بىلال ئۇيغۇرنىڭ گېپى بار

بىلال ئۇيغۇرنىڭ گېپى بار

 غەرب ياكى ياۋروپادىكى دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان دەرنەك، تەشكىلات باشلىقلىرىنىڭ ئىشلىرىغا ئاللاھ ئاسانلىق بەرسۇن  دەپ باشلاي  ئىلتىماسىنى 

ھۆرمەتلىك تەشكىلات، دەرنەك، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ  باشلىقلىرى سىلەر  ئۆزۈڭلارنىڭ تۇرۇۋاتقان  دۆلەتنىڭ كۆچمەن قوبۇل قىلىدىغان ئىشخانىنىڭ ئالدىغا بېرىپ بىخەتەرلىك ۋە ياكى باشقا ھەر تۈرلۈك قىيىنچىلىقتا قالغان ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىزا ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىشى توغرىسىدا خىزمەت قىلىپ بېقىشىڭلارنى ئىلتىماس قىلىمەن. چۈنكى مەن بۇ خەتنى ھازىر  بىر قاچا تاماقنى 40 لىراغا يېگەندىن كىيىن  يېزىۋاتىمەن، 40 لىراغا تاماق ئېغىر كەلدىمۇ دېمەكچىمۇ سىز؟

توغرا ماڭا ئېغىر كەلدى  مەن  تۈركىيەدە پۇل تېپىۋاتقان بىر شەخس تۇرۇپ بىر قاچا نورمال تاماقنى ئۇ قەدەر پۇلغا يەپ راھەت بولالمىدىم، چۈنكى تۈركىيەدە  تېخى يولىنى تېپىپ بولالمايۋاتقان نۇرغۇن ئائىلە بار. يولىنى تاپقانلارنىڭمۇ ھەر ئايدا  10000لىرا مائاش ئالغان تەقدىردىمۇ ( نورمالدا 10000 لىرا تېخى خېلى يۇقىرى دەرىجىلىك مائاش )  5  كىشىلىك  بىر ئائىلىگە  يەتمەيدىغانلىقىنى  ئويلاپ ئولتۇرۇپ  ماڭا ئېغىر كەلدى. ئەسلىدىمۇ قىيىنچىلىقتا ياشاۋاتقان  قېرىنداشلا شۇئان  قانداق قىلىۋاتقاندۇ دەپ  ئېغىر كەلدى.

 بەزى ئۆزىنى بىلەرمەن  چاغلايدىغان باشقىلارنى دۆت چاغلايدىغان  ئەپەندىلەردەك :« سىلەرنى تۈركىيەدىن چىققىلى قويمايۋاتقان كۈچ بار، شۇڭا بىز ھەر قانچە كۈچىسەكمۇ  ئامال بولمايۋاتىدۇ»  دەپ ….  ئاقماس پاراڭ باھانىسىنى دېمەي  يولىنى مېڭىپ باققان بولساڭلار.  تۈركىيە تېخى  ھېچ كىمنىڭ باشقا دۆلەتكە چىقىپ كېتىشىنى توسىغىنى يوق، ئەگەر توسىغان بولسىدى ھەر-ھەر ۋاقتى ئۆتكەن پاسپورتلار بىلەن  بۇ يەرنىڭ چىگىرىسىدىن ئۆتەلمىگەن بۇلاتتى.
 
شۇنىڭ ئۈچۈن ھۆرمەتلىك باشلىقلار ھۆرمەتلىك ئاكتىۋىست قېرىنداشلار بىزلەرنىڭ ھېچ بولمىغاندىمۇ نورمال ۋىزا، ئىلتىماسىمىزنىمۇ بولسا قوبۇل قىلىدىغان  قىلىش ئۈچۈن  يولىنى مېڭىپ باققان بولساڭلار، ئاللاھ يولۇڭلارنى ئوچۇق قىلغاي.  
بۇ يەردىكى قىيىنچىلىق پەقەت ئىقتىساد قىيىنچىلىقىلا ئەمەس ھەم ئىقتىسادى ياردەم  مەسىلىسىمۇ ئەمەس ( مەن ئەسلىدىمۇ  تۈركىيەدىكىلەرگە ئىئانە توپلايدىغان ئىشقا قارشى بىرى) توغرا چۈشىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ يەردە بۇ  ھالەتتە كېتىۋەرسە  2018-يىلىدىكىدەك ئىشنىڭ تەكرارلىنىشىدىن ئەنسىرەيمەن. چۈنكى بۇ يەردە پۇل ھەر كىشىنى ھەر كويغا ھەر ئىشقا سالالايدىغان بىر يەركەن شۇڭا سۆزۈمنى مۇشۇ يەردە  ئاخىرلاشتۇراي. 
ئىنكاس يازىدىغان يېرىنى تاقىۋېتمە بۇنىمۇ توغرا چۈشىنەرسىلەر.
ھە راست بۇ يەردە ئاشخانىلارنىڭ ھېچ بىر گۇناھى يوق جۇمۇ بۇنىمۇ توغرا چۈشىنەرسىلەر.

 

بىلال ئۇيغۇر ئەپەندىمنىڭ فەيسبۇك بېتىدىن ئېلىندى

UT-Uyghur Reporter 1

Next Post

فىرانسىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى « خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» دە بايانات بەردى

سە دېكابىر 14 , 2021
فىرانسىيەنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى « خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كۈنى» دە بايانات بەردى

You May Like