بۆلەكلەر زەنجىرى ۋە بىتكوين

بۆلەكلەر زەنجىرى تېخنىكىسىنى تېخىكا ئاساس قىلغان بىتكوين يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئىنتايىن ئۆسۈپ كەتتى ، ئەڭ دەسلەپكى 0.008 دوللاردىن ھازىر 31200 دوللارغا يېقىنلاشتى ، مۇشۇنداق باھا ئۆرلەپ ،سانسىزلىغان مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قىزغىن نەزىرىنى جەلپ قىلدى .

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

 

تۇيغۇ

 

مەنبە ( hellobtc )

 

2021-01-04

 

    بۆلەكلەر زەنجىرى تېخنىكىسىنى تېخىكا ئاساس قىلغان بىتكوين يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئىنتايىن ئۆسۈپ كەتتى ، ئەڭ دەسلەپكى 0.008 دوللاردىن ھازىر 31200 دوللارغا يېقىنلاشتى ، مۇشۇنداق باھا ئۆرلەپ ،سانسىزلىغان مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قىزغىن نەزىرىنى جەلپ قىلدى .

 

    بۇ ماقالىنى ئاچقانلار دەۋر ئېقىمىغا ئەگىشىپ، ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان كىشىلەر .

 

    بۇنىڭدىن ئىلگىرى ، بىز ئاخبارات ئۇچۇرى ياكى دوستلار بىلەن پاراڭلىشىش ئارقىلىق بىتكويىن ۋە بۆلەكلەر زەنجىرىنى چۈشەندۇق .لېكىن ، بۇنداق چۈشىنىش كۆپىنچە ھاللاردا يۈزەكى ھەتتا خاتا بولىدۇ .

 

    بۈگۈن بۇ يازمىدا كۆپچىلىكنىڭ بۆلەكلەر زەنجىرى توغرىسىدىكى بىلىم سىستېمىسى رامكىسىنى تېز ۋە ئېنىق بەرپا قىلىشىغا ياردەم بەرمەكچى .

 

بۆلەكلەر زەنجىرى تېخنىكىسىنىڭ مەشغۇلات پىرىنسىپى ئۇنىڭ قىممەت يەتكۈزۈش ، ئىناۋەت يارىتىشتەك غايەت زور ئەۋزەللىككە ئىگە ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن بولۇپ ، ئىنتېرنېت تورىنىڭ پەقەت ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئىقتىدارىلا بارلىقىدەك يېتەرسىزلىكىنى تولۇقلايدۇ .

 

    بىز بۇ نۇقتىدا تۇرۇپ ، بۆلەكلەر زەنجىرى ئىنتېرنېت تورىنى ئاساس قىلغان ئۇلۇغ يېڭىلىق ، كەلگۈسىدىكى ئىقتىدارى تېخىمۇكۈچلۈك بولغان يېڭى بىر ئەۋلاد ئىنتېرنېت تورى دەپ قارىساق بولىدۇ .

 

    « بۆلەكلەر زەنجىرىنى رەسىملىك چۈشەندۈرۈش »بولسا كەسىپ ئەھلى  شۈ مىڭشىڭ  ، تيەن يىڭ بىلەن لى جىيۆ بىرلىكتە ئىجاد قىلغان كەسىپ ئەسىرى . بۇ كىتابنىڭ تىلى ئاممىباب ھەم قىزىقارلىق بولۇپ ، ھېكايە شەكلى ئارقىلىق كۆپچىلىكنى زوق – شوخ بىلەن بۆلەكلەر زەنجىرىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان ، شۇڭا كەسىپ ساھەسىدىكىلەر ئۇنى بۆلەكلەر زەنجىرى ساھەسىدىكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئوقۇشلۇقى دەپ تەرىپلىگەن .

 

    بىزنىڭ چۈشەندۈرۈشىمىزنىڭ مۇھىم نۇقتىسى :بۆلەكلەر زەنجىرىدىن ئىبارەت بۇ يېڭى تېخنىكىنى تەتقىق قىلىپ ، كەلگۈسىدە ئىنتېرنېت تورىغا ئوخشاش كۈچلۈك تېخنىكا ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ ، پۈتۈن دۇنيانى ئۆزگەرتىش ئېھتىماللىقى توغرىسىدا توختىلىش .

 

    تۆۋەندە مۇنداق تۆت جەھەتتىن چۈشەندۈرىمىز :

 

بىرىنچى ، بۆلەكلەر زەنجىرىنىڭ زادى قانداق رولى بار ؟

 

ئىككىنچى ، بۆلەكلەر زەنجىرىنىڭ مەشغۇلات پىرىنسىپى نېمە ؟

 

ئۈچىنچى ، قايسى ئادەم ۋە ئىشلار بۆلەكلەر زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى ؟

 

تۆتىنچى ، بۆلەكلەر زەنجىرى كەلگۈسىدە ئۆزكارامىتىنى كۆرسىتەمدۇ ؟

 

بىرىنچى

 

 بۆلەكلەر زەنجىرىنىڭ زادى قانداق رولى بار ؟

 

    1. بۆلەكلەر زەنجىرى دېگەن نېمە ؟

 

    بۆلەكلەر زەنجىرى ئەمەلىيەتتە بىر يېڭىتىپتىكى ئېلېكترونلۇق ھېسابات دەپتىرى .

