ئۆز ئارا مۇنازىرە قىلىش گەرچە ئىنسانلارنىڭ تارىختىن بىرى داۋام قىلىپ كىلىۋاتقان نورمال ئادەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ گەرچە ئادالەت دەۋىر سۈرگەن جەمىيەتتە نورمال داۋام قىلغان بولسىمۇ، بىراق دىكتارتۇرلۇق جەمىيەتتە ھەر خىل چەكلىمىلىرىگە ئۇچۇراپ كەلگەن.
ماقالىلار
ئۇيغۇر مىللىتىدە چەكسز يوشۇرۇن ھاياتى كۈچ بولۇپ، ئۇلار ئىلىم-پەن، سودا، مەدەنىيەتنىڭ تەرەققياتىدا، ھەتتا ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ بۇگۇنكى قۇتۇلۇش ۋە تىرىلىش ھەرىكىتىدە غايەت زور مۇھىم ئوينىيالايدۇ. ئەپسۇسكى، بۇ يوشۇرۇن كۈچنى مۇھاجىرەتتىكى «ئشەنچ ۋە مۇھەببەت كىرزىسى » بوغۇپ قويغان بولۇپ، ئۆز-ئارا گۇمان ۋە ئۆچمەنلىك تۆشەكتە كۆزىتىپ ياتقان كىشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا چېقىشتىن توساپ قويغان ئامىللارنىڭ بىرى.
دوگ باندوۋ Doug Bandow بولسا كاتو ئىنستىتۇتىنىڭ پېشقەدەم تەتقىقاتچىسى. ئۇ بۇرۇن رونالد رىگاننىڭ ئالاھىدە ياردەمچىسى بولغان ۋە ”تاشقى ھاماقەتلەر: ئامېرىكانىڭ يېڭى يەرشارى ئىمپېرىيىسى (Foreign Follies: America’s New Global Empire)“ قاتارلىق بىرقانچە كىتابنىڭ ئاپتورى بولغان.
خىتاي مەسىلىسىگە كەلگەندە، بىزنىڭ چىن چۈئەنگۇونى جازالىشىمىز توغۇرلۇق مەسلىھەتلەر بولدى. بۇنداق قىلىش گەرچە يىتەرلىك بولمىسىمۇ روگىننىڭ دىگىنىدەك » كۆزىمىزنى يۇمىۋالماسلىق» قارارىمىزنى نامايەن قىىلىشى مۇمكىن.
ئەپسۇس ئامېرىكانىڭ ئادالەتسىزلىكنى يوقىتىشقا بولغان ئۈمۈدى بىزنىڭ ئۇنى قىلىش ئىقتىدارىمىزدىنمۇ ھالقىپ كەتتى.
ھازىرغىچە بىزتوردىن يىغىپ ساقلىغان، خاس ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى سېغىنىپ ئىپادىلىگەن ۋىدىيو(گۇۋاھلىق ۋىدىيولىرى) تەكرارلانمىغاندا 26 پارچە بولدى. بۇنىڭ پايدىلىنىش قىممىتى بەك زور!
2018- يىلى فىۋرالدا خىتاي ھۆكۈمىتى رەسمى شەكىلدە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا «قايتا تەربىيەلەش» مەركەزلىرى يوق دەپ بايانات بەرگەن چاغدا گىرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادريان زېنز ئۇلارنىڭ بۇ باياناتىنىڭ يالغانلىقىنى ئىسپاتلاشنى قارار قىلغانىدى.
2019-يىلى 11-ئاۋغۇست، قەلبىم قېتىغا چوڭقۇر ئورۇنلىشىپ كەتكەن ئانا ۋەتەن ھىجران تۇيغۇلۇرىم بىلەن ئۆزۈمنى سۈنئىي خۇش قىلىپ كېلىۋاتقان 21-قۇربان ھېيتىم ئىدى. 11-ئاۋغۇست يەنە كۆز قارچۇقلىرىدىكى ھىجران ۋە كىمدۇر-بىرلىرىنى سېغىنىش، يۇرتسىزلىق،ۋەتەنسىزلىك ئازابلىرىنى يوشۇرۇلمىغان بىرەر يۈز مىللەتداش-قېرىنداشلىرىم بىلەن چىن- سەمىمىي قۇچاقلىشىپ « ھېيتىڭىز مۇبارەك بولسۇن !» دېيىشكەن كۈنۈم ئىدى.
1980-يىللاردا ئۇيغۇر ئەدەبىيات-سەنئىتىدە بىر مەزگىللىك قاينام-تاشقىنلىق مەنزىرە شەكىللەندى.
