بىرئۇيغۇر زىيالينى قانداق ئامىللار چېرىكلەشتۈرىدۇ؟

تاھىر ئىمىن ئۇيغۇرىئان

(بۇ بۇرۇن يازغان قسقا ماقالەم ئىكەن. مەن ئەخلاق ياكى پىرىنسپ ئۈلگىسى ئەمەس، بەزى سەۋەنلىكلەر مەندىمۇ سادىر بولىدۇ، ئەمما توغرا قاراشلارنى ئورتاقلىشش بۇرچىمىزدۇر)

تىلىمىزدىكى بىر زىيالى سۆزىنى بىر  ئىلىم ئەھلى، تەتقىقاتچى ،ئالىم  دەپ چۈشەنسەك، بىر ساغلام زىيالى مەلۇم ساھەدە چوڭقۇرلىغان ئىلىم ئەھلى،  ئۇنىڭ خىزمىتى- توغرا ۋە ھەقىقەت ئۈستىدە ئىزدىنىش  ۋە ئىزدىنىش نەتىجىسنى جەمئىيەت بىلەن ئ‍ورتاقلىششتىن ئىبارەت.

بىر ساغلام زىيالى-ئىلغار جەمئىيەتنىڭ مەھسۇلاتى بولۇش بىلەن بىرگە، ئۇ يەنە ساغلام جەمئىيەتنى بەرپا قىلغۇچى ۋە ھەسسە قوشقۇچىلاردىن، تەركىپلەردىن بىرىدۇر. زىيالى-ئۇ ئنسانىيەت ياكى ئاۋامغا ئورتاق بولغان توغرا-خاتا ، مۇھىم ياكى ئەرزىمەس، پايدىلىق ۋە پايدىسز نەرسلەر ھەققىدە مەلۇمات بىرىدۇ. 

ئۇيغۇرلارنىڭ مۇھاجىرەتتە  ساھەلەر بويىچە ياخشى تەربيە كۆرگەن،  نەتىجە قازاقغان زىيالىيلار قوشۇنى ئاز  ئەمەس، ئەمما ئۆز خىزمىتى ۋە مەسئۇلىيتىنى ئادا قىلغان زىيالىيلار ئاز. شۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇر مۇھاجىرەت جەمئىيتى قارىماققا رەتسز، نادانلىق ۋە قالاقلىق -ئادالەتسزلىك ئەۋج ئالغاندەك كۆرۈنىدۇ.بۇ قسقا ماقالىدە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەڭ جىددى مۇھتاج پەيتلىرىدە ئۇلارغا خىزمەت قىلىشتىن  چېكىنگەن زىيالىيلارنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە ئەمەس،  خىزمەت قىلغان -قىلمىغان ھەر قانداق بىر ئۇيغۇر زىيالىيسنىڭ چىرىكلىشىگە سەۋەب بولىدىغان ئامىللار ھەققىدە توختىلىمەن.

بىرئۇيغۇر زىيالينى قانداق ئامىللار چېرىكلەشتۈرىدۇ؟

قورقۇنچاقلىق:

ئۆز ساھەسدە ياكى خەلق ھاياتىدا ئەڭ جىددى ۋە مۇھىم بولغان تېمىلارغا كىرمەسلىك، ئىزدىنىش نەتىجىسى، بايقىغانلىرىنى ياخشى باھاغا ئىرىشەلمەسلىك ۋە تەنقىدكە ئۇچراشتىن قورقۇپ ئىلان قلماسلىق، ئۆزى بىلىدىغان ھەم ئاشكارا بولغان توغرا-ھەقىقەت تېمىلىرىدا قورقۇنچاقلىق سەۋەبىدىن ھەققانى بولماسلىق ئىلىم ئەھلىنى چىرىكلەشتۈرىدۇ. ئىلىم ساھەسىدە يېڭىلىق يارىتىش-كونىغا، ئومۇملاشقان خاتا نەرسلەرگە جەڭ ئىلان قىلىش دىگەنلىكتۇر. ئەگەر ئومۇملىشپ كەتكەن دوگما، خاتا نەرسلەرگە قارشى جەڭ ئىلان قىلالمىسا، ئۇنىڭ ماڭىدىغان يولى-مەڭگۈ باشقىلار ياراتقاننى ئىز بىېسپ مېڭىش بىلەن خاراكتىرلىنىدۇ.ھەقىقەتنى بىلىپ تۇرۇپ، جاسارەتلىك بولمىسا-ئىلىم نادانلىق ۋە ئادالەتسزلىك ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.

قسقا ۋە تىز ئۈنۈمگە ئېرىشش قىزغىنلىقى: 

 ئىلىم ئۈچۈن ھەقىقى بەدەل تۆلەشنى خالىماسلىق، ئىلىم ساھەسى قسقا ۋاقىتتا مول نەتىجە ئالىدىغان ھۈنەر-كەسپكە ئوخشمايدۇ.ئاۋال باشقىلارنىڭ شۇ ساھەدە ئىزدەنگەنلىرىنى تەكشۈرۈش ۋە ئۆگىنىشكە توغرا كىلىدۇ. ئۇنىڭدىن خاتالىق ئىزدەشكە، يېڭى بايقاش ۋە تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن زىھىن سەرپ قىلىشقا توغرا كىلىدۇ.تىز ئىلان قىلىنغان نەرسلەر كۆپىنچە ھاللاردا ئۆز نەتىجە ئەمەس، كۆچۈرمە بولۇپ چېقىدۇ.