 

    بوغالتىر ئارقىلىق ھېسابات قىلىش ئەنئەنىۋى ھېساب خاتىرىلەش شەكلى بولۇپ  ،  ئاسانلا ساختا ھېسابات قىلىش خەۋپ – خەتىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . بۇنداق ھېساب خاتىرىلەش شەكلىدە مۇقەررەر ھالدا ئىناۋەت مەسىلىسى مەۋجۇت !

 

    ئۇ بۆلەكلەر زەنجىرى ئىناۋەت مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىدۇ ؟ بىز ئاددىي مىسال ئالايلى . ئەگەر بىر ئائىلىدە ئاتا ئۆزى يالغۇز ھېسابات قىلىدىغان بولسا ، ئۇ بىر نەچچە قاپ تاماكىنى ئوغۇرلۇقچە سېتىۋېلىپ ئانىنىڭ تىللىشىدىن قورقۇپ ھېسابنى خاتىرىلىمەسلىكى مۇمكىن . لېكىن ، ئەگەر ئائىلە ئەزالىرى بىرلىكتە ھېساب خاتىرىلىسە ، مانا بۇ ئوچۇق – ئاشكارا ھېسابات دەپتىرى بولۇپ ، ھېسابات دەپتىرىنىڭ مەزمۇنىنىڭ چىنلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ ھەمدە ئۇنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ . بۇنىڭ بىلەن ئىناۋەت مەسىلىسىنى ئاسانلا ھەل بولىدۇ .

 

 بۆلەكلەر زەنجىرىنىڭ بۇ خىل ھېساب خاتىرىلەش شەكلى تەقسىملەنمە ئورتاق بەھرىلىنىدىغان ھېسابات دەپتىرى دەپ ئاتىلىدۇ ، ئۇنىڭ ئۈچ ئالاھىدىلىكى بار .

 

    بىرىنچى ، ھېسابات دەپتىرىنىڭ چەكسىز چوڭ بولىدۇ ؛

 

    ئىككىنچى ، ھەربىر رايونغا شىفىر قوشۇلغان ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بىردىنبىر ۋاقىت تامغىسى بولىدۇ ؛

 

    ئۈچىنچى ، مەركەزسىزلەشتۈرۈلگەن  ، ھەممە ئادەم ھېسابات خاتىرىلەشكە قاتناشسا بولىدۇ .

 

    2. بۆلەكلەر زەنجىرى نېمە ئىش قىلالايدۇ ؟

 

    بۆلەكلەر زەنجىرىنىڭ ئەڭ چوڭ رولى قىممەت يەتكۈزۈش ۋە ئىناۋەت يارىتىش .

 

    ئەگەر ئىنتېرنېت تورى ئۇچۇر يەتكۈزىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول دېيىلسە ، ئۇنداقتا بۆلەكلەر زەنجىرى قىممەت يەتكۈزىدىغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريول بولۇپ ، ئۇ نۇقتىدىن نۇقتىغا قىممەت ئالماشتۇرىدۇ .

 

    ھازىر بىز( ترەنديول )دىن يەنى توردىن نەرسە سېتىۋالغاندا تىرەنديولدىن ئىبارەت ئۈچىنچى ئورۇن كېپىل بولۇشى كېرەك .بۆلەكلەر زەنجىرى دۈنياسىدا بولسا سىز پۇلنى بىۋاستە دۇكاندارغا بەرسىڭىز بولىدۇ،كۆپچىلىك بىرلىكتە ھېسابات خاتىرىلەپ پۈتۈن سودا جەريانىنىڭ ئاشكارىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىپ ، ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچ مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ .

 

    ماھىيەتتىن ئېيتقاندا ، بۆلەكلەر زەنجىرى ئىنتېرنېت تورىغا ئوخشاش ، ھەممىسى ئاساسىي قاتلام  تېخنىكىسى . داڭلىق ئىقتىساد ژۇرنىلى « ئىقتىسادشۇناس » دا بۆلەكلەر زەنجىرى تېخنىكىسىغا مۇنداق باھا بېرىلگەن : بۆلەكلەر زەنجىرى ئىشەنچ يارىتىدىغان سىستېما بولۇپ ، بۆلەكلەر زەنجىرى ئەڭ يادرولۇق  مەسىلە ئىناۋەت ئورتاق تونۇشى مەسىلىسىنى ھەل قىلىدۇ .

 

    يىغىپ ئېيتقاندا بۆلەكلەر زەنجىرىنىڭ بارلىققا كېلىشى كىشىلەرنىڭ ئىنتېرنېت تورىدىكى قىممەت يەتكۈزۈش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ ، تەقسىملەنمە شەكىلدىكى ھېسابات دەپتىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش شەكلى ئارقىلىق ، ئاشكارا ، قايتماس قاتارلىق ئالاھىدىلىك ئارقىلىق ئىناۋەت يارىتىلىپ ،مەركەزسىزلەشتۈرۈلۈپ ، نۇقتا بىلەن نۇقتا ئوتتۇرىسىدىكى قىممەت ئالماشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرىدۇ .

 

 

 

ئىككىنچى

 

 بۆلەكلەر زەنجىرىنىڭ مەشغۇلات پىرىنسىپى نېمە ؟

 

    بۆلەكلەر زەنجىرى   كۆپچىلىك بىرلىكتە ھېسابات خاتىرىلىشىگە   قاتناشقاندىلا ، ئاندىن داۋاملىق يۈرگۈزۈلگىلى   بولىدۇ .

 

    ئۇنداقتا ، كۆپچىلىك نېمە ئۈچۈن سىزگە خاتىرىلەپ بېرىدۇ ؟

 

    سەۋەبى ناھايىتى ئاددىي ،چۈنكى  ھېسابات خاتىرىلىسىلا بىتكوين تاپقىلى بولىدۇ . شۇڭا ، ھېساب خاتىرىلەش پائالىيىتى بۆلەكلەر زەنجىرىدىكى دۇنيادا كان قېزىش دەپ ئاتىلىدۇ  .

 

  مەسىلەن ، A كىشىBغا 10مىڭ لىرا پۇل قەرز بەرسە ، C ئەگەر بىرىنچى بولۇپ خاتىرىلىگەن ئادەم بولسا مۇكاپاتقا ئېرىشەلەيدۇ ؛ ئاندىن سىستېما بۇ خاتىرىنىڭ ئالدىغا بىر كود قوشۇپ ئېلان قىلىدۇ ؛ D ئەگەر تۇنجى خاتىرىلىگۈچى بولسا مۇكاپاتلىنىدۇ ، سىستېما ئوخشاشلا بۇ مۇئامىلە خاتىرىسىنىڭ كودىنى ئېلان قىلىدۇ ، مۇشۇ تەرتىپ بويىچە ماڭىدۇ .مۇكاپاتلاش مېخانىزىمى كىشىلەرنىڭ ھېسابات خاتىرىلەشكە قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ  ، ھەر بىر قېتىملىق سودا سانلىق مەلۇماتىغا ۋاقىت تامغىسى بېسىلىپ ، سودىنىڭ بىردىنبىر ۋە چىنلىقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ .

 

 

 

بۆلەكلەر زەنجىرى بىلەن نۇقتىدىن نۇقتىنىڭ قىممىتىنى يۆتكەشتە ،ئاممىۋى ئاچقۇچ بىلەن شەخسىي ئاچقۇچ ئارقىلىق سالاھىيىتىنى پەرقلەندۈرۈش كېرەك . مەسىلەن ، ئالىم  ئەركىنگە ئۆزىنىڭ ئالىم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولسا ، ئالىم پەقەت شەخسىي ئاچقۇچ بىلەن ھۆججەتنى شىفىرلاشتۇرغاندىن كېيىن ئەركىنگە ئەۋەتىپ بېرىدۇ ، ئەركىن تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئالىم ئېلان قىلغان ئاممىۋى ئاچقۇچ ئارقىلىق شىفىرنى يېشىدۇ . ئەگەر يېشەلىسە ،ئالىمنىڭ ئالىم ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ . بۇ جەرياندا ئاممىۋى ئاچقۇچنى كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئىشلىتەلەيدۇ ، شەخسىي ئاچقۇچنى پەقەت ئۆزىلا ئىشلىتەلەيدۇ ، بۇنداق سىممېترىكسىز شىفىرلاشتۇرۇش ئۇسۇلى نۇقتا – نۇقتا شەكلىدىكى سودىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىدۇ.

 

   1. بۆلەكلەر زەنجىرىنىڭ خىزمەت ئەندىزىسى

 

    بىز A بىلەن B ئوتتۇرىسىدا بىر سودىنى باشلىساق ، A بۆلەكلەر زەنجىرى دۇنياسىدا  رادىئو شەكلىدە بارلىق ئابونتلارغا ئۇنىڭ بىر سودىسى بارلىقىنى ئۇقتۇرىدۇ . ئاندىن ، ئابونتلار ئۇچۇر خاتىرىلەشتە مۇكاپات بولغانلىقى ئۈچۈن ، بۇ ئۇچۇرنى خاتىرىلەيدۇ ھەمدە بۇ ئۇچۇرنى بۆلەكلەر زەنجىرىدىن ئىبارەت چەكسىز چوڭ ئېلېكترونلۇق ھېسابات دەپتىرىگە قوشۇپ قويىدۇ .

 

 ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا ، بۆلەكلەر زەنجىرى ئاشكارا ، تەقسىملەنمە سانلىق مەلۇمات ئامبىرى بولۇپ ، مەركەزسىزلەشتۈرۈش ، مۇتلەق ئىناۋەت ، كوللېكتىپ قوغداش ، ئىشەنچلىك سانلىق مەلۇمات ئامبىرىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ ئالاھىدىلىككە ئىگە .

 

    2. بۆلەكلەر زەنجىرىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلمىسى

 

    بۆلەكلەر زەنجىرىنىڭ قۇرۇلمىسى ئالتە قەۋەتتىن تەركىب تاپقان ھەمدە بىر – بىرىنى تىرەپ ، بىر گەۋدە بولۇپ تۇرىدۇ  .

 

  سانلىق مەلۇمات قاتلىمى : بۆلەكلەر زەنجىرىنىڭ ئايلىنىشى ۋە بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولىدۇ ؛

 

    تور قاتلىمى : بۆلەكلەر زەنجىرىدىكى ھەر قايسى تۈگۈنلەر ئارىسىدىكى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ ؛

 

    ئورتاق تونۇش قاتلىمى : نۇقتا – نۇقتا ئەندىزىسىنى ئۈنۈملۈك پەرقلەندۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ ؛

 

    رىغبەتلەندۈرۈش قاتلىمى : كۆپچىلىكنى ئۇچۇر خاتىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ ؛

 

    توختام قاتلىمى : سودا ئۇسۇلى ۋە تەرتىپنىڭ تەپسىلاتىنى بەلگىلەشكە مەسئۇل بولىدۇ ؛

 

    قوللىنىش قاتلىمى : تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك ئەمەلىي كۆرۈنۈشلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ .

 

  سانلىق مەلۇمات قاتلىمى : بۆلەكلەر زەنجىرىنىڭ ئايلىنىشى ۋە بىخەتەرلىكىگە مەسئۇل بولىدۇ ؛

 

    تور قاتلىمى : بۆلەكلەر زەنجىرىدىكى ھەر قايسى تۈگۈنلەر ئارىسىدىكى ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ ؛

 

    ئورتاق تونۇش قاتلىمى : نۇقتا – نۇقتا ئەندىزىسىنى ئۈنۈملۈك پەرقلەندۈرۈشكە مەسئۇل بولىدۇ ؛

 

    رىغبەتلەندۈرۈش قاتلىمى : كۆپچىلىكنى ئۇچۇر خاتىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ ؛

 

    توختام قاتلىمى : سودا ئۇسۇلى ۋە تەرتىپنىڭ تەپسىلاتىنى بەلگىلەشكە مەسئۇل بولىدۇ ؛

 

    قوللىنىش قاتلىمى : تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك ئەمەلىي كۆرۈنۈشلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ .

 

    3. بۆلەكلەر زەنجىرى ئاساسىي تىپى

 

    بۆلەكلەر زەنجىرىنىڭ ئۈچ خىل ئاساسىي تىپى بار :

 

    ئومۇمىي زەنجىر دېگىنىمىز ، ئۇچۇرنىڭ ھەممە ئادەمگە پۈتۈنلەي ئاشكارا بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ ؛

 

    خۇسۇسىي زەنجىر ئۇچۇرنى مۇئەييەن ئادەمگىلا ئاشكارىلاشنى كۆرسىتىدۇ ؛

 

   ئىتتىپاق زەنجىرى دېگىنىمىز ، ئوخشاش ساھەدىكى كىشىلەر ئىتتىپاق تۈزۈپ ھەمكارلىشىشنى كۆرسىتىدۇ ، ئۇچۇر پەقەت ھەمكارلاشقۇچىلارغا ئاشكارىلىنىدۇ .

 

    بۆلەكلەر زەنجىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ ، تېخىمۇ كۆپ شەكىللەر بارلىققا كېلىدۇ .

 

    4. رايون زەنجىرى تەرەققىيات تارىخى

 

    بۆلەكلەر زەنجىرىنىڭ تېخنىكا تەرەققىياتىنى ئۈچ باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ .

 

    بىرىنچى ، بۆلەكلەر زەنجىرى 1.0 : بۇ بىتكوين ۋەكىللىكىدىكى پروگراممىلىنىدىغان تەڭگىنى ، يەنى كۆپىنچە رەقەملىك پۇل ساھەسىدە يېڭىلىق يارىتىشنى كۆرسىتىدۇ ؛

 

    ئىككىنچى ، بۆلەكلەر زەنجىرى 2.0 : بۆلەكلەر زەنجىرى ئاساسىدىكى پروگراممىلىنىدىغان پۇل مۇئامىلە ، كۆپىنچە توختام ، سودا جەھەتتىكى يېڭىلىق يارىتىشنى كۆرسىتىدۇ ؛

 

    ئۈچىنچى ، بۆلەكلەر زەنجىرى 3.0 : بۆلەكلەر زەنجىرىنىڭ ئۈستىدە پروگرامما يۈرگۈزۈش ، يەنى بۆلەكلەر زەنجىرىنىڭ باشقا ساھەلەردە قوللىنىلىشى ، كۆپىنچە ئىنسانلارنىڭ تەشكىلىي شەكلى جەھەتتىكى يېڭىلىق يارىتىشنى كۆرسىتىدۇ .

 

  بۇنى بۆلەكلەر زەنجىرىنىڭ تەرەققىيات پىلانى دەپ قاراشقا بولىدۇ ، بارلىققا كەلگەندىن تارتىپ ئۆسۈپ يېتىلىشكىچە بولغان جەريان گەرچە جاپالىق بولسىمۇ ، يەنىلا ئاخىرقى نىشانغا يىراق . لېكىن شۇنى ئېتىراپ قىلماي بولمايدۇكى ، بۆلەكلەر زەنجىرى بىر خىل تېخنىكا بولۇش سۈپىتى بىلەن غايەت زور تەرەققىيات بوشلۇقى ۋە كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان كەلگۈسىگە ئىگە.

 

    ھازىر بۆلەكلەر زەنجىرى، چوڭ سانلىق مەلۇمات ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار بىلەن قوشۇلۇپ ئىنتېرنېت تورى پۇل مۇئامىلىسىنىڭ يېڭى دەۋر دەرۋازىسىنى ئاچىدىغان ئۈچ ئاچقۇچ بولۇپ قالدى .

 

   5. بۆلەكلەر زەنجىرى ئورتاق تونۇش مېخانىزمى

 

    ئورتاق تونۇش مېخانىزمى مەلۇم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ . بۇ چاغدا بىر قىزىقارلىق ھېكايە يەنى ۋىزانتىيە گېنېرال مەسىلىسىنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ .

 

    قەدىمكى زاماندا ۋىزانتىيە قۇدرەتلىك دۆلەت بولۇپ ، ئەتراپىدا ئون كىچىك دۆلەت بار ئىدى . ئەگەر ئون كىچىك دۆلەت ۋىزانتىيەگە ھۇجۇم قىلماقچى بولسا ، چوقۇم ئىتتىپاق تۈزۈشى ھەمدە ئاز دېگەندە ئالتە كىچىك دۆلەت ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشى كېرەك ؛ ئەكسىچە بولغاندا ۋىزانتىيە تەرىپىدىن يوقىتىلىدۇ .

