بىتكوين500 مىڭ دوللارغا ئۆرلەمدۇ؟

كەلگۈسى 12 ئاي ئىچىدە بىتكويننىڭ باھاسى 100 مىڭ دوللاردىن 200 مىڭ دوللارغا ئۆسۇش ئىھتىماللىقى زور دەپ قارىلۋاتىدۇ .
ھازىر بىتكوين بۇقا بازىرى دەۋرىدە تۇرماقتا

ئۇيغۇر ئاگىنتلىقى

تۇيغۇ

2021-01-04

كەلگۈسى 12 ئاي ئىچىدە بىتكويننىڭ باھاسى 100 مىڭ دوللاردىن 200 مىڭ دوللارغا ئۆسۇش ئىھتىماللىقى زور دەپ قارىلۋاتىدۇ .
ھازىر بىتكوين بۇقا بازىرى دەۋرىدە تۇرماقتا. 2020- يىلدىن بۇيانقى ئېشىش نىسبىتى% 200 تىن ئېشىپ ، 2020-يىلدىكى كۆپ قىسىم پاي بازىردىن ئېشىپ كەتتى .
ئەمما بۇ قىتىملىق ئۆسۇش 2017-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئ‍ۆسۇشكە ئوخشىمايدىغاندەك قىلىدۇ:
سەۋەپلىردىن بىرى بولسا ، تارىختىكى رىكورتنى قىرىپ تاشلىدى،
ئىككىنچىدىن ، كۆپقىسىم ئورگانلار ۋە چوڭ شىركەتلەر بىتكوين توپلاۋاتىدۇ.

 

«بىز پۇل ۋە كرېدىت دولقۇنىدا».
بۇ كالا بازىرى دەۋرىدە ، مەركىزىي بانكا پۇللىرىنىڭ تېز سۈرئەتتە كېڭىيىشى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولۇش سۈپىتى بىلەن ، بىتكوينىنىڭ ئالتە خانىلىق باھاغا يېتىشى توغرىسىدىكى مۆلچەرى تېخىمۇ ئومۇملشۋاتقاندەك تۇرىدۇ.
راي دالىيوغا(Ray Dalio)ئوخشاش مىلياردېرلار بىتكوين ۋە ئالتۇنغا مەبلەغ سېلىش ئويىغا كېلىشكە باشلىغان .
ئۇ 12-ئاينىڭ 8-كۈنى Reddit يىغىنىدا مۇنىلارنى دىگەن :
«بۇ كەلكۈن دولقۇنى پەسەيمەسلىكى مۇمكىن. نەرسىلەر پۇلنىڭ كۇرسىنىڭ چۈشۈشى بىلەن ئۆلچەنگەن تەقدىردىمۇ ، ئۇلارنىڭ قىممىتى يەنىلا تۆۋەنلىمەيدۇ. ئەمما مۇھىمى پۇل ، دۆلەت ۋە مۈلۈك سىنىپى جەھەتتە كۆپ خىللىشىشىمىز كېرەك».
بىتكويننىڭ 100مىڭ ۋە ياكى 200 مىڭ دوللارغا ئۆسۇش ئىھتىماللىقى بارمۇ ؟
Cointelegraph نىڭ 5-ئايدىكى دوكلاتىدا تىلغا ئېلىنغاندەك ، مورگان كرېكنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى مارك يۇسكو(Mark Yusko بىتكويننىڭ باھاسىنىڭ كەلگۇسىدىكى بىر يىل ئىچىدە 100 مىڭ دوللاردىن ئېشىپ كېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان . ئۆتكەن يىل 5-ئايدىن باشلاپ ، بىتكويننىڭ باھاسى بىر ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشقان . ئەمما كەلگۈسى 12 ئاي ئىچىدە ، مۆلچەردىكى ئالتە سانغا يېتىش ئۈچۈن بىتكويننىڭ باھاسى % 300 ئەتراپىدا ئۆسۈشى كېرەك.

