بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىك ئۇمۇمىي يىغىننىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 7-نۆۋەتلىك ئۇمۇمىي يىغىننىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمىز

بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى فايسبۇك سەھىپىسىدىن ئېلىندى

 

ئۇيغۇر ئاگېنتلىقى 16 – نويابىر 

 

بېلگىيەدىن 5 ۋەكىل ۋە بىر نەپەر كاندىدات ۋەكىل چېخىيەنىڭ پايتەختى پىراگا شەھىرىگە بېرىپ  دئۇق 7-نۆۋەتلىك ئۇمۇمىي يىغىنىغا قاتنىشىپ ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن 200 دىن كۆپرەك قېرىنداشلار بىلەن كۆرۈشۈپ دىدارلىشىشقا ۋە سۆھبەتلىشىشكە مۇيەسسەر بولدى. دئۇق نىڭ دېموكراتىك ئۇسۇلدا ئېلىپ بېرىلغان سايلىمىدا يېڭى نۆۋەتلىك رەھبەرلىك قوشۇنى بارلىققا كەلدى.

بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئالدىنقى يىللاردا قىلغان خىزمىتى ئۈچۈن د ئۇ ق تەرىپىدىن مۇكاپاتلاندى. ئەلۋەتتە بۇ مۇكاپات بېلگىيەدىكى ۋەتەنپەرۋەر جامائەتكە مەنسۇپتۇر،  بىز بۇنى ۋەتەندىكى خەلقىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەمىلى ئىش قىلىشقا بېرىلگەن ئىلھام ۋە كۈچ دەپ بىلىمىز.

پىراگادىكى يىغىن جەريانىدا بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى يەنە نورۋىگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى، ئۇيغۇر ئەدىلىيە ئارخىپ ئامبىرى، ئەنگلىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، شۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى، شۋېتسارىيە ئۇيغۇرلارغا ئادالەت تەشكىلاتى ۋە گوللاندىيە ئىنسان ھەقلىرى فوندى بىلەن بىر يەرگە كېلىپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ بۇندىن كىيىنكى مەزگىللەردە ئۆز ئارا ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىپ ئەزىز مىللىتىمىز ئۈچۈن بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشقا كېلىشتى.

 

UT-Uyghur Reporter 19

Next Post

نورۋېگىيەدىن 7-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋەكىللەر غەلىبىلىك قايتىپ كەلدى

چا نويابىر 17 , 2021
نورۋېگىيەدىن 7-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىغا قاتناشقان ۋەكىللەر غەلىبىلىك قايتىپ كەلدى

You May Like