 

    بۇ يەردە نۇقتا بىلەن نۇقتا ئوتتۇرىسىدىكى ئورتاق تونۇش مەسىلىسى مەۋجۇت ، يەنى ۋىزانتىيەگە بىرلىكتە ھۇجۇم قىلىشنى بېكىتكىلى بولامدۇ ؟

 

 بۆلەكلەر زەنجىرىنىڭ ئورتاق تونۇش مېخانىزمى ناھايىتى كۆپ ، بىز ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئۈچ خىل ئورتاق تونۇش مېخانىزمى ، خىزمەت مىقدارى ئىسپاتى ، ھوقۇق – مەنپەئەت ئىسپاتى ۋە پاي ھوقۇقى ئىسپاتىنى نۇقتىلىق چۈشەندۈرىمىز .

 

          خىزمەت مىقدارى ئىسپاتى (P O W ) : نەتىجە ئارقىلىق ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغان – قىلمىغانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ . بۆلەكلەر ھاسىل بولۇش جەريانىدا خاشى قىممىتى ئارقىلىق ئۇلىنىدۇ . بۆلەك پويىز ساندۇقى ، خاشى قىممىتى پويىز ساندۇقىنى تۇتاشتۇرىدىغان تۈگۈن ، ئەگەر بۆلەكلەر ئۆزئارا تۇتاشسا ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ ، ئەكسىچە بولغاندا ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغىلى بولمايدۇ . خاشى قىممىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ ، ئۇزۇن بولۇپ ، نۇرغۇن قېتىم ھېسابلاشقا توغرا كېلىدۇ . توغرا ھېسابلىغىلى بولامدۇ يوق ، بۇ تۈگۈننىڭ ھېسابلاش ئىقتىدارىغا باغلىق . ھالبۇكى ، بۇ ھېسابلاش جەريانى كان قېزىش جەريانىدۇر .بىت تەڭگىسى مۇشۇ خىل ئورتاق تونۇش مېخانىزمىنى قوللانغان .

 

           ھوقۇق – مەنپەئەت ئىسپاتى ( P O S ) : خىزمەت مىقدارى ئىسپاتىنىڭ ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن، ھېسابلاش سۈرئىتى تېزلىتىلگەن ، لېكىن يەنىلا كان قېزىلىدۇ .

 

پاي ھوقۇق بېرىش ئىسپاتى ( D P O S ) : تۈگۈن ئارقىلىق سايلام ئارقىلىق بىرقانچە ۋاكالەتچى سايلىنىدۇ ، ۋاكالەتچى دەلىللەش ۋە ھېساب خاتىرىلەشكە مەسئۇل بولىدۇ . بۇنىڭ بىلەن دەلىللەش ۋە ھېساب خاتىرىلەشكە قاتنىشىدىغان  تۈگۈن زور دەرىجىدە كىچىكلەپ ، ئورتاق تونۇشنى دەلىللەش سۈرئىتىمۇ زور دەرىجىدە تېزلىشىدۇ .ئىئوس مۇشۇ خىل ئورتاق تونۇش مېخانىزمىنى قوللانغان.

 

 

 

ئۈچىنچى

 

 قايسى ئادەم ۋە ئىشلار بۆلەكلەرزەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى ؟

 

    نۇرغۇن كەسپىي بىلىملەرنى سۆزلەپ بولغاندىن كىيىن، تۆۋەندە ئۆزىمىزنى ئەركىن تۇتۇپ ، قىزىقارلىق ئىشلارنى سۆزلىشەيلى .

 

  1.  دەۋر تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىشلار

 

1982 – يىلى ئىلىم ساھەسىدىكىلەر ۋىزانتىيە گېنېرالى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ؛

 

1982 – يىلىدىن 1988 – يىلىغىچە داۋىد جوم شەخسىي بىخەتەرلىكىگە ئەھمىيەت بېرىدىغان شىفىرشۇناسلىق تور چىقىم سىستېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى ؛

 

1990 – يىلى P a x o s ھېسابلاش ئۇسۇلى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ؛

 

1997 – يىلى ئادام باك خاشى نەق پۇل تېخنىكىسىنى كەشىپ قىلدى ؛

 

2008 – يىلى 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ساتوشى ناكاماتو(جوڭبېنسۇڭ) بىتكوين ئاق تاشلىق كىتابى « بىت تەڭگىسى  : بىر خىل نۇقتا – نۇقتا بولغان ئېلېكترونلۇق نەقپۇل سىستېمىسى » نى ئېلان قىلدى ؛

 

2009 – يىلى 1 – ئاينىڭ 4 – كۈنى ساتوشى ناكاماتو بىتكوين دۇنيا بويىچە تۇنجى رايون بۆلىكىنى ، يەنى دۇنيا بەرپا قىلىش بۆلىكىنىبەرپا قىلدى ؛

 

2009 – يىلى 1 – ئاينىڭ 11 – كۈنى بىتكوين ئابونىت تېرمىنالىنىڭ  1.0نەشرى ئېلان قىلىندى ؛

 

2009 – يىلى 1 – ئاينىڭ 12 – كۈنى تۇنجى بىتكوين سودىسى قىلىندى ؛

 

2010 – يىلى 7 – ئاينىڭ 12 – كۈنى  G P U ئارقىلىق كان قېزىش باشلاندى ؛

 

2010 – يىلى 12 – ئاينىڭ 16 – كۈنى بىتكوين كان كۆلچىكى بارلىققا كەلدى ؛

 

2011 – يىلى 6 – ئاينىڭ 29 – كۈنى تۇنجى بىتكوين ئېلېكترونلۇق ھەمياننى بارلىققا كەلدى ؛

 

2012 – يىلى 9 – ئاينىڭ 27 – كۈنى بىتكوين  فوندى جەمئىيىتى قۇرۇلدى ؛

 

 . . .

