ئىتتىپاقلىشىپ بىر تەشكىلات ئاستىغا يىغىلالمايمىز بىز. بىرلىرى دۇقنى ھاراقكەش خائىنلارنىڭ تەشكىلاتى دەپ يامان كۆرىدۇ. يەنە بىرسى سۈرگۈندى ھۆكۈمەتنى ھاماقەت خىيالپەرەستلەر دەيدۇ. ئۇ بۇنى بىر نەرسە دەيدۇ بۇ ئۇنى بىر نەرسە دەيدۇ.

مىللى مۇستەقىللىغىمىزنىڭ سىموۋلى بولغان ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنى تەڭرىتاغ باغرىدا قايتىدىن جەۋلان قىلدۇرۇش، ھەر بىر ئويغاق، مەسئۇلىيەتچان ئۇيغۇر زىيالىسىنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئارزۇسى. بولۇپمۇ مىللىتىمىز تارىختا مىسلىي كۆرۈلمىگەن مىللىي كىرىزىسكە دۇچ كەلگەن، مىللىي مەۋجۇدلىقىمىزنى ساقلاشمۇ مەسىلىگە ئايلىنىپ قالغان بۈگۈنكى كۈندە، مىللىي كۈرىشىمىزنىڭ كەلگۈسى ۋە يول خەرىتىسى ئۈسىتىدە ئىزدىنىش روھىي ئۇيغاق، مەسئۇلىيەتچان ھەر بىر ئۇيغۇر زىيالىسىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان ۋەزىپىسى.

بۇ يازمىدا ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلىمى پروفېسسورى ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇق ئەپەندىنىڭ پىدائىيلار تورىدا ئېلىپ بارغان سۆھبىتى، ئابدۇۋېلى ئايۇپ ئەپەندىنىڭ ئۇنىڭغا قارتا يازغان يازمىسى ۋە بۇنىڭدىن باشلانغان تالاش – تارتىشلار مۇلاھىزە قىلىنىدۇ.

ماقالىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى: خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى غوللۇق خادىملىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقى قىرغىنچلىق، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرىنى جازالاشنىڭ مۇمكىن بولۇپ – بولمايدىغانلىقىنى مىساللار ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش ۋە بۇ مەقسەتكە يېتىشنىڭ يوللىرىنى كۆرسىتىپ بېرىش.

قاچان ۋە كىمدىن ئاڭلىغانلىقىمنى بىلمەيمەن ، « تارىخ كۈچلۈكلەرنىڭ ئاجىزلارنىڭ دۈمبسىگە ئۇرغان تامغسى » دەيدىغان بىر گەپ ھازىرمۇ ئېسىمدە. ئىنگىلىز تارىخچى Carr بولسا «What is History » دېگەن كىتابىدا تارىختىكى ھەممە ۋەقەلەر تارىخ بولالايدىغانلىقى، لىكىن تارىخچىنىڭ مەيدانى، مەنپەتى ۋە يېزىش مېتودىغا ئاساسەن ئۆزى موھىم دەپ قارىغان بىر ۋەقەنى تاللاپ ئېلىپ، ئۆزىنىڭ مەدەنىيەت چەمبىرىكى ئىچىدە يېزىپ چىقىدىغانلىقىنى، ئوخشىمغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشگە ئىگە ئىككى تارىخچىنىڭ ئوخشاش ۋەقەنى ئوخشىمىغان شەكىلدە بايان قىلدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان.

بۇ يازمىدا دەۋا قىلىش ئۇسۇللىرى ھەققىدە دەسلەپكى چۈشەنچە بېرىلىپ، نۆۋەتتىكى دەۋا پائالىيەتلىرىمىز تۈرلەرگە ئايرىلىدۇ. پات ئارىدا تۈركىيىدىكى تەشكىلاتلار ۋە ئۇيغۇر خەلقى ئويلىشىپ بېقىشقا ئەرزىيدىغان بىر دەۋا پائالىيىتى تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

بىر نەرسىنىڭ ياكى بىر ئىشنىڭ ياخشى تەرپىنى تىلغا ئالغانلىق ئونىڭ ناچار تەرىپىنىڭ يوق ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. بىراۋنىڭ ياخشى تەرىپىنى قىلغانلىقمۇ ئو شەخسنىڭ نوقسانسىز ئەمەسلىكىنى كۆرسەتمەيدۇ

جازا لاگېرلىرىنىڭ خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي كومپارتىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ماھىيىتىنى تونۇپ داۋا سېپىغا قېتىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى كۆپەيمەكتە.

تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇيدىغان ۋاقتىمدا بىر ساۋاقدشىم مۇنداق بىر ئىشنى سۆزلەپ بەرگەن ئىدى ۋە بىز بەك كۈلگەن ئىدۇق.
ئولار بىر كۈنى پاقلان ئۆلتۈرۈپ شورپا قىلپتۇ. شورپا بەك ئوخشاپتىكەنمىش . ئانسى تۈزىنى تېتىپ ئېلىپ يەيلى دەپ ئويلاپ قازاننىڭ تۇۋقىنى ئېچپتۇ . ئەمدى تۈز سېلىپ تۇرسا قازانغا ئۈستۈنكى قەۋەتتكى قوشنسىنىڭ ھاجەتخانسىنىڭ تۇربسىدىن بىر قانچە تامچە ئەۋرەز سۈيى چۈشۈپ كىتپتۇ. ئەسلىدە ئولارنىڭ ئاشخانسىنىڭ ئۈستىدە قوشنسىنىڭ ھاجەتخانسى بار ئىكەن ۋە شۇ كۈنى تۇربسىدىن مەسلە چىقىپ ئولارنىڭ بىر قازان شورپسىنى بۇلغىغانمىش. ئانسى بۇنى كۆرۈپ بىر ئاز ئويلانغاندىن كىيىن شورپىنىڭ ھەممىنى تۆكۈۋىتىپ ،گۆشلەر