ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى، 5-دېكابىر كانادادىكى ئۇيغۇر ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشى ئېلان قىلغان ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئون مىڭ ئۇيغۇرنى يەرلەشتۈرۈش پروگراممىسىنىڭ تۇنجى بەھرىلەنگۈچىسى كاناداغا يېتىپ كەلدى. ئۇنى پارلامېنت ئەزاسى سامىر زۇبەيىر ۋە ئۇيغۇر ھوقۇقلىرىنى ھىمايە قىلىش قۇرۇلۇشىنىڭ دىرېكتورى مەمەت توختى كۈتۈۋالدى. كانادا پارلامېنتىدىكى ھەر قايسى پارتىيەلەر بىردەك يۇقىرى ئاۋازدا ماقۇللىغان (M62) […]

كانادا ئۇيغۇر ھوقۇقلىرىنى ھېمايە قىلىش قۇرۇلۇشى دېرىكتورى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر ئاگېنىتلىقىغا بىلدۈرىشچە، 2020- يىلى 9- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن باشلاپ ھەر ھەپتەنىڭ پەيشەنبە كۈنى سائەت 3-4 ئارىسىدا توختاۋسىز خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىېرقى قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئەيپلەپ كەلمەكتە ئىكەن. ئۇنىڭ بىلدۈرىشچە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ كانادالىق قوللىغۇچىلىرى مەيلى قار، يامغۇر، […]

«9 نەپەر ئۆز قېرىندىشىمىز بۇگۈن كانادا كۆچمەنلەر مىنىستىرلىكى تەرىپىدىن كاناداغا كىلىدىغان 10،000 ئۇيغۇرنىڭ ئىھتىياجى بولغان رەسمىيەت ئىشلىرىنى بىجىرىش ئۈچۈن كەسپى تەربىيلىنىش قوبۇل قىلىشقا باشلىدى. مىللىتىمىزگە خەيرلىك بولسۇن.» مەمەت توختى،28-نويابىر