 

    قىزىقىدىغان ئوقۇرمەنلەر تېخىمۇ تەپسىلىي تەرەققىيات تارىخىنى ئىزدىنىپ باقسا بولىدۇ ،تارىختىن قارىغاندا ، بىز بىتكوينىنىڭ  بارغانسىرى دۇنيانىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى ھېس قىلالايمىز ، بۆلەكلەر  زەنجىرى تېخنىكىسىنى  رەت قىلغانلىقىمىز كەلگۈسىنى رەت قىلغىنىمىز دېسەك قەتئىي مۇبالىغە ھېسابلانمايدۇ .

 


    2.  دەۋرئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلغان كىشىلەر

 

    ھالبۇكى ، دەۋر تارىخىي مۇساپىسىدە ، تەبىئىي ھالدا دەۋرنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرغان بەزى باشلامچىلار مەيدانغا كەلدى ، ئۇلار  بۆلەكلەر زەنجىرى تېخنىكىسىنى نەزەر دائىرىمىزگە باشلاپ كىرىپ ، پۈتكۈل دۇنيانى تەدرىجىي ئۆزگەرتىۋاتىدۇ . ۋاقىت  ئۆتكەنسىرى ، بۇ بەش قالتىس ئادەم تارىخ بېتىدىن ئورۇن ئالدى .

 

    بىرىنچى كىشى :

 

    بىتكويننىڭ ياراتقۇچىسى  ، ساتوشى ناكاماتو(جوڭبېنسۇڭ)  .

 

    2008 – يىلى 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ، ساتوشى ناكاماتو(جوڭبېنسۇڭ)  « بىتكوين  : بىر خىل نۇقتا – نۇقتا بولغان ئېلېكترونلۇق نەقپۇل سىستېمىسى » نى ئېلان قىلىپ ،بىتكوين ۋە بۆلەكلەر زەنجىرى دەۋرىنى ئاچتى. شۈبھىسىزكى ، ساتوشى ناكاماتو دۇنيانى ئۆزگەرتتى . ئىنسانىيەت تارىخىدا ، ئۇ تۇنجى بولۇپ شەخسنىڭ ئىقتىدارىغا تايىنىپ بىر خىل يېڭى تىپتىكى پۇلنى ياراتقان ئادەم . ئەمما ساتوشى ناكاماتو سىرلىق ھالەتنى ئىزچىل ساقلاپ كەلدى ، خۇددى رىۋايەتلەردىكىدەك  ئۆزىنى كۆرسەتمىدى ، ھەتتا نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىشمۇ ئۇنى پەيدا قىلالمىدى . دۇنيادا ئۇنىڭ ناھايىتى پەلسەپىۋىلىك بىر جۈملە ھېكمەتلىك سۆزى كەڭ تارقالغان ،ئۇ بولسىمۇ  « بىز ھەممىمىزساتوشى ناكاماتو  » .

 

    ئىككىنچى كىشى :

 

    تېخنىكا ياردەمچىسى نىك سابو

 

    ئۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق توختامنى كەشىپ قىلغان.

 

    ئۇ مال سېتىش ماشىنىسىنىڭ ئىلھامىغا ئاساسەن، ئەقلىي ئىقتىدارلىق توختام ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويغان . «بۆلەكلەر زەنجىرىنى رەسىملىك چۈشەندۈرۈش»تىكى بىر سۆز ئۇ كەشىپ قىلغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق كېلىشىمنىڭ  بۆلەكلەر زەنجىرى كەسپىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشىدىكى غايەت زور تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ .بۇ سۆز:  دەرەختىن چۈشۈپ كەتكەن « تەڭرىنىڭ ئالمىسى » نىيۇتوننى ئويغىتىپ نىيۇتوننىڭ ھەرىكەت قانۇنىنى بايقاشقا تۈرتكە بولغان .  بۆلەكلەر زەنجىرى ساھەسىدە ،  بىر ئادەمنى ئاپتوماتىك مال سېتىش ماشىنىسى « ئويغاتتى » ، ئۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق توختامنى كەشىپ قىلدى .

 

  ئۈچىنچى كىشىلەر  :

 

    ۋال سترېت كوچىسىدىكى باتۇر پۇل مۇئامىلە ئەمەلىيەتچىسى ،  ئايال داھىي بلاس ماستېر .

 

    بلاس ماستېر ئىزچىل بۆلەكلەر زەنجىرى تېخنىكىسىنى ۋال سترېت كوچىسىدىكى ئىگىلىك تىكلەش شىركىتىگە ئىشلىتىش ئۈستىدە ئىزدەنگەن .  ئۇنىڭ ۋال سترېت كوچىسىدا غايەت زور نامى بولغاچقا ، ئۇنىڭ تاللىشى ۋە ئىنتىلىشى ئەنئەنىۋى پۇل مۇئامىلە كەسپىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەن بۇلىشى مۇمكىن .