ئېتىراپ قىلىنىش ۋە شۆھرەت قوغلىشش: 

سۈپەت ۋە ئۆلچەمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويماسلىق،  ئەمگىكى ئۈچۈن دەرھال ئېتىراپ قىلىنشنى قوغلىشش- ئىلمى ئەمگەكنىڭ قىممتىنى تۆۋەنلەشتۈرىدۇ، شۇ ئىزدەنگۈچىگە بولغان ئ‍شەنچنى ئۆلتۈرىدۇ.

ساراي بۇلبۇلى بولۇۋىلىش ۋە ھەققانى بولماسلىق: 

ھۆكۈمەت ياكى مەلۇم تەشكىلات ئەتراپىغا ھوقۇق ۋە ئىمتىىياز ئۈچۈن توپلىشش؛ھەقىقەت ئىزدەش ۋە بىر جەمئىيەتنىڭ  توغرا -پايدىسى ئۈچۈن ئەمەس، تەرەپبازلىق ۋە گۇرۇھۋازلىق ئۈچۈن تەتقىقات ئىلىپ بىرىش- يۈكسەك چىرىكلىشش ۋە توپلۇم شەكلىدە خاراپلىشققا سەۋەب بولىدۇ.بىر قېتىم ھەققانى بولماسلىق-تالاي قىېتىم ھەققانى بولماسلىققا سەۋەب بولىدۇ.توغرىلىق قەلبى ئۆلگەن ئىلىم ئەھلى-بىر جەمئىيەت ۋە مىللەتنىڭ ئەڭ كۈچلۈك دۈشمىنىدۇر.ئۆز نۆۋىتىدە، بىر ئۇيغۇر زىيالىسى خاتا يولدىكى نوپۇزغا قارشى ھەقىقەت تەرەپتە تۇرالايدىغان بولۇشى كىرەك.

جەمئىيەتتتىن ئايرىلىش:

 جەمئىيەتتىن ئايرىلىش، ئاۋام ئارسىغا كىرمەسلىك -ئىلىم ئەھلىنىڭ  جەمئىيەتنى چۈشنىش ئىمكانىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، جەمئىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش قىزغىنلىقىنى بوشاشتۇرىدۇ.ھەتتا ئاۋامغا قارشى روھى ھالەتنى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر بىر جەمئىيەت رەزىلىككە تولسا، ئەڭ ياخشى چارە ئۇنى تەرك ئېتىش ئەمەستۇر، قاخشاش -ئۆزىنى تەڭشەشكە پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن.ئەمما ساغلام تەنقىد مەسلىنىڭ يىلتىزىنى ئىزدەش ۋە ھەل قىلىش چارىسى ئىزدەشتۇر.بۇزۇلغان جەمئىيەتتە يالغۇز زىيالى ئۈچۈن مۇۋاپىق تەدبىر ئوخشاش پىكىرلىكلەر بىلەن ھەمكارلىشپ، ئۇنى ئ‍سلاھ قىلىش بولۇشى مۇمكىن.

ھەقىقەتنىڭ ئىنىقلمىسى ،ئىلىم ئەھلى ۋە  زىيالىينىڭ رولى ھەققىدە تۈرلۈك ئوخشمىغان قاراشلار بولسمۇ، ئەمما نۆۋەتتىكى ئ‍ۇيغۇرلارنىڭ رىئال ئەھۋالىنى چىقىش قىلغاندا، ھەقىقەت ۋە توغرا ھەققىدە ئىزدىنىش  ۋە ئۇنى  كەڭ دائىرىدە ئ‍نسانىيەتكە، تارا دائىرىدە شۇ ئ‍نسانىيەتنىڭ تەركىۋى بولغان ئۇيغۇر جەمئىيتىگە،  پايدىلىق ئ‍شلارغا ئ‍شلىتىش-ساغلام زىيالينى ئىرشىدىغان ئەڭ زور خوشاللىق بولۇشى مۇمكىن.

uyghurtimesuyghur

جاۋاب يېزىش

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ

Next Post

ختاينىڭ دۆلەت ھالقىغان زۇلۇمىنى مەلۇم قىلىش قوللانمىسى ئۇيغۇرچە ئىلان قىلىندى

سە سېنتەبىر 12 , 2023
رىچارد ئۇيغۇر ، 12-سىنتەبىر ختاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە باشقىلارغا قاراتقان دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇش زۇلۇملىرى ھەققىدە ئ‍سپات توپلاش، تەكشۈرۈش ئۈچۈن كىشلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار تەشكىلاتى (Safeguard Defenders ) «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنى مەلۇم قىلىش قوللانمىسى»تۈزۈپ ئۇيغۇرچە، ختايچە، تېبەتچە قوللانمىلىرىنى ئىلان قىلغان. مەزكۇر قوللانمىدا،دۆلەت ھالقىغان باستۇرۇشنىڭ ئىپادىلىنىش شەكىللىرى، ئۆزىنى قوغداش ئۇسۇللىرى، ھەر […]
ختاينىڭ دۆلەت ھالقىغان زۇلۇمى

You May Like