 


«رەقەملىك ئالتۇن»؟

قىزىقارلىق يېرى ، بىتكوين 12-ئاينىڭ بېشىدا تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىگە ئۆرلىگەن ، ئۇنىڭ 2020-يىلدىكى ئىپادىسى ئالتۇننىڭكىدىن زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەن .
مەسىلەن ، نويابىردا سىتىبانكنىڭ(Citibank)تەھلىلچىسى خېرىدارلارغا بەرگەن دوكلاتىدا بىتكويننىڭ 2021-يىلى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 318 مىڭ دوللارغا يېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
سىتىبانكنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلىرى ھازىر بىت تەڭگىسىنىڭ بۇقا بازىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئىكەنلىكى ۋە قارىماققا «ناھايىتى ئېنىق مەبلەغ سېلىش يولى»ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرغا قويغان ، ئۇلار بىتكوينىنىڭ 2021-يىلى 12-ئايدىكى نىشان باھاسى 318 مىڭ دوللار قىلىپ بېكىتىلىشى كېرەك دەپ قارايدۇ.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، JP Morgan Chase يەنە بىتكويننىڭ ئەنئەنىۋى مەبلەغ سالغۇچىلار ئارىسىدا بارغانسېرى ئالقىشقا ئېرىشىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىشكە باشلىغان. ئەمەلىيەتتە ، ئاللىبۇرۇن «ئىنتايىن پىشىپ يېتىلگەن» ئالتۇن مەبلەغ سېلىشقا سېلىشتۇرغاندا ، بۇ مەبلەغ سېلىش بانكا ماگناتى بىتكويننىڭ «رەقەملىك ئالتۇن» بولۇش سۈپىتى بىلەن تېخىمۇ چوڭ ئۆرلەش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە دەپ قارايدىكەن .

 


بۈگۈنكى كۈندە ، بىت تەڭگىسىنىڭ بازار سىغىمى ئالتۇننىڭ بازار قىممىتىنىڭ% 4 كىمۇ يەتمەيدۇ. بۇ غايەت زور ئۆرلەش يوشۇرۇن كۈچى باشقا داڭلىق مەبلەغ سالغۇچىلارنىمۇ بىت تەڭگىسىنىڭ بازار قىممىتى 9 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغانلىقى ، ھەتتا ئالتۇندىن ئېشىپ چۈشىدىغانلىقى توغرىسىدىكى مۆلچەرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
مورگان كرېكنىڭ (Morgan Creek ) ئانتونىي پومپلىيانونىڭ (Anthony Pompliano ) بىت تەڭگىسىنىڭ باھا مۆلچەرى 2021-يىلى يەنىلا 100،000 دوللار. قانداقلا بولمىسۇن ، BTC يازدا ئالتۇن باھاسىغا يېتىشىۋېلىشقا باشلىسا ، ئۇ 400 مىڭ دوللارلىق ئۇزۇن مۇددەتلىك نىشان دەپ قارايدۇ . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، Gemini Exchange نى قۇرغۇچىلار تايلېر ۋە كامېرون ۋىنكلېۋوسنىڭ(Cameron Winklevoss)قارىشىچە ، بىتكوين بولسا «ئالتۇندىن ياخشى ئالتۇن» . شۇڭا كەلگۇسىدە بىتكويننىڭ باھاسى 500 مىڭ دوللارغا ئۆرلىشىمۇ مۇمكىن دىگەن.
كامېرون مۇنداق دېدى: MicroStrategy ۋە باشقا مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرىنىڭ زور مىقداردىكى بىتكويننى سېتىۋېلىشى پەقەت بىر چوڭ بۇرۇلۇشنىڭ باشلىنىشى ، تېخىمۇ مۇھىمى ، ۋال كوچىسى ئاللىقاچان بىتكوينىنىغا مەبلەغ سېلىش يولىنى باشلىدى .
ئاخىرىدا:
بۇ ماقالە پەقەت تەرجىمە قىلىنغان ، مەزمۇنى ئۇچۇر يەتكۈزۈش ئۈچۈن بولۇپ ، ھېچقانداق مەبلەغ سېلىش مەسلىھەتلىرىنى تەشكىل قىلمايدۇ.

 

ئەسلى مەنبە :

 

https://cointelegraph.com/news/top-6-bitcoin-price-prediction-to-watch-in-2021

 

https://www.youtube.com/watch?v=uvSM3y_BdS8&feature=emb_title

UT-Uyghur Reporter 6

Next Post

خىتاي 2027- يىلغا بارغاندا ئامېرىكا بىلەن ئاسىيادىكى ھەربىي ئۈستۈنلۈكنى باراۋەر قىلىشنى نىشانلاۋاتىدۇ.

دۈ يانۋار 4 , 2021
بېيجىڭ: «خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى 2027- يىلغا بارغاندا، ئاسىيانىڭ غەربىي تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئامېرىكا ئارمىيىسى بىلەن باراۋەر بولغان ھەربىي كۈچكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يېڭى نىشان بەلگىلىگەن بولۇشى مۇمكىن.» دېدى.

You May Like