 

 تۆتىنچى كىشى :

 

    باتۇر تەشۋىقاتچى ئاندىرسون

 

    ئۇ «نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى » دە بىت تەڭگىسى مەخسۇس بېتىنى  يازغان يازغۇچى بولۇپ ، قەلىمى كۈچلۈك بولغاچقا ، « ئىنتېرنېت تورىغا ئوت تۇتۇشتۇرغان كىشى » دەپ ئاتالغان . پاي ئىلاھى بافىت مەبلەغ سالغۇچىلارنى بىتكويندىن يىراق تۇرۇشقا ئاگاھلاندۇرغاندا ئۇ غەزەپلەنگەن ھالدا «قېرى جاھىل ، ئۇلار بىلمەيدىغان يېڭى تېخنىكىغا ئەزەلدىن قۇرۇق گەپ قىلىدۇ »دەپ جاۋاپ قايتۇرغان . قىسقىسى ، ئۇ ئۆتكۈر كۆزىتىش ئىقتىدارى ۋە كۈچلۈك جاسارەتكە ئىگە پىكىر داھىيسى بولۇپ ، بۆلەكلەر زەنجىرىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە كۆرسەتكەن  تۆھپىسىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ .

 

     باي قوللىغۇچى بارى ھىلبېرت.

 

    ئۇ رەقەملىك پۇل گۇرۇھى ( D C G ) نىڭ C E O سى بولۇپ ، ئۇ بۆلەكلەر زەنجىرىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىدۇ ، ھەممە يەردە بۆلەكلەر زەنجىرىگە مۇناسىۋەتلىك شىركەت ،كارخانىلارنى سېتىۋالىدۇ ۋە مەبلەغ سالىدۇ . ئۇ بىت تەڭگىسى ۋە بۆلەكلەر زەنجىرى تېخنىكىسىنىڭ« سادىق مۇخلىسى » بولۇپ ، ئۆزىنىڭ  سېتىۋېلىش ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئېتىقادىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان . ئۇ مۇنداق دېگەن : بىزنىڭ نىشانىمىز تېخىمۇ ياخشى پۇل مۇئامىلە سىستېمىسىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش دەل مۇشۇ تارىخىي دولقۇنلىرىدۇنيانىڭ تەرەققىياتىنى ئۇچقاندەك ئىلگىرى سۈرمەكتە  .

 

تۆتىنچى

 

 بۆلەكلەر زەنجىرى كەلگۈسىدە ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتەمدۇ ؟

 

    بەلكىم بىز بۆلەكلەر زەنجىرى بىلەن  بىتكوين ئارقىلىق تۇنۇشقان ، لېكىن بۆلەكلەر زەنجىرى تېخنىكىسىنى ئەستايىدىل كۆزەتسىڭىز ، تېخىمۇ چوڭ دۇنيانى بايقايسىز . بۆلەكلەر زەنجىرى مۇستەقىل بولغان  تېخنىكا بولۇش سۈپىتى بىلەن ، تەدرىجىي ھالدا غايەت زور يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرۇپ  ، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كەڭ قوللىنىش بوشلۇقىغا ئىگە بولىدۇ . نۆۋەتتە ، بارلىق كەسىپلەر بۆلەكلەر زەنجىرى بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ . كەلگۈسىدە ، ئۇ سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز بىلەن بىر گەۋدە بولۇپ كېتىدۇ .

 

 1. بۆلەكلەر زەنجىرى + پۇل مۇئامىلە : بۆلەكلەر زەنجىرى + بانكا ، بۆلەكلەر زەنجىرى +خەلقىرالىق  چىقىم قىلىش ، بۆلەكلەر زەنجىرى + تەمىنلەش زەنجىرى، بۆلەكلەر زەنجىرى  + ئۇچۇر ، بۆلەكلەر زەنجىرى + ئاكسىيە ،  بۆلەكلەر زەنجىرى + سۇغۇرتا قاتارلىق كۆپ خىل ئەمەلىي ئىشلىتىش بولىدۇ . نۆۋەتتە ، بۆلەكلەر زەنجىرىنىڭ پۇل مۇئامىلە ساھەسىدە قوللىنىلىشى ئەڭ پىشىپ يېتىلدى ؛

 

    2. بۆلەكلەر زەنجىرى + ئىنتېرنېت تورىنى باشقۇرۇش : بۆلەكلەر زەنجىرى تېخنىكىسى تور باشقۇرۇش ، ئوقۇش تارىخىنى دەلىللەش ، كىملىك دەلىللەش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆپ ئىشلىتىلىدۇ ؛

 

    3. بۆلەكلەر زەنجىرى + ئېنېرگىيە : ئاساسلىقى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ، ئېكولوگىيە سىستېمىسى ، ئېنېرگىيەنى ئەقلىي تەڭشەشتىن ئىبارەت ئۈچ جەھەتتە ئىپادىلىنىدۇ ؛

 

    4. بۆلەكلەر زەنجىرى + ھۆكۈمەت : ئۇ ئاساسىي ئۇچۇرلارنى قوغداش ، پۇقرالارنىڭ سالاھىيىتىنى دەلىللەش ، ھۆكۈمەت ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش ، ھۆكۈمەت بېجىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ، تۈرگە ئاشكارا خېرىدار چاقىرىش ، قۇتقۇزۇش مەبلىغىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ، لاتارىيە بېلىتىنى توردا تارقىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە بولىدۇ ؛

 

    5. بۆلەكلەر زەنجىرى + داۋالاش : نۆۋەتتە ئاساسلىقى ئېلېكتىرونلۇق ساغلاملىق كېسەللىك تەرىخى ، «DNA ھەميانى » ،دورا ساختىلىقتىن ساقلىنىش  قاتارلىق جەھەتلەردە بولىدۇ ؛

 