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقىنىڭ تۈركىيە جۇمھۇرىيتىنىڭ ئۇيغۇر كۆچمەنلەر سياستى ھەققىدىكى تۇنجى باياناتى ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2019-07-30 تۈركىيە -پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىككىنچى ۋەتىنى، ئۇيغۇرلار -ئۆزى تۈرك ،تۈرككە ئۆچمەنلىك قىلىش -ئۆزىگە ئۆچمەنلىك قىلىشتۇر ؛ ئۇيغۇرلار تۈرك خەلقنىڭ جانىجان بىر قېرىندىشى بولۇش سۇپىتى بىلەن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ خەلقئارا قانۇنغا ئاساسەن بارلىق ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولۇشى ئۇچۇن […]
شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ ھاياتىدا ۋە شەرقى تۈركىستان داۋاسىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇننى تۇتۇپ كەلگەن تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان مۇھىملىقىنى تېخىمۇ پەرق ئەتتۈرمەكتە. شەرقى تۈركىستانلىقلار بىلەن تۈركىيەلىكلەرنىڭ بىر مىللەت بولۇشى يەنى تۈرك بولۇشى يەنە بىر تەرەپتىن تارىختىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن دىنى ئەقىدە ۋەئۆرفى ئادەتلەرنىڭ بىردەكلىكى نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ شەرقى تۈركىستانلىقلار ئۈچۈن تۈركىيە ئىككىنچى ۋەتەن مەۋقەسىدە تۇرۇپ كەلدى ۋە كەلمەكتە. شەرقى تۈركىستانلىقلارنىڭ بۇ سۆيگۈ ۋە مۇھەببىتىمۇ ئاناتولىيەدىكى تۈركلەرنىڭ قارىنداشلىق بېغى بىلەن سۇنغان قوللىرىدىن مىننەت
ئۇيغۇر ئانا زىننەتگۈل تۇرسۇن ئىككى نارسىدە پەرزەنتى بىلەن قوشۇلۇپ بۇ يىل ئالتىنجى ئاينىڭ 27 – كۈنى تۈركىيىدىن تاجىكىستان ئارقىلىق خىتتايغا قايتۇرۇلغان[i]. ئۇنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرىۋاتقان ھەدىسى غۇلجىدا تۇرۇشلۇق ئانىسى بىلەن مىڭ تەستە ئالاقىلىشىپ، زىننەتگۈلنىڭ خىتتايغا قايتۇرۇلۇپ كېلىنگەندىن كېيىنلا يەرلىك خىتتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلگەنلىكى، ئىككى پەرزەنتىنىڭ كېسەل بولۇپ دوختۇرخانىدا ئىكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان. زىننەتگۈلنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى نامەلۇم.
شى جىنپىڭ ھىچكىمنىڭ گېپىنى ئاڭلىمايۋاتىدۇ. ئۇ تەيۋەن چوڭ قۇرۇقلۇق بىلەن چوقۇم بىرلىشىشى كېرەك ۋە بۇ ئىش ئەمەلگە ئاشىدۇدېدى. ئۇنىڭ بۇ گەپلەرنى قىلغاندىكى تەلەپپۇزى تەخىرسىز بولۇپ، بىرلىشىش مەسىلىسىنى يەنە بىر ئەۋلاتقا قالدۇرغۇدەك ھالدا كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ، دېدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئنسانى ھوقۇق كونسۇلىغا ھەق-ھوقۇقلىرى ختتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئادالەت ۋە ئنسانپەرۋەرلىك نۇقتسدىن ھەق سۆز قىلغان
-2019يىلى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى، خىتاي مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنىڭ يېقىنقى 30 يىل ئىچىدە ۋەتەن ئىلىپ بارغان ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلىقىدىن بىرى بولغان 5- ئىيۇل ئۈرۈمچى قىرغىنچىلىقىنىڭ 10 يىللىق خاتىرە كۈنىدۇر.
•خىتايدىن تۈركىيەگە، تۈركىيەدىن سۈرىيەگە كىرىش
(شائىر ئابدۇرېھىم پاراچ ئەپەندىمنىڭ يېقىندا ئىىستانبۇلدا نەشىر قىلىنغان «ھىجران تىنىقلىرى» ناملىق كىتابى ئۈچۈن يېزىلغان بېغىشلىما) ئۆز ۋەتىنىدىن ئايرىلىپ سۈرگۈنگە مەجبۇر بولغان كىشىلەر مەڭگۈ بەختلىك بولالمايدۇ، شۇ ۋەجىدىن يۈرەكلىرى قان بولغان ئۇيغۇرلار ئۇچۇن، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە ئۇيغۇر ۋەتىنىنىڭ ھۆرلىكى ئۇچۇن قەلەم تەۋرەتكەن ھەر بىر قەلەم ئىگىسىگە ۋەتەندىن ئايرىلىش ھىجرانى ئەبەدىي تېمادۇر. […]
1989- يىلى 6- ئاينىڭ 4- كۈنى سەھەردە خىتاي ھۆكۈمىتى قۇراللىق ئارمىيەگە بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى قۇراللىق باستۇرۇپ، كەم دىگەندە نەچچە يۈزلىگەن ئادەمنىڭ جىنىغا زامىن بولغان. بۇ يىل 30- ماي، ئامرىكا دۆلەت مەجلىسى باياناتچىسى مەزكۇر ۋەقەنى :«زور قىرغىنچىلىق»دەپ سۈپەتلىدى.
بۇ
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2018-يىلى 5-مايدا ۋاشنگىتوندا قۇرۇلغان تاپاۋەتسىز ئورگان، 10 خىل تىل-يېزىقتا ئۇيغۇرلار ھەققىدە خەۋەر تارقىتىدىغان مۇستەقىل ئاخبارات ئورگىنى بولۇپ، ئۇيغۇر ئۈچۈن بولۇش، ھەققانىي بولۇش، توغرا بولۇشتىن ئىبارەت ئۈچ شۇئارنى نىشان قىلغان.
دىن ۋە بىلىم مۇناسىۋىتى تېمىسى بۈگۈنمۇ بۇرۇنقىغا ئوخشاشلا تەپەككۇر تارىخىنىڭ قىزىق تېمىلىرىدىن بىرى بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. بۇ تېما بىلىم، پەلسەپە ۋە دىنىي ئىلىملەر بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭلا ئەمەس جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھەسىدىكى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلماقتا