۈشەنچە بەردى.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت پارتىيەسىنىڭ كانادادا تۇرۇشلۇق تەپتىش ھەيئىتى شاكىر رەجەپنىڭ ۋىدىئولۇق سالىمىدىن كېيىن تۈركىيەدىكى ئەزالارغا ۋەكىل بولۇپ كەلگەن نۇرمەمەت ئۇيغۇرئوغلى، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق سىياسىي ھاياتىدا ، شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان تەشكىلاتلارنىڭ پارتىيەلىشىشى كېرەكلىكىنى تونۇغانلىقى، بىر سىياسىي پارتىيەنىڭ بولۇشىغا تەشنا بولغان پەيتتە پارتىيەنىڭ تەشەببۇسلىرىنى ئاڭلاپ سەپكە قىېتىلغانلىقى، ھاياتىنىڭ ئاخىرىغىچە مۇشۇ پارتيەدە سىياسىي خىزمەت قىلىش ئارزۇسى بارلىقى ھەققىدە قىسقىچە تەسىرات سۆزلىدى.
ئۇندىن كېيىن فرانسىيەدىكى پارتىيە ئەزالىرىغان ۋەكىل بولۇپ كەلگەن ئالىمجان، ئاۋال پارتىيەلىشىش ۋە كېيىنكى قەدەمدە ھەرقايسى پارتىيەلەرنىڭ پارلامېنت شەكلىدە بىر سۇپىغا ئۇيۇشۇشىنىڭ دۇنيادا ئۇمۇملاشقان ئەقەللى بىر سىياسىي باسقۇچ ئىكەنلىكىنى، سىياسىي ئاكتىپلىقىمىزنىڭ يەنىمۇ جىددىلىككە كۆتىرىلىشى زۆرۈرلىكى ھەققىدە توختالدى.

 


شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەت پارتىيەسىنىڭ گوللاندىيە ۋەكىلى ھەبىبۇللا مۇستەقىللىق ئارزۇسىنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئەقەللى ھوقۇقى ۋە شا-شەرىپى ئىكەنلىكى، ئىتىپاقلىشىشنىڭ جانغا قان لازىم بولغاندەك جىددى ئېھتىياجىمىز ئىكەنلىكى تۈپەيلى تەشكىللىنىشتىكى مۈشكۈل تەپسىلاتلارغا سەبر ۋە ئۈمىد بىلە مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەكلىكى، خىتايغا قارشى كۈرەشنىڭ مۇكەممەللىكنى تەلەپ قىلىپ ئەمەس، ھىممەت ۋە پىداكارلىق بىلەن ئەڭ ئاۋال ئۆز شەخسىيىتىمىزنى يېڭىشتىن باشلىنىدىغانلىقى ھەققىدە توختالدى.
ئاخىرىدا كۆپچىلىك سوئال-جاۋاب ، خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈش ۋە كاۋاب زىياپىتىگە داخىل بولڭۇپ پائالىيەتنى ئاخىرلاشتۇردى.

 


يىغىنغا قاتناشقان بېلگىيە ھۆكۈمەت مەمۇرلىرى ۋە بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمىز نەقمەيدان تارقاتماسلىقنى ئۈمىد قىلغانلىقتىن، كۆرۈنۈشلەر تەھرىرلەنگەندىن كېيىن تارقىتىلىشى قارار قىلىندى.

UT-Uyghur Reporter 8

Next Post

تىرامپ شى جىنپىڭنىڭ خوڭكوڭغا ئەسكەر چىقىرىشقا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى ئاشكارلىدى. شى جىنپىڭ يارىشىش تەلەپ قىلدى.

شە نويابىر 23 , 2019
22-چىسلا جۈمە كۈنى تىرامپ فۇكىس خەۋەرلىرى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ خىتاينىڭ خوڭكوڭغا ئەسكەر چىقىرىپ باستۇرشىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى ئاشكارلىدى. ئۇ مۇنداق دىدى: مەن شى جىنپىڭنىڭ خوڭكوڭغا ئەسكەر چىقىرىپ خاتالىق ئۆتكۈزمەسلىكىنى ئەسكەرتتىم. بولمىسا شېنجىنغا توپلانغان «مىليۇن» كىشلىك قۇشۇن 14مىنۇتتا خوڭكوڭنى «ۋەيران» قىلاتتى.

You May Like