24-25-نويابىر كۈنى ،بېلگىيەنىڭ لۆۋېن ئۇنۋېرسىتدا «21-ئەسىردىكى ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە خەلقارالىق تەشكىلاتلارنىڭ رولى »دىگەن تېمىسدىكى مۇھاكىمە يېغىنىدا ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى ئاساسى تېما قىلىنغان بولۇپ، مەزكۇر مۇھاكىمە يىغىنىغا گوللاندىيەدىن لاگىر شاھىتى قەلبىنۇر سدىق خانىم، ئەنگىلىيەدىن ئەدىپ ۋە شائىر ئەزېز ئەيسا ئەلكۈن ، بېلگىيە ئۇيغۇر جەمئيتى رەئسى ئەكپەر تۇرسۇن قاتارلىقلار ختاي ھاكېمىيتى ئاستىدا ئۇيغۇر خەلقى دۇچ كىلىۋاتقان قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت پاكىتلىرىنىڭ گۇۋاھچىسى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى سۈپىتىدە سۆز قىلغان.
قەلبىنۇر سىدىق خانىم «بۇ پائالىيەتلىرىمىز ۋەتەندىكى چارىسىز خەلقىمىز ئۈچۈن مەنپەئەتلىك بولغۇسى» دىگەن ئارزۇسنى بىلدۈرگەن.
سۈرەت مەنبەسى: قەلبىنۇر سدىق فايىس بۇك ھساۋاتى