ئارمان
ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 2021-يىلى 16- ئاۋغۇست
فرانسىيە ئاگېنتلىقى (AFP) نىڭ 16-ئاۋغۇست بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىدىن قارىغاندا بېيجىڭ تەرەپ ئۆزىنىڭ تالىبان بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋەت قۇرۇش ئارزۇسى بارلىقىنى ئىپادىلىگەن. خەۋەردە دېيىلىشىچە خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈن يىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا «بېيجىڭ تەرەپ ئافغانىستان خەلقىنىڭ قارارىغا شۇنداقلا ئۆزلىرىنىڭ كەلگۈسى تەقدىرىگە بولغان تاللاش ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىدۇ » دەپ بايانات بەرگەن. ئۇ سۆزىدە تالىبان تەرەپنىڭ نۇرغۇن قېتىم خىتاي بىلەن دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈمىدىنىڭ بارلىقىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى، خىتاينىڭ كابۇلدىكى باش كونسۇلخانىسىنىڭ نورمال خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان.
ئامېرىكا دۆلەتلىك رادىئو شىركىتى (ABC) نىڭ مۇخبىرىنىڭ : «سىز خىتاي ئافغانىستان خەلقىنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىدۇ دەپ ئۆتتىڭىز، ئەمما ھازىرقى ۋەزىيەت پۈتكۈل ئافغانىستان خەلقىنىڭ ئارزۇسى ئەمەس، دىپلوماتىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا خىتاي تەرەپ ئىزچىل تالىبانلار بىلەن ئالاقىنى ساقلاپ كەلدى، تېخى ئالدىنقى ئايدا تيەنجىن شەھىرىدە بىخەتەرلىك مەسىلىلىرى ئۈستىدە كاپالەتلەر بېرىلدى، بىز بۇنى خىتاي تەرەپنىڭ تالىبانلارنى ئېتىراپ قىلىشى دەپ چۈشەنسەك بولامدۇ؟» دېگەن سوئالىغا خۇۋا مۇنداق جاۋاب بەردى: » ۋاڭ يى مىنىستىر بىلەن تالىبان ئوتتۇرىسىدىكى بولغان سۆھبەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى توردىن ئىزدەپ كۆرۈۋېلىڭ، خىتاي تەرەپ ئافغانىستاندىكى ھەرقايسى تەرەپ، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق بىلەن ھەقىقىي تۈردىكى ئافغانىستانلىقلار ئۆزى ئىگىدارچىلىق قىلىدىغان پرىنسىپنى ئاساس قىلغان ھالدا ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان يېڭى تۈزۈلمىنى قۇرۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، مانا بۇ بىزنىڭ مەيدانىمىز. ئەگەر ئېتىراپ قىلىش قىلماسلىق مەسىلىسىگە كەلسەك بىز ئەزەلدىن دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرگە تۇتقان پوزىتسىيەرىمىزگە ئوخشاش، بىز ئۇلارنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئەزەلدىن ئارىلاشمايمىز». ئارقىدىن مەزكۇر مۇخبىرنىڭ: «سىز خىتاي تەرەپنىڭ بۇرۇنقى ئافغانىستان ھۆكۈمىتىگە شۇنداقلا تىنچلىق قوغداش قىسىملىرىغىمۇ ئوخشاش پوزىتسىيەدە ۋەدىلەرنى بەرگەنلىكىگە قانداق قارايسىز ؟» دېگەن سوئالىغا خۇا ئۇدۇل جاۋاب بەرمەستىن: » بىز ئەزەلدىن ئافغانىستان ھۆكۈمىتىدىن ئالاقىدار ئۇسۇللار ئارقىلىق خىتاي تەرەپنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ئورگان ۋە پۇقرالىرىنىڭ ئامانلىقىنى قوغدىشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن». دەپ مۈجمەل جاۋاب بېرىپ سوئالدىن ئۆزىنى قاچۇرغان.
ئوخشاش بىر كۈندە رۇسىيە تەرەپمۇ تالىبان ۋەكىللىرى بىلەن تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى بەرگەن باياناتىدا «رۇسىيە تەرەپنىڭ ئافغانىستاندا تىنچ ھالەتتە ھاكىمىيەت ئالماشقانلىقىدىن ئىنتايىن رازى ئىكەنلىكىنى، ئەمما تالىبان ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلىش قىلماسلىق مەسىلىسىدە يېڭى ھاكىمىيەتنىڭ كەلگۈسىدىكى پوزىتسىيەسىگە قاراپ ئاندىن قارار بېرىدىغانلىقىنى» بىلدۈرگەن.