    6. بۆلەكلەر زەنجىرى + نەشر ھوقۇقى ، بۆلەكلەر زەنجىرىدىن پايدىلىنىپ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى جاكارلاش ، ۋاقىت تامغىسى بېسىش ، ئاپتورنىڭ ھوقۇقىنى قوغداشنى ئاسانلاشتۇرىدۇ ؛

 

    7.بۆلەكلەر زەنجىرى + نەرسە تورى ، نەرسە تورى ئۈسكۈنىلەر ئارىسىدا تۆۋەن تەننەرخ يۇقىرى بىخەتەرلىك ئۇلىنىپ ، ئادەم بىلەن ماشىنا ، ماشىنا بىلەن ماشىنا ئوتتۇرىسىدىكى ئالماشتۇرۇش ، سودا قىلىش ، چىقىم قىلىشنى تەدرىجىي ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ ؛

 

    8. بۆلەكلەر زەنجىرى + يېزا ئىگىلىك: ئىككى تەرەققىيات يۆنىلىشى بار ، بىرى ، تاۋارلاشتۇرۇش + بۆلەكلەر زەنجىرى بولۇپ ، ئىستېمال تەرتىپىنى تولۇق ئاشكارىلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ؛ ئىككىنچى ، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى + بۆلەكلەر زەنجىرى بولۇپ ، ئۇ يېزا ئىگىلىكىنى يۈكسەلدۈرۈپ ، ئالدامچى سۇغۇرتىسىنى ئۈنۈملۈك ئازايتىدۇ ؛

 

    9. بۆلەكلەر زەنجىرى + خەير – ساخاۋەت :كىشىلەرنىڭ خەير – ساخاۋەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش  ئۇسۇلى ۋە ئورگانلارنىڭ  ئىئانە پۇلنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ ، خەير – ساخاۋەت  قىلىشتا سودا تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ ، ئىئانىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،خەير – ساخاۋەت  ئىشىغا قاتناشقان ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۆز ئارا ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىدۇ  . بۇ   ئارقىلىق   كەسىپنىڭ   تەرەققىياتىنى   ئىلگىرى   سۈرىدۇ .

 

    بۇنىڭدىن باشقا ، بۆلەكلەر زەنجىرى يەنە بۆلەكلەر زەنجىرى + ئىجتىمائىي ئالاقە تورى  ،بۆلەكلەر زەنجىرى + ئويۇن ،بۆلەكلەر زەنجىرى + پويىز بېلىتى ، بۆلەكلەر زەنجىرى + ئېلېكتىرونلۇق يوللانما قاتارلىق ساھەلەردە گەۋدىلىك ئىپادىلىنىدۇ . قىسقىسى ، بۆلەكلەر زەنجىرى تېخنىكىسى تۇرمۇشنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ – پۇچقاقلىرىغا سىڭىپ كىرەلەيدۇ . كەلگۈسىدە ، بۆلەكلەر زەنجىرى  تېزلىكتە بىلەن كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا سىڭىپ كېتىدۇ .

 

ئاخىرىدىكى خۇلاسە  

 

    بۆلەكلەر زەنجىرى بىر تېخنىكا بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ماھىيەتتە ئۈزلۈكسىز ئىسپاتلىنىدىغان تەقسىملەنمە ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان ئېلېكترونلۇق ھېسابات دەپتىرى ، ھەمدە مۇكاپاتلاش مېخانىزمى ئارقىلىق ئابونتلارنى ھېسابات خاتىرىلىشىگە ئىلھاملاندۇرۇپ ، ئۇچۇر يەتكۈزۈشنىڭ ئوچۇق – ئاشكارا ، بىخەتەر ، ئىشەنچلىك ، مەركەزسىزلەشتۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك نۇقتىدىن – نۇقتىغا قىممەت يۆتكەشنى ئىشقا ئاشۇردى.

 

     بۆلەكلەر زەنجىرى ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور كەسىپلەرنىڭ بىرى . بۆلەكلەر زەنجىرى ، پۇل مۇئامىلە پەن – تېخنىكىسى ۋە كەلگۈسى جەمئىيەت . ئۇنى ئىگىلىسىڭىز ، ھەممە ئىشتا غەلىبە قازىنىسىز ، ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ قالسىڭىز ، كىشىلىك ھاياتىڭىزنى ئۆزگەرتىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويىسىز .

 

 

UT-Uyghur Reporter 6

Next Post

ئەكبەر ئەسئەتنىڭ تەقدىرى خەلقئارا ئاخباراتتا كەڭرى يەر ئالدى.

دۈ يانۋار 4 , 2021
باغداش تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەكبەر ئەسئەتنىڭ 2016- يىلدىن بېرى ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئامېرىكىدىكى ھەدىسى ئادۋۇكات رەيھان ئەسئەت ئۆتكەن بىر يىلدىن بېرى كەڭ تاراتقۇلار ۋە ئىجتىمائىي مېدىيالار ئارقىلىق ئىنىسىنى قۇتقۇزۇش پائالىيتىنى قانات يايدۇرۇپ كەلگەن ئ‍ىدى. نۆۋەتتە خارۋات ئۇنىۋېرستېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىلىرى، يەھۇدىي ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇن ۋە تەشكىلاتلار رەيھانغا ئاۋاز قوشۇپ، ئەكبەرنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلماقتا. رەيھان ئەسئ‍ەتنىڭ ئ‍نىسىنى ئىزدەش ھەرىكىتى تاراتقۇلاردا كەڭ خەۋەر قىلىنغاندىن باشقا، تۋىتتېردىمۇ زور تەسرلەرنى قوزغىماقتا.